akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1022|ئىنكاس: 17

قاراتۇلپاردىكى «بۈركۈت »كەيلور ناۋاس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىززەت –ھۆرمىتى ئۈچۈن جەڭ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر توپلاشقان 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىپ نۆۋەتتىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كەلگۈچە رىقابەتنىڭ كۈچلۈكلىكى، تىركىشىشنىڭ كەسكىنلىكى، تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن بىزگە ئاجايىپ ئونتۇلماس دەقىقىلەرنى سوۋغا قىلدى.
يۈكسەك دەرىجىدىكى ماسلىشىشچانلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان شىددەتلىك ھوجۇملارنى چىمىلىقتا پۇلات قورغان ياسىغان قاپقاۋۇللارنىڭ تەمكىنلىك بىلەن تارمار قىلغان كۈرۈنۈشلىرى ھەربىر توپ مەستانىسىنى ئاجايىپ گۈزەل ھىس تۇيغۇلارغا چۈمۈلدۈردى. مەنمۇ ئاشۇ ئونتۇلماس دەقىقىلەردە بىزنى ئاجايىپ ھىس –تۇيغۇغا چۈمۈلدۈرگەن قاپقاۋۇللارنىڭ سەركىسى بولغان ناۋاس ئۈستىدە توختىلىپ ئۈتىمەن.
قاراتۇلپاردىكى «بۈركۈت »كەيلور ناۋاس
001.jpg
ئىسمى : كەيلور ناۋاس
凯洛尔•纳瓦斯
Keylor Navas
دۆلىتى : كوستارىكا
توغۇلغان يۇرتى: ساينىت ئىسىدىرو
توغۇلغان ۋاقتى: 1986-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى:66كىلوگىرام
بۇي ئىگىزلىكى: 1مىتىر80سانتىمىتىر
لەقىمى: بۈركۈت
توپ تەپكەن كولۇبلىرى: ئارباساد كولۇبى، لەيۋەنتى كولۇبى
كەسپى ئالاھىدىلىگى: تېخنىكىسى پۇختا، ئىنكاسى تىز
002.jpg
كەسپى ھاياتى
ناۋاس 2006-يىلى 8-ئايدا دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىدۇ لىكىن دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى مۇسابىقىگە 2يىلدىن كىيىن مەيدانغا چىقىدۇ ۋە 2009-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا –شىمالى ئامرىكا ۋە كارىب دېڭىزى رايۇنى دۆلەتلىرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە دۆلىتىنى 4كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقە باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ، ئۈزىمۇ شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ۋارىتار شەرەپلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
003.jpg
2010-يىلى ئىسپانىيەگە قەدەم قويغان ناۋاس ھازىر ئىسپانىيە Aدەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى لەيۋەنتى كولۇبىدا توپ تىپىدىغان بولۇپ 2013-2014-مۇسابىقە پەسلىدە 37مەيدان مۇسابىقىدە39توپ كەتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 16مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىگە ئاق ۋاراق تاپشۇرغان. ھازىر كوستارىكا كوماندىسىنىڭ باش قاپقاۋۇلى.
004.jpg
تېخنىكا ئالاھىدىلىگى
ناۋاسنىڭ ۋارىتار ساقلاشتىكى تۈرلۈك تېخنىكىسى پۇختا بولۇپمۇ ئىنكاسى ئالاھىدە تىز بولۇپ دائىم ھەيران قالارلىق ئىپادىسى بىلەن خەتەرلىك توپلارنى توسۇپ كوماندىنى خەتەرلىك ھالەتتىن قوتقۇزۇپ قېلىشىغا قوشۇلۇپ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئېغىر –بېسىق سوغوققانلىقى كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىدۇ.
0000.jpg
2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ناۋاس مۇسابىقە باشلىنىشتىن بورۇن بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن مەخسۇس چويلاتوپ مەشىقلىنىش ئوسۇلىنى قوللىنىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى كوستارىكادا ناۋاسنىڭ ئىسپانىيەلىك چويلا توپ ماھىرى پابلو ئاندۇگار بىلەن بىرگەن مەشىق قىلغان كۈرۈنۈشلىرى بار سىن ھۆججىتى ئېقىپ يۈرگەن بولۇپ بۇن سىن ھۆججىتىدە پابىلو ئاندۇگار چويلا بىلەن توپنى ۋارىتارغا قارىتىپ ئۇرىدۇ، ناۋاس بۇ توپنى توسۇيدۇ، شۇ ۋاقىتتىكى توپنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 160كىلومىتىر بولۇپ ناۋاسنىڭ بۇ توپقا بولغان ئىنكاسىمۇ ناھايىتى يوقىرى بولىدۇ.

005.jpg
دۇنيا لوڭقىسى جەڭ نەتىجىلىرى
2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ناۋاسنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن تارتىپ 8كۈچلۈك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغىچە ناۋاس كىرىشكە تىگىشلىك 16توپتىن 14نى توسۇپ چىقىرىۋەتكەن بولۇپ توپ توسۇش ئۈنىمى %87گە يىتىدۇ.
006.jpg
تۇنجى مەيدان ئورۇگۋاي بىلەن بولغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ناۋاس فورلان ۋە كاۋانىنىڭ بومباردىمانىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالىدۇ. ئىككىنجى مەيدان ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ناۋاس بالوتىلى، پىرلو ۋە كاسانولارنىڭ كىرىشكە تىگىشلىك 4توپىنى مۇۋاپپىقيەتلىك توسۇپ قېلىپ كوستارىكا كوماندىسىنىڭ نىجاتكارى بولۇپ قالىدۇ.
007.jpg
8كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە ناۋاس پۇتۇن مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئەڭ ئالدىراش ئادەم بولۇپ قالىدۇ يەنى ئۇ پۇتۈن مۇسابىقە تۈگىگىچە شىددەت بىلەن قىلىنغان 7قېتىملىق ھوجۇمنى ئۈنۈملۈك توساپ كوماندىسىنى نوقتا توپ تىپىش باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ ۋە ئۈزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. مۇسابىقىدىن  كىيىن خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ ناۋاسنى بۇمەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر قىلىپ باھالايدۇ.
008.jpg
4كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىدە ناۋاس ئۈزىنىڭ رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدەك قىلىنغان ھوجۇملىرىنى بىر-بىرلەپ تارمار قىلىپ كوماندىسىنى يەنە بىر قېتىم نوقتا توپ تىپىش باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ناۋاس بۇ قېتىم كوماندىسىنى غەلبىگە يىتەكلىيەلمەيدۇ، نوقتا توپنى تۇسالماسلىق، گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئالمىشىپ چىققان ۋارىتارى كىلورنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن ناۋاس ۋە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ئاخىرلىشىدۇ.
009.jpg
گەرچە 4كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ ناۋاس بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرىشكە تىگىشلىك بولغان 7توپنى مۇۋاپپىقيەتلىك توسۇپ چىقىرۋىتىپ خەلىقئاراپۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بولۇپ باھالىنىدۇ.
010.jpg
مۇسابىقە ئوچۇرلىرى
011.jpg
كولۇب
مۇسابىقە        چىققان       ۋاقتى    كەتكۈزگەن   توسقان  توسقان نوقتا   قۇتقۇزغان     ئالغان
پەسلى    مەيدان سانى    (مىنۇت)      توپى        توپى        توپى          توپى     كارتىسى
2011.2012     1             90           0           41          0             0          0
2012.2013     9             810          10         419         1             0          0
2013.2014     37          3250          39          1522       1             0          3
012.jpg
2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى
                 5            510           2          226         0             21         1


ناۋاسنىڭ نادىر كۈرۈنۈشلىرى
http://player.video.qiyi.com/4fae4a6048e192aec77f597d4be5a35f/0/0/v_19rrhkp43o.swf-albumId=254455400-tvId=254455400-isPurchase=0-cnId=17


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 06:00:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوللاندىيە بىلەن ئوينىغاندە ۋەھشى تۇرىۋەتتىدە، بولمىسا 90 مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا بىر تەرەپ بولاتتى…
بۇ يىل باشقا ئورۇندىكى توپچىلارغا قارىغاندا ۋارتارلار بەكرەك چاقنىغان بىر يىل بولدى…
8 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار ئىچىدە كولۇمبىيەنىڭ ۋارتارسى بىر ئاز ئاجىز ئوخشايدۇ باشقا يەتتە كوماندا ۋارتارسىغا قارىغاندا…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 06:07:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل بۇيى پاكار بولمىغان بولسا ئىش باكەن بۇنىڭغا بۇنىڭ ھېچ بىر يۆتكىلىش خەۋىرى چىقمايدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 06:42:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل قاپقىچىلارنىڭ ماھارىتىنى كۆرىدىغان يىل بوپتۇ .....
مىكسىكا ۋارتاسى ئوچاۋىيا ، كەيلۇر ناۋاس    ...... يەنە خېلى كۆپقۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 09:58:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاشكەن دىسە بۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 10:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېكسىكىنىڭ ۋارتاسى قايسى كۇلۇپتا ئۇينايدۇ،؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 10:27:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
januzay يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 10:22
مېكسىكىنىڭ ۋارتاسى قايسى كۇلۇپتا ئۇينايدۇ،؟

ئۇ ۋارتا ئەركىن توپچىكىن، شۇڭا مىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتسا بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 10:34:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ۋارتاغا قايىل بولماي ئامال يوقكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 10:35:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاھارباغ يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 23:27
ئۇ ۋارتا ئەركىن توپچىكىن، شۇڭا مىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇت ...

ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 11:40:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۇرىدىكە بۇ گۇي ئىنكاسى ئېتتىك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 12:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلاند  ئىتالىيەنى  شاللىۋىتىشتە  بۇنىڭ  تۆھپىسى  چوڭ   .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-11 13:08:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكسىكىنىڭ ۋارتىرغا مەن قايىل بەك يامان نىمىكەن ئۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 17:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش