تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1616|ئىنكاس: 52

روبىن : ئارگېنتىنا بۈگۈنكى غەلبىگە مۇناسىپ ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
b7.jpg
سۇمرۇغ تەنتەربىيە خەۋىرى
   7- ئاينىڭ 10- كۈنى سەھەردە ئاياغلاشقان بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، ئارگېنتىنا رەقىپى گوللاندىيە بىلەن 120 مىنۇت تىرىكىشىپ  ئاخىردا نۇقتا توپ جىڭىدا گوللاندىيەنى يېڭىپ گېرمانىيە بىلەن ئوينىلىدىغان ھەل قىلغۇچقا كىرىپ كەتتى .
b8.jpg
   بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ 120مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە قارشى تەرەپكە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمىدى . شۇڭا  نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق ئاخىرقى نەتىجىنى بەلگىلىدى . گوللاندىيەلىك ‹‹كىچىك ئۇچار پىل ›› روبىن مۇسابىقىدىن كېيىن :‹‹ ئارگېنتىنا بۈگۈنكى غەلبىگە مۇناسىپ ئەمەس ، بۈگۈن ئۇلار جىق پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلمىدى ، كۆپ پۇرسەتلەرنى بىز ئىگەللىدۇق ›› دېدى . ئارقىدىن ئۇ ھەل قىلغۇچتا گېرمانىيەنىڭ ئۇتۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپ :‹‹ ھەل قىلغۇچ ؟مېنىڭ نۇرغۇن دوستلۇرۇم گېرمانىيە كوماندىسىدا، گېرمانىيە ئالدىدىكى مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولدى ، مەن گېرمانىيەنىڭ ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ›› دېدى .
    گوللاندىيە  ئارگېنتىناغا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن ئەمدى بىرازىلىيە بىلەن ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ .  روبىن ئۆزنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئانچە قىزىقمايدىغىنى بىلدۈرۈپ :‹‹ مەيلى ئۈچىنچى بولايلى ياكى تۆتىنچى بولايلى بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، راست گەپنى قىلسام بۇ نەتىجە مەن ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجە ئەمەس ، مەن پۈتكۈل كوماندامدىن پەخىرلىنىمەن .  لېكىن بىز دۇنيا لوڭقىسىغا شۇنچىلىك ئاز قالغاندا ئۇتتۇرۋەتتۇق ، بىز بەك ئازاپلاندۇق . ئەمەلىيەتتە بىز بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسەتتۇق ، بىز ھېچقانداق ئادەمدىن ئاغرىنمايمىز ، ھەممە كوماندا ئەزالىرى ياخشى رولىنى جارى قىلدۇردى ›› دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى .  
b10.JPG       
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ سۈرئەت ۋە ھېسسىيات › دېگەن كىنونىڭ 4-بۆلۈمىدە پاۋىل ۋېن دېسىلغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ ، مۇسابىقە پەللىسىگە ئاز قالغاندا ئۆزىنىڭ سوقۇلۇش سەۋەبىدىن ئۇتتۇرۇپ قويغىنىغا چىدىمىغان پاۋىل غوجىدارغا قاراپ : ( ئۇ يەڭگەنگە ھېساب ئەمەس ) دېگەندە غوجىدار ئۇنىڭغا ھومىيىپ قاراپ :( بېرىپ ئاپاڭغا يىغلاپ بەر ، سويما ! ) دەيدىغان بىر يېرى بارتى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +60 يىغىش سەۋەبى
friend + 10 ساپالىق بالا
missi + 50 دەششەت كەپتۇ ماۋۇ گەپ

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيەنىڭ گوللاندىيەگە 7 توپ ئۇرۇپ روببىننى قان-ياش يىغلىتىۋېتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا ئۇتتۇرغان تەرەپ مۇناسىپمىكەن،،،مەنچە بىرازىلىيە گوللاندىيەنى يېڭىپ كەيپىياتىنى ياخشىلۋالسۇن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەسىلنىڭ ياخشىسى ياز،
سەيلىدە قىلايلى ساز.
قۇشنىڭ ئەسكىسى غاز،
ئەجنەبىينىڭ ئەسكىسى تاز .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رېئاللىقنى قۇبۇل قىغىنى ياخشى،تېخى چۈشىدىن ئويغانماپتۇ بۇ .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىندىر بىلەن كۇيىتكە ئىچىم ئاغرىپ قالغان ما تازغا ئەمەس، قېرىغانسىرى بۇمۇ باشتىن كىتەمدۇ ئۆزلىرىنىڭ ياخىشى ئوينىيالمىغىننى ئىتراپ قىلسا بۇلاتتى ئەسلى

راستىنى دىسەم ئىسپاننى ئۇتۇپ قۇيۇپلا جاھانغا پاتماي قالغىلى تۇرغان بۇلا ئوبدان بولدى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيە ئارگىنتىنا نى قىرغىن قىل
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيە يەنە بىر قىرغىن قىلسا بولاتتى .....لىكىن قارشى تەرەپكە ئادەمنىڭ سەل ئىچى ئاغرىپ قالدىكەن ......
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازچاقلار قاق ئىتدۇ، ئۇز كۇڭلىنى خوش ئىتدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كۆپ پۇرسەتلەرنى ئىگەللىدوق دەپتۇما  ، سىنا كىرىپ مۇسابىقە قىسقارتىلمىسىنى قايتا كۆرۈپ باقسا بولامدۇ نىمە روبىن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كۆپ پۇرسەتلەرنى ئىگەللىدوق دەپتۇما  ، سىنا كىرىپ مۇسابىقە قىسقارتىلمىسىنى قايتا كۆرۈپ باقسا بولامدۇ نىمە روبىن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تاز سەن ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئەس قاتمايدىغان يىرىڭ بار،ئۆزەڭ پۇرسەت تۇتالمايسەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-14 10:09 , Processed in 0.089155 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش