تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 932|ئىنكاس: 28

سىكولارى خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


بىرازىلىيەدە چىقىدىغان «لانس گېزىتى» مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى:« 1 - 7 نەتىجىدە گېرمانىيە دۆلەتلىك كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، برازىلىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سكولارى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تىرىنىرلىقتىن قالىدۇ».
بېيجىڭ ۋاقتى توققۇزىنچى ئىيۇل ئەتىگەندە بىرازىلىيە كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسىغا شەرمەندىلەرچە ئۇتتۇردى. بۇ مۇسابىقە دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تارىخى بويىچە ئەڭ زور نومۇر پەرقى رېكورتىنى يارىتىپلا قالماستىن، بىرازىلىيە دۆلەتلىك كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدۇ. كوماندىنىڭ ئاساسلىق تىرىنىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سكولارى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئاخىبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سكولارى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى.
سكولارى مۇنداق دېدى: «بۇ نەتىجىگە كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە مەن. ئەلۋەتتە كۆپچىلىك بۇ كوماندىدىكى ھەر بىر توپچىنى ئەيىبلەيدۇ، لېكىن ئاساسلىق سەپ شەكلىنى تاللىغان، تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان مەن، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئازابلىق كۈن، بىز توپنى ياخشى ئويناشنى بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىپ كۈرەش قىلىشنى ئويلىدۇق، لېكىن رەقىبىمىز گېرمانىيە كوماندىسى بىر كۈچلۈك كوماندا».
ئۇ بۇ ھەقتە ئىنچىكە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:«مېنىڭ بارلىق بىرازىلىيەلىكلەرگە دەيدىغىنىم، بۈگۈنكى ئىپادىمىزنى كەچۈرۈڭلار، مۇسابىقىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىزنى كەچۈرۈڭلار، بۇ نەتىجىگە كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە مەن. ئەلۋەتتە كۆپچىلىك بۇ كوماندىدىكى ھەر بىر توپچىنى ئەيىبلەيدۇ، لېكىن ئاساسلىق سەپ شەكلىنى تاللىغان، تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان مەن. ئۈچىنچى تۆتىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا بىز بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىپ مۇسابىقىدا غەلىبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، بىز يەنە داۋاملىق تىرىشىمىز.»
گەرچە بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن بىرازىلىيە پۇتبول جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مەيلى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سكولارى دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن داۋاملىق تىرىنىرلىق ۋەزىىپسىنى ئۆتەيدۇ دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن سكولارىنىڭ تىرىنىرلىقتىن قېلىشى مۇقىم دېيىشكە بولىدۇ. بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى:« ئەگەر سكولارى ۋەزىپىسىدىن چۈشسە بىرازىلىيە 20 ياشتىن تۆۋەنلەر كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى گالو بىرازىلىيە كوماندىسىغا ۋاقىتلىق تىرىنىر بولىدۇ، لېكىن گالونىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر كوماندىسىغا تىرىنىرلىق قىلىش تەجرىبىسى كەم بولغاچقا ئۇنىڭ بىرازىلىيە ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرىنىر بولۇش ئېھتىماللىقى زور، دىت سكولارىنىڭ ئورنىنى ئالدىغان ئەڭ ياخشى نامزات، دىت 1961 - يىلى تۇغۇلغان، 2012 - يىلى برازىلىيەدىكى كىلنتىئان كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن».

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەنلىك پۈتۈنلەي بۇ تېرنىردا ئەمەستى...
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭ بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدا توھپىسى زور ،بۇ ئادەمنىڭ تىرىرلىق قىلۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولغاندۇ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنىڭ پۇقى مىڭگە بولۇپ بۇ ئۇستازنىڭ خاتالىقى كوماندىنىڭ بېشىغا چىقتى  ، شۇنىڭ ھۆكۇمەت ئىشەككە كۇچۇڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمىنى دەپ كۇچى مۇشۇ تەلەيسىزگە يىتىپتۇ دە .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئامال يۇق سەپ شەكىلنى ئۈزگەرتىپ يىڭى تاھتىقا قۇللانغان بۇلسا بوپتىكەن ، بۇپتۇ ئەمدى ئارام ئالسۇن ئۈزىمۇ قېرىپ قالدى ، تېرنىرلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇشىدا ئازاپ بىلەن خوشلاشتى ھۆرمەت ..........
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىلقى قېرى تېرىنېرلاردا تاكتىكا خاتالىقى كۆپ بولدى . بوسېك ، كاپېررو .... ھەممىنى بۇنىڭدىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ . گىرمانىيە كوماندىسى ھەقىقەتەن قالتىس ئوينىدى . مەسىلە تاكتىكىدىلا بولۇپ قالماستىن ، يەنە ئىپادىسنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ، بىر توپ يىيىش بىلەن سەپ شەكلىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى بولدى . مەيدان كەيپىياتىنى توغرىلايدىغان ، رېتىمىنى ئوڭشايدىغان توپچى ئالمىغان سەۋەنلىكمۇ سىكولارىدا ... خەيىر ، بولار ئىش بولدى . بۇنىڭ سەۋەبچىسى سەنلا ئەمەس !!!~~
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ ئەكەپ قويسىمۇ بولىدىكەن ھە !

http://www.nur.cn/news/2014/07/176502.shtml
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆچۈرۈلمىگەن يەنە بىر پارچە رەسىمى قېلىپ قاپتۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7-1نەتىجىنى تاكتىكا خاتالىقى دىيىش ئەقىلگە سىغامدۇ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيەنىڭ قىسمىتىگە شۇ پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ. سىكولارنىڭ جەڭچىلىرى  رەقىبىنى بوش چاغلاپ قالدى. كونا ئۇسۇل كارغا كەلمەي قالدى شۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىپ 3- لىكنى بولسىمۇ قولغا كەلتۈرىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن. قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇڭلا سامباچىلا !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم بۇ ئادەممۇ خاتالاشقاندۇ ،    لىكىن   10 مىنۇتنىڭ ئىچىدە  ئۈچ توپ كەتكۈزشنى  بۇ قىرى ئادەمدىن بەكىرەك  شۇ مەيداندىكى  توپچىلار   ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك .   

بۇ  ئادەمنىڭ خاتالىقى : ساھىپخان مەيدانغا  بەكلا ئىشەنچ قىلىۋەتكەنلىكى        ھەمدە   تۈرلۈك  ئىھتىماللىقنى ئويلىشىپ    كەيپىيات ھەم باشقا جەھەتلەردە تەڭشەك ئىلىپ بارالايدىغان بىر  ‹‹قىرى  بىرازىلىيان ›› نى ئىلۋالمىغانلىقىدا      بولدى ،      بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەيدانغا .   
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىكولارىغا قىرلىق يىتىپتۇ  ئەمدى ئارام ئالسا بولغىدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-13 09:04 , Processed in 0.084463 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش