تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 817|ئىنكاس: 28

بىرازىلىيە VS گېرمانىيە يېڭى تۈرلۈك رىكورتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 20:12  

                                                         搜狗截图14年07月09日1727_1.png

   دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە برازىلىيەنى7-1 نەتىجىدە بومباردىمان قىلىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 20تۈرلۈك يېڭى  رىكورت بارلىققا كېلىپ، يېڭى دۇنيا لوڭقىسى تارىخى يېزىلدى.

                                                      搜狗截图14年07月09日1826_2.png                                                       
  1. 6مىنۇتتا 4 توپ كىرگۈزۈش.
دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا، ئەزەلدىن بىر كوماندا 6 مىنۇتتا 4 توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان، گېرمانىيە 23-مىنۇتتىن 29-مىنۇتقىچە تۆت توپ كىرگۈزۈپ يېڭى دۇنيا لوڭقىسى رىكورتى ياراتتى.
2. دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا برازىلىيە ساھىبخان مەيدان 7 توپ كەتكۈزۈپ باقمىغان، گېرمانىيە بۇ جەھەتتە يېڭى تارىخ ياراتتى.
3. گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى توپ كىرگەن پەرقى 179 سىكونت. بۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كىرگەن توپ ھېسابلىنىدۇ.
4. گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىردىنبىر يېرىم ھەل قىلغۇچتا 7 توپ كىرگۈزگەن كوماندىغا ئايلاندى.
                                                   Img6884388_n.jpg
5. كىلوزنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپ سانى 16 گە يىتىپ، دۇنيا لوڭقىسى مەرگەنلەر رېتىدە رونالدونىڭ رىكورتىنى بۇزۇپ  1-ئورۇنغا ئۆتتى.
6. كىلوزنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى غەلبە قىلغان مەيدان سانى 16 گە يىتىپ كافۇ بىلەن تەڭلەشتى.
7.كىلۇز 4نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسىدا 23مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ مالدىنى بىلەن تەڭلىشىپ 2-ئورۇنغا ئۆتتى. 1-ئورۇندىكىسى ماتېئوس (25مەيدان)
8. كىلوز دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئۇدا 4 نۆۋەت يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان توپچىغا ئايلاندى.
9. مۇللېر بۈگۈن 24 ياشقا كىرىپ 298 كۈن ئاشتى، ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدا توپ كىرگۈزگەن سانى 10 غا يەتكەن ئەڭ ياش توپچى بولۇپ يېڭى تارىخ ياراتتى.
10. تونى كىروس 69 سىكۇنىتتا 2 توپ كىرگۈزۈپ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا يېڭى بىر تارىخ ياراتتى.
11. مۇللېر گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2000 -توپىنى كىرگۈزدى، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ خەلقئارا ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپىنى 1908-يىلى فىرتىز بېكېر كىرگۈزگەن. مۇللېرنىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ خەلقئارا ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 2000 غا يېتىپ يېڭى تارىخ ياراتتى.
12. گېرمانىيە 6 مىنۇتتا 4 توپ كىرگۈزۈپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيە ۋە ئېنگىلاندنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى يىغىندىسى بىلەن تەڭلەشتى.
13.گېرمانىيە كوماندىسى تارىختا بىرازىلىيەنى يۇقىرى نومۇر پەرىقى بىلەن يەڭگەن 2-كوماندا بولدى. بۇنىڭ ئالدىدىكىسى 1934-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى دوستلۇق مۇسابىقىسىدە سابىق يۈگۈسلاۋىيە 8-4 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلغان.
14.گېرمانىيە كوماندىسى 7توپ ئۇرۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۇرغان توپى 223گە يېتىپ، بىرازىلىيەدىن ئاشتى.
15.  29مىنۇت ئىچىدىلا 5توپ. بۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان نەتىجە.
16.بىرازىلىيە 1954-يىل دۇنيا لوڭقىسىدىكى شىۋىتسارىيەدىن كېيىن 7توپ كەتكۈزگەن 2-ساھىبخان كوماندا بولدى. 4\1 ھەل قىلغۇچ شىۋىتسارىيە 7:5 ئاۋسترىيە
17.بىر مەيدان ئوينالمىغان شارائىتتا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە گېرمانىيە 17توپ كىرگۈزدى. 1966- ۋە 1990 - دۇنيا لوڭقىسىدا 16توپ ئۇرغان.
18.برازىلىيە ئالتە ساپ توپ كەتكۈزۈپ، تارىختىكى ئەڭ ئوسال نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشتى، ئىلگىرى 1920-يىلى برازىلىيە 0-6 نەتىجىدە ئۇرۇگۋايغا ئۇتتۇرىۋەتكەن.
19.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 8توپ كىرگەندىن كىيىن، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگەن توپ سانى 167گە يېتىپ تارىختا 2-ئورۇنغا ئۆتتى. 1998-يىل دۇنيا لوڭقىسىدا 171 توپ كىرگەن. يەنە 3مەيدان مۇسابىقە ئوينالمىغان شارائىتتا  4توپ پەرىق قالغان بولۇپ بۇ جەھەتتە رىكورت يېڭىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
                                           222.png

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
مەھشەر + 50 ئەجىر

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zumrat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 18:59
گېرمان ھەقىقەتەن كۈچلۇك ئىكەن

يارىتىدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشامقى مۇسابىقىدە قوش رىكورىت يارتىلدى، گىرمانىيە كوماندىسى بىررىكورىت، كىلوز بىر رىكورىت يارتىۋەتتىدە.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 19:05  

دىڭىز  قاراقچىلىرى  4  توپ  ئۇرۋەتسە  يىڭلانمىغان  رىكىورت  قالمايدىكەن


123328l99i3uq98qw0rz9j[1].jpg
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانلارغا قول قويدۇم
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانىيە 6 مىنۇتتا 4 توپ   تونى كىروس 69 سىكۇنىتتا 2 توپ    ما رىككوت  بۇزۇلمۇغۇدەك تەس   
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەجىربىنىڭ يەنە مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى

روھى تۇۋرۇك بولغۇدەك پىشقەدەمدىن بىرى بولغان بولسا ئۇتتۇرۋەتسىمۇ بۇنچىلىك بولماستى

كىچىك بالا ئىشتان پوق  دىگەندەك ئىشتانغا چىقادى چىقارغاندىمۇ ئىشتاننىڭ پۇشقىقىدىن چۇشۇپ چۇخەيلىرىنىمۇ توشقۇزغۇدەك چىقادى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەجىربىنىڭ يەنە مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى

روھى تۇۋرۇك بولغۇدەك پىشقەدەمدىن بىرى بولغان بولسا ئۇتتۇرۋەتسىمۇ بۇنچىلىك بولماستى

كىچىك بالا ئىشتان پوق  دىگەندەك ئىشتانغا چىقادى چىقارغاندىمۇ ئىشتاننىڭ پۇشقىقىدىن چۇشۇپ چۇخەيلىرىنىمۇ توشقۇزغۇدەك چىقادى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمان ھەقىقەتەن كۈچلۇك ئىكەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچتە مىسسى رىكورت يارىتىدۇ ........
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ھەقىقى ئوينىدى دە بۇ جەڭ تانكىسى مۇسابىقنى ....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 19:00
كەچتە مىسسى رىكورت يارىتىدۇ ........

يارىتىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-12 17:49 , Processed in 0.053370 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش