بۇ يازمىنى ئاخىرىدا totti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-6 21:11
ئىنگىلاد دۆلەت كوماندىسنىڭ سابىق سول مۇداپىيەچىسى ئاشلى كول رىم كوماندىسى بىلەن رەسمى توختام ئىمزالىدى
ئىنگىلاد ئەينەك گىزىتى خەۋىرى : چىلسىنىڭ بۇرۇنقى داڭلىق توپچىسى ئاشلى كول رىم كوماندىسى بىلەن 3 يىللىق توختام ئىمزالدى ، يىللىق مۇئاشى 6 مىليون فونتىستىرلىڭ ، 33 ياشلىق ئىنگىلاد دۆلەت كوماندىسنىڭ سول مۇداپىيەچىسى شۇنداقلا چىلسى كۇلۇبىنىڭ بۇرۇنقى توپچىسى ئاشلى كول تۈنۈگۈن رىمغا يىتىپ كىلىپ رىم كۇلۇبى بىلەن رەسمى توختامغا قول قويدى . ئاشلى كول توختام ئىمزالاشتىن بۇرۇن موناكو ۋە شىمالى ئامىرىكا بىرلەشمىسىدىكى بەزى كۇلۇپلار يۆتكەشكە تەييارلانغان ئەمما رىم كوماندىسنىڭ قويغان باھاسى شۇنداقلا باشقا تەرەپلىرى ئاشلى كولنى قىزىقتۇرغان . ئاشلى كول چىلسى كۇلۇبىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن مانچىستېر شەھرى ، لىۋىرپول ، مادىرىت ۋە ئا س مىلەن كۇلۇپلىرىمۇ قىزىققان بولۇپ بۇ سودىدا ئاخىردا رىم ئۇتۇپ چىقتى .
ئېنتىر مىلەن رىم كوماندىسنىڭ سول مۇداپىيەچىسى دودونى ئىجارە ئالماقچى
ئاشلى كولنىڭ رىمغا قوشۇلىشى بىلەن ئىنتېر مىلەن كۇلۇبى دەرھال ھەركەتكە كىلىپ رىم كوماندىسنىڭ سول مۇداپىيەچىسى دو دو نى ئىجارە شەكىلدە كوماندىغا قوشۋالماقچى بولۇپ رىم تەرەپكە كۆڭلىنى ئىپادىلىدى ، 22 ياشلىق دودو 2012 يىلى 6 - ئايدا كىردىئان كوماندىسدىن رىم كۇلۇبىغا قوشۇلغان ، ئالدىنقى پەسىل گىرىتسىيەلىك تورىسدىس بىلەن ئالمىشىپ 19 مەيدان مۇسابىقگە قاتناشقان ، ئىنتېر مەشقاۋۇلى مارزالىنىڭ قارشىچە دودو 3 5 2 سەپ شەكلىگە ئىنتايىن ماس كىلدىكەن شۇڭا رىم كوماندىسدىن ئىجارە شەكىلدە دودونى ئىشلەتمەكچى بولغان .
باشقىلار دۇنيا لوڭقىسىنىڭ پىيىغا چۈشۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە رىم ئامىرىكا قىتئەسىدىكى توپچىلارنىڭ ھە دەپ پىيىغا چۈشكىلى تۇرۇپتۇ ، يىقىندا يەنە يۆتكۈلۈش خەۋەرلىرى چىققۇدەك !!
|