ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2015 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىسپانىيە كىيىم سودىگەرلىرى سۇيارسنىڭ بارسېلونادىكى كىيمىنى سېتىشقا باشلىدى

ھازىر سۇيارىس تېخى بارسېلوناغا يۆتكەلمىدى، ئۇ ھازىرمۇ لىۋرىپولنىڭ ئادىمى. لېكىن كاتولونىيەدىكى بىرقىسم كىيىم-كىچەك دۇكانلىرى ئۆزىنى بېسۋالالماي سۇيارسنىڭ بارسېلونادا كىيدىغان كىيىمىنى ئاشكارە سېتىشقا باشلىدى. بۇ كىيىمگە قارايدىغان بولساق، سۇيارىس بارسېلونادا سانچسنىڭ كىيمىنى كەيگەن لېكىن سانچىسمۇ تېخى يۆتكەلمدى. بۇ كىيىم سودىگەرلىرنىڭ قارىشچە، سۇيارىس بارسېلوناغا، سانچىس باشقا كوماندىغا يۆتكىلىپ بولغان.
بىرازىلىيە كوماندىسى:نېيمار ھەل قىلغۇچقا قاتنىشالمايدۇ

كولۇمبىيە بىلەن مۇسابىقىدە يارلانغان نېيمار دۇنيا لۇڭقىسدىن بالدۇرلا خوشلاشقان. لېكىن توپ مەستانلىرى ئۇنىڭ بالدۇر ساقىيىپ مەيدانغا چىقىشنى ئۈمۈت قىلدۇ. نېيمار ئۆزىمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىچە ساقىيىپ مەيدان قايتىپ كىلدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن بۇ جەھەتتە بىرازىليە كوماندا دوختۇرنىڭ پوزىتىسيىسى قاتتىق بۇلۇپ:‹نېيمارنىڭ يارسى ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىشقا يار بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش چىقالماسلىقىنى مەن بەلگىلەيمەن. › دەپلا گەپنى ئۈزۋەتكەن.
مېسسى:ھەل قىلغۇچتا بىرازىليەنى مەغلۇپ قىلىپ لۇڭقا كۆتۈرۈشنى ئارزۇ قىلمەن.

مېسسىنىڭ ئارزۇسى نېمە؟ ھەل قىلغۇچتا بىرازىليەنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيون بۇلۇش. لېكىن بۇ ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئارگىنىتىنا گوللاندىيەنى، بىرازىليە گىرمانىيەنى يېڭىشى كېرەك.
مېسسى ھازىر 4 توپ ئۇرۇپ مەرگەنلىكتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، بىرنچىسى بولسا جامىس رودىگىر. لىكىن جامىس رودىگىر ئاللقاچان شاللاندى، مېسسىنىڭ بولسا يەنە ئىككى مەيدان مۇسابقە ئويناش پۇرسىتى بار. مېسسىنىڭ قارىشچە دۇنيا لۇڭقىسدا چىمپيون بۇلۇش ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغاندىن مۇھىمكەن. |
|