ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 406 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەن گېرمانىيەنىڭ بۇرۇنقى مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك كۆرگەن، مېنىڭچە گېرمانىيە كۆماندىسىنىڭ ئىپادىسى تۇراقسىز ئىكەن، 2002-يىلدىكى بىرازىلەگە لوڭقىنى تارتقۇزۇپ قويغان ۋاقىتلاردىمۇ تاراتقۇلار گېرمانىيەنى چىمپىيون بولىدۇ دەپ قارىغان ئىدى، 2006 يىلدىكى مۇسابىقىدىمۇ گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە ئاجايىپ ئويناپ قويغان ئىدى، 2010-يىلدىكى جەنۇبىي ئافرىقا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپ مۇسابىقىسىدىمۇ ئېسىل ئويناپ قويغان ئىدى، ئاخىرىغا بېرىپ ھەر قېتىم 2-، ياكى 3- بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم يەنە قانداق بولىدۇ بىر نىمە دىگىلى بولمىغۇدەك، پۇتبول دېگەن كوللىكتىپ ماسلىشىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان تەنتەربىيە تۈرى، ئارگېنتىنا مېسسىغىلا تاينىپ غەلىبە قىلالارمۇ؟ ياكى گېرمانىيە ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىلەردەك ئاخىرىغا بېرىپ يەنە 2- بولۇپ قالارمۇ؟ گېرمانىيە مەشقاۋۇلىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىسىدىكى تاكتېكىلىرىدىن قارىغاندا بۇ قېتىم بوش كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. |
|