ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 364 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-10 21:31

7-ئاينىڭ 9 -كۈنى پولشا ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى لەيۋەندوۋىسكى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىغا يىتىپ كەلدى.لەيۋەندوۋىسكى 2014—2015 پەسىلدىن باشلاپ بەيرىن مىيۇنخىننىڭ 9-نۇمۇرلۇق جەڭ كىيمىنى كىيىدۇ.مەنزۇرىچنىڭ مادىرىد رىقابەتكە يۆتكىلىشى بىلەن لەيۋەندوۋىسكى بەيرىن مىيۇنخىننىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى بولۇپ قالغۇسى.
بەيرىن مىيۇنخىن دورتمونىد بىلەن لەيۋەندوۋىسكىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بىرلىككە كىلىپ بولغان بولۇپ ئۇنىڭغا 5يىللىق توختام تەييارلىغان .لەيۋەندوۋىسكى بايرىن مىيۇنخىنغا ئەركىن توپچى سالاھىتىدە قىتىلغان،ئۇ 2010 يىلى دورتموندغا قىتىلغان بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن 4پەسلدە 131مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 74توپ كىرگۈزگەن.
ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىندا لەيۋەندوۋىسكى ئىپادە بىلدۇرۇپ: « مەن بايرىندا داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەيمەن ، بۇيەر بىر ئائىلىگە ئوخشاش كۇلۇب، مەن بۇ يەردە كوماندىدىكى دوسلىرىم بىلەن تىخىمۇ كۆپ چىميۇنلۈقنى قولغا كەلتۈرشۈمگە ئىشنىمەن » دىدى .
مۇبارەك بولسۇن مەھمۇدىيە بايرىن قاتارلىق بايرىن مىيۇنخىن مەستانلىرى. |
|