ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1057 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-8 00:57
بۈگۈن چۈشتىن كىيىن گېرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن ئورگان تورىدا ئىسپانىيە ۋالىنىسىيە كۇلۇبىنىڭ 21 ياشلىق سول مۇداپىئەچى خۇئەن بېرناتنى قۇشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. توختام مۇددىتى 5 يىل بولۇپ، يۆتكىلىش ھەققىنى ئېلان قىلمىغان. بېرنات بايرىن مىيۇنخىندا 18-نومۇرلۇق كيىمنى كېيىدۇ.
بايرىن ئورگان تورىدا بېرناتنىڭ گېرمانىيە ۋاقتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمى ئاشكارا ھالدا مەشىققە قاتنىشىدىغانلىقنى مۇقۇملاشتۇردى. بايرىننىڭ باش تەنتەربىيە نازارەتچىسى ساممىر بۇ توختام ئۈستىدە توختىلىپ« بېرنات بولسا قابىليەتلىك ياش توپچى. بىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان. بىز ناھايتى تېزلا بۇ ياخشى سودىنى مۇۋاپىقىيەتلىك قىلۋالدۇق. بېرناتنىڭ بايرىنغا قۇشۇلغانلىقىنى قارشى ئالىمەن»دېدى.
بېرنات توختام ئىمزالىغاندىن كىيىن ئىپادە بىلدۈرۈپ« مەن بايرىندەك قالتىس بىر كۇلۇبتا توپ تېپەلىگەنلىكىمدىن ناھايتى خوشال. بايرىن مىيۇنخىن بولسا ياۋرۇپادىكى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇبلارنىڭ بىرى. مەن لام، نويىر، شىۋىنستايگىر، روبىن ۋە رىبىرىلاردەك توپچىلار بىلەن توپ تىپىشنى بەك ئۈمۈد قىلاتتىم ۋە ساقلىغانتىم. مەن گۇئاردىيولادەك تېرنىرنىڭ قول ئاستىدا چۇقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمەن»دېدى.
خۇئەن بېرنات 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ كۇللېرادا تۇغۇلغان. ئۇ ۋالىنىسىيە ياشلار تەربىيلەش سېستىمىسى بۇيىچە تەربىيلىنىپ يېتىشىپ چىققان. 7 يېشىدىن باشلاپ ۋالىنىسىيە ياشلار كوماندىسىدا توپ تەپكەن. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى بېرنات تۇنجى قېتىم ۋالنىسىيە بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا رەسمى مۇسابىقىگە قاتناشقان. تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇ ساھىپخان ھالەتتە سانتاندېر كۇلۇبىنى(2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن) كۈتىۋالغان. بېرنات ۋالنىسىيەنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 7 قېتىم مەيدان چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا مۇسابىقىلەردە ئىككىنچى سەپ كوماندىسىدا مەيدانغا چىققان. 2012-يىل ئۇنىڭغا يەنە كۆپ قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كەلگەن. 2013-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋالنىسىيەدە تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن. بۇ پەسىل بۇ ياش مۇنەۋۋەر ماھىر خانلىق مادىرىدنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان بولسىمۇ، مانا ھازىر بايرىن مىيۇنخىنغا قۇشۇلۇپ بولدى. |
|