ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8570 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-11 18:32
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىپ مانا ھازىر بىر ئاي بۇلاي دەپتۇ ،ھەل قىلغۇچنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمىز .مۇشۇ جەرياندا كونا-يېڭى ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى يەنىلا ياخشى بولدى .يېڭى خەۋەر بىلەن بىزنى خەۋەردار قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى .ئەمما مۇنبەردە نەچچە يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىملا خاتالىق مەسلىسى ھازىرمۇ مەۋجۇت .كۆپچىلىككە ئايان ،يېقىندىن بۇيان خېلىلا ئەۋج ئالدى .ئىلگىرىمۇ بۇ توغۇرسدا كۆپ قېتىم توختالغان ئىدۇق ،بەزى ئەزالارنىڭ تېمىسىغا قارايدىغان بولساق ،سۆز -جۈملىنى ئىشلىتىش ،ئىملا جەھەتتە شۇنداق ياخشى ،ئۇقۇغان ئادەمگە بىر خىل راھەت بېغىشلايدۇ .قىزىق نوقتىلىق بىر تېمىنىڭ ئادەتتە مۇنبەردە كۈرۈلۈش قېتىم سانى 2000 ئەتىراپىدا بۇلىۋاتىدۇ .تېلىفۇندا تورغا چىقىدىغانلار ھازىر ناھايىتى كۆپ ،كۈرۈلۈش قېتىم سانى بەزى تېمىلارنىڭ 50 مىڭ ،ھەتتا 70 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ .( « بارىنىڭ تۇيى » دىگەن تېما مۇنبەردە 25 مىڭ ،تېلىفۇندا 300 مىڭغا يەتكەن ) شىنجاڭدىكى بىرىنچى پۇتبول مۇنبىرى دەپ قارىلىدىغان بۇ مۇنبەرنى سىرتتىن زىيارەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپيىۋاتىدۇ .بىر نەچچە تېمىدا ئەزالارنىڭ ئىملا جەھەتتىكى باشقىلارغا بەرگەن تەكلىپ ئىنكاسىنى كۆردۈم ،بەزى دوستلار كەمتەرلىك بىلەن قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ .يەنە بەزىلەر تېرىكىپ كېتىۋاتىدۇ .گەپنى قىسقا قىلاي : ئىملانى توغۇرلايلى ،مەسئۇليەتچان بۇلايلى ،مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بار ،شۇلار تەھرىرلەيدۇ ، ئوڭشايدۇ دەپ قاراپ تۇرماي ئۆزىمىزىدىن باشلايلى ...ھەممەيلەن ئۈگىنەيلى ...
قۇشۇمچە سۆز : مەن ئىلگىرى بىر ئىملا تەھرىرلىگۈچنى ئىشىلتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم ،بىراق ئەسلى تور بېكەت پۇل تاپشۇرماي ، تور بېكەت بىلەن تەڭلا ئېچىلماس بولدى .مەشغۇلات قىلىش ئاددى ،قۇلايلىق ئىدى .بىر مىنۇت ۋاقىت كېتەتتى .ئەمدى مۇنبەردىكى قېرىنداشلاردىن كۈتىدىغىنىم ،ياخشى ئىملا تەھرىرلىگۈچ بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار ...مۇنبەرنىڭ كۈرىنىدىغان يېرىگە چىقىرىپ قۇيۇپ ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلانساق ،بۇنىڭدىكى مەقسەت : قول كۆندۈرۈش ،كېيىن ئىشىلتىشنىڭ ھاجىتى يوق ،مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار ..پۇلغا ئېھتىياجى بارلارغا 10 مىڭ ياۋرو مۇكاپات ئۇرۇپ بېرىمەن . |
|