ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1804 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىشقىلىپ ئارگىنتىنا بىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرمىدى،ياخشى ئوينىدى،مىسسى گەرچە توپ ئۇرمىسىمۇ لېكىن ئوتتۇرا مەيداندىكى ھۇجۇم تەشكىللىشى بەك ياخشى بولدى،ياراملىق ئوتتۇرا مەيدانچىنىڭ بولماسلىقى مىسسىنى تېخىمۇ كەينىگە ياندۇردى،بەزىدى ھەتتا مۇداپىئەگىچە قاتنىشىپ تۇردى،توردىكى سىستاستىكىلاردا مىسسىنىڭ يېقىنىقى ئۈچ قېتىمىلىق مۇسابىقىدىكى يۈگۈرگەن مۇساپىسىمۇ 30 كىلومىتىردىن ئېشىپ كەتكەن ! ئەمدى ھەل قىلغۇچقا دىمارىيا ئۈلگۈرۈپ ساقىيالىسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،لېكىن ئاگۇيرونىڭ ئىپادىسى پەقەت ياخشى بولمىدى،ئۆزى ئەكىرىشكە بولىدىغان ئالدىدا قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەچىس بولمىغان ئەھۋالدىمۇ توپنى باشقىلارغا بىرىپ تارتقۇزۇپ قۇيۇپ يۈرۈيدۇ،ھەل قىلغۇچتا مىسسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ! ھىگۇايىننىڭ ئىپادىسىمۇ كۈنسىېرى ياخشى بولىۋاتىدۇ،ئەگەر گىرمانىيە بىلەن ئوينىغاندا ئوتتۇرا مەيداندا بەك بېسىلىپ كەتمىسىلا چوڭ چاتاق چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ ! مەن پۇتبول مۇسابىقسى كۈرۈۋاتقاندىن بىرى ئارگىنتىنانىڭ بۇ قېتىم لوڭقىغا ئەڭ يېقىنلاشقان ۋاقتىكەن ، بۇلارنىڭ لوڭقا كۈتۈرگۈنىگە شاھىد بۇلۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن !
مىنىڭچە مىسسى دىمارىيا يوق ئەھۋال ئاستىدا سابىللا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئورۇنلىدى ،شۇنىڭ ئۆزىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ،ئەگەر توپ ئۇرىتتىم دەپ ئالدىغا چىقىۋالسا ئوتتۇرا مەيداندا كىم ھۇقۇم تەشكىللەپ 2-3 بىكنى ئۆزىگە قارىتىپ باشقىلارغا بوشلۇق يارىتىپ بىرەلەيدۇ ! |
|