تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1508|ئىنكاس: 35

تېخى تونۇردىن چىقمىغان ، قىزىق خەۋەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى :

بۈگۈن سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان خەۋەرلەر بولسا ، ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ بولغان ، لېكىن رەسىمى ئېلان قىلىنمىغان ، ئىچكى خەۋەرلەر .
مادرىد ئۈمىد يۇلتۇزى موراتتا ئۇزۇندىن بۇيان مادرىتتىن ئايرىلىش جىدىلىنى قىلىۋاتىدۇ ، سەۋەبى بىنزىمانىڭ زاپىسى بولۇپ ھاياتىنى زايە قىلغۇسى يوق ، مادرىد تەرەپ ئامال بار بۇ ياشنى تۇتۇپ قالماقچى بولغان بولسىمۇ ، بۇ نۆۋەت موراتتانىڭ قارارى كەسكىنرەك بولدى ، مادرىد تەرەپ بۇ نىڭغا قارىتا ئامال تېپىپ چىققان بولۇپ ، مادرىد كونا قائىدىسى بويىچە ، ئەگەر بەك چاقناپ كەتسە مادرىتقا قايتۇرۇپ كېلىش شەرتى بىلەن موراتتانى قولدىن چىقارماقچى بولغان ، بۇ سودىغا ئارسېنال ، يوۋىنتوس ، قاتارلىق زەردارلار قول تىققان بولۇپ ، يوۋىنتوسنىڭ بۇ سودىغا ئىزچىل ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى بىلەن موراتتانى يۆتكەش ئىشىدا مادرىد بىلەن دەسلەپكى بىرلىككە كەلدى . موراتتا يۆتكىلىش سوممىسى 25-20 مىليونغىچە قىلىپ بېكىتىلدى .

ئارسېنال تەرەپ بۇ سودىدىن قورۇق قالغاندىن كېيىن ، نىشانىنى بارسېلونا تەرەپكە قارىتىپ ، ئالكىس سانچىسنىڭ پىيىگە چۈشتى ، ئارسېنال بۇ قېتىم پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمىدى ، چۈنكى بارسېلونانىڭ سويارىز بىلەن يۆتكىلىش ئىشلىرىدا بىرلىككە كېلىپ بولغانلىق سەۋەپلىك ، سانچسنىڭ بارسېلونادىكى كۈنلىرى ، تەتۈر ساناق باسقۇچىغا بېرىلىپ قالغان ئىدى ئەگەر يەنە سۆرەلمىكىلىك قىلسا بۇ ئۆلجىدىنمۇ قۇرۇق قالاتتى . ئارسېنال تەرەپ سانچىس ئۇچۇن 30 مىليون فوندستېرلىڭ چىقارغان بولۇپ ، سانچىسنىڭ ئارسېنالدىكى ھەپتىلىك ئىش ھەققى 140 مىڭ فوندستېرلىڭ قىلىپ بېكىتىلگەن .

گېرمانىيە ئەڭ ئىشەنچىلىك خەلق گېزىتى  خەۋىرىدە ، تونى كىروسنىڭ مادرىتقا رەسمى يۆتكىلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، ئىسپانىيە ماركا گېزىتى دىمارىيا توغرىسىدا خەۋەر بەردى ، ماركا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دىمارىغا ئەڭ يېقىنلاشقان كۇلۇپ پارىژ سان جىرمان كۇلۇبى بولۇپ ، دىمارىيا ئۇچۇن 70 مىليون ياۋرو تەييارلاپ قويغان ، دىمارىياغا بېرىدىغان ئىش ھەققىمۇ دىمارىيانى رازى قىلالايدىكەن ، بۇ سودىنىڭمۇ پۇتۇش نىسبىتى بەكمۇ يۇقىرى ئىكەن .

بىر مەزگىل كىشلەر ئاغزىدا غۇلغۇلا قۇزغىۋەتكەن ، مادرىد ئاتلىتكونىڭ خەۋىرى بېسىقىپ قالغان ئىدى ، لېكىن ئۇلارمۇ جىم ياتماق يېڭى پەسىللىك جەڭ ئۇچۇن كۈچ توپلاۋاتقان ئىدى . ئەڭ يېڭى خەۋەردە بايرىن مۇنخىن كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە مۇدىرى ماتياس زامىر ، بايرىن تەرەپ بىلەن ئاتلىتكو تەرەپنىڭ ماندوزكىتىچنىڭ ئىشىدا بىرلىككە كېلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى .

ھازرىچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي ، بۇ خەۋەرلەر بولسا ئەڭ ئېشەنچلىك دەپ قارالغان خەۋەرلەر ، يۆتكىلىش سودىسىدا ھەر-خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغىنى ئېنىق ، ئەگەر بۇ سودىلار ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ، ئەبرار بۇرادەر شۇنداق دەپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپىكەن دەپ ئەسلەپ قويساڭلار بولدى ، ئەگەر ۋۇجۇتقا چىقماي قالسا ، پۇرسەت بولسا ۋۇجۇتقا چىققىنىنى يوللاپ تۇرىمىز . بۇ مۇنبەرنى شۇنداق ئاۋات قىلىپ تۇرمىساق بولمايدۇدە .


ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيانىڭ كىتىشىگە پەقەت ئىشەنگىم كەلمەيدۇ ، بەك ياخشى توپچىتىدە ،،دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ ئپادىسى شۇنداق ياخشى ،،،      لىكىن تونى كىروسنىڭ كىلىشى ئادەمنى خوشال قىلىدۇ ،،،

سانچىس زايا بولۇپ كەتتىدە ،،بارسىلونا جايىدا ئىشلىتەلمەي ،،، قىلىچتەك ھۇجۇمچىتى ،،،،

مادىرىدنىڭ مۇشۇنداق ئادەم سىتىشى يارايدۇدە ،،، چاقناپ كەتسە قايتۇرۇپ كىلىش توختىمى     مۇراتجاننى ئارسىنالغا بەرسەك بولاتتى ،،
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا مادرىتتىن كەتسە مەن ۋاي دەيدىغان توپچىلار قالمايدىكەن مادرىتتا  ، بولسا كەت ئايلىنىپ بارىسلونانى تاپ  
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتتىكى مەن ئامراق توپچىدىن  بىنىزما بىلەن كاپىتان قالدىمۇ نىمە؟  ئالونسومو باكەن راس - ئاندىن  بىل
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە باللا مەن تور ئايلىنىپ بىر خەۋەر كوردۇم.
مۇسابىقىدىن كىيىن ماۋۇ ساراڭلا نىمارنىڭ كىمىنى كۇيۇدۇۋاتىدۇ
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى كەچۇرۇڭلا
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانچېزنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى چارشانبە ئورگان تورىدا ئىلان قىلامىشقۇ…
كىروسنىڭ يۆتكەلگەنلىكى راسلا بولۇپ كەتسە پەيزى بولاتتىدە…
دىمارىيانى تۇتۇپ قالىمەن دەپمۇ تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ…
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەيۋەندۇۋۇسكى بەيرىندە 9نۇمۇرلۇق مايكىنى كىيىدىكەن.
دېمەك مەنزۇچىجى راسلا يۆتكىلىپ بوپتۇ.
4ffbcf0ajw1ei6tjyq9goj20xc0ir0v1.jpg
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىنگىرنىڭ كۇزى ھەقىقەتەن مال تۇنۇيدۇ جىما،  دىماريا كەتمىسە بيلتى ئەسلى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇپەچەتقۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانچىسنىڭ ئارسنالدا چاقناپ كىتىشنى ئۆمۈت قىلمەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە دىسەم يەنە شۇ .... توققۇزىنجى ئاي كېلىپ يۆتكىلىش ئىشىكى تاقالغاندا ، ھە ئارسېنالغا پالانچىلار كەپتۇ دىمىسە ....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئارىزنىڭ باساغاكىلشى مۇقۇملاشقانمىدۇ باللا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-13 09:09 , Processed in 0.100102 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش