elan ornielan orni
كۆرۈش: 2585|ئىنكاس: 123

ئارگىنتىنا - بىلگىيە(چارەك ھەل قىلغۇچ)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 13:14  

021553re7e0992sszq85jp.jpg


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلا ھەممىڭلارغا ئۇلۇغ رامزاندا، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.....
يەنە شۇ گەپكە كەلسەك  دۇنيا لوڭقىسنى تالىشش 4 كۇچلۇككە كىرىش مۇسابىقسنىڭ ئارگىنتىنا بىلەن بىلگىيە ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى . مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن بولمايلا مىسسى ئوتتۇر مەيداندىن ھۇجۇم تەشكىللىدى ، مىسسى توپنى دىمارىياغا بەردى ، دىمارىيا بۇ توپنى يان تەرەپىتىكى سەبدىشىغا پاس تالىغان لىكىن توپ بىلگىيە مۇدپىيەچىسىنىڭ پۇتىغا تىگىپ يۇلۇنىشى ئۆزگۇرۇپ ھىگۋايىننىڭ ئالدىغا چۇشۇپ قالدى ، ھىگۋايىن بۇ توپنى توختاتمايلا ۋارتارغا ئۇرۇپ ، بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسىدىكى  تۇنجى توپىنى ئۇردى ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ توپ كىرمىدى ، مىسسى قۇشۇپ بىرلگەن ۋاقىئىتىكى يەكمۇ-يەك توپنى ئۇرالماي قالدى ، بىلگىيە كوماندىسىمۇ ئۇزىنىڭ ھەققى ياۋرۇپا قىزىل ئالۋاستىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى




مۇسابىقە فىلىمىنى قايتا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-6 11:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 09:57:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ھە ئەگەر ئارگىنتىنا چىمپىيۇن بولۇپ قالسا مۇشۇ مۇنبەر خېلى جىقى كېسەل بولۇپ يېتىپ قىلىشىغا تىكىمەن جىمۇ مەن. بۇ مېنىڭ مۇشۇ دۇنيا لوڭقىسى باشلانغاننىڭزى مۇنبەردىكى بەزەنلەرنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ توپلىغان تەجرىبەم ماۋۇ. ئۇتسا تەلەي تەڭلىشىپ قالسا ئاجىزنى ئۇتالمىدى دېگەن . ئادەمنىڭ ئەڭ بىچچارە ۋاقتى ئۆزىنى - ئۆزى ئالداش دەپ ئاڭلىغانمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
missi + 10 كۈرەلمەيدىغانلا جىق

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 08:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 09:16  

بارىلىق كىنايە مەسخىرلەرگە،ئاچچىق تاپا -تەنىلەرگە،سەۋەپسىز چاچىرغا زەھەرلەرگە  ۋە شۇنداقلا بارىلىق ئۇرۇنسىز سۇئال سوراقلارغا بىرىدىغان جاۋابىمىز شۇ بۇلىدۇكى...

شۇنداق بىز غەلبە قىلدۇق.

ئارگىنتىنانىڭ غەلبىسىنى ئۈزىنىڭ خوشاللقى دەپ بىلگەن ھەر پۇتبول  مەستانىلىرى بۈگۈن سەھەر سىلەر غەلبە قىلدىڭلار،

4كۈچلۈكنىڭ دەرۋازىسى  ئالدىغا كەلدۇق.ئەمدى تامايىمىز ۋە ئارتۇق تەلىپىمىز يوق.مەيلى شاللىنىپ كەتسۇن ياكى داۋاملىق غەلبە قىلسۇن.ئۇرۇنداشقا تىگىشلىك ۋەزىپىسىنى  بىجاندىللىق بىلەن ئۇرۇنلىغان ئارگىنتىنا كوماندسى ۋە مىسسى دىمارىيالارغا ھۆرمەت  بولسۇن.
بۇنىڭدىن كىيىنكى  ھەر تۈرلۈك پىسخىكا جەڭلىرىگە پەقەت كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاپ  بىرىمىز.ئاچچىق  ئىبارىلەرگە گۈزەل سۆزلەر بىلەن ھېكمەتلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇرىمىز.ھاياجان قەلىبلەرنى بولسا رامىزاننىڭ ھۆرمىتى ،قېرىداشلىقنىڭ خاسىيىتى،ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل نۇقتىسىدا تۇرۇپ ھەربىرىمىزگە سەبىر تىلەيمىز.
پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئورتاق شۇئارى  ...مەيلى نىمە  بۇلۇشتىن قەتئىي نەزەر  يەڭگەن بەگ بۇلۇر.ئەمىليەتتە قارشى تەرەپنىڭ سەندىن توختىماي جاۋاپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشى  ۋە ئۆچمەنلىك  بىلەن قارشى شۇنى  ئىسپاتلايدۇكى....
توغرا سىنىڭ كومانداڭ ھەقىقەتەن قالتىس،چۈنكى ئۇ رەقىبىڭنىڭ دىققىتىنى تارتالىدى.شۇ ۋەجىدىن بىزگە  كۆڭۈل  بۆلگەن شۇ رەقىبلىرىمىزگە دوستانە قۇلىمىزنى سۇنىمىز.
مانا بۇ مىنىڭ پۇتبول دۇنياسىغا بولغان دىپلۇماتىيە سىياسىتىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 10 قالتىس دىپلۇمات

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 15:26:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-07-06 14:18:17
ئارگىنتىناننى ھەممىنى قىلدى بىز رازى دىگەن مەستانىلەر

دېگىنىڭىز توغرا لېكىن ھۇجۇمچىلارنىڭ داڭلىقى بولغان كوماندا كۈچلۈك بولامدۇ؟يەنە ئوتتۇرا مەيدان،مۇداپىيەمۇ مۇھىمغۇ؟پورتىگالنىڭ ھۇجۇمى بىلەن مۇداپىيەسى كۈچلۈك ھەم بۇلارنىڭ دۇنيادىكى قايسى كوماندىدىن قېلىشقۇچىلىكى بار؟لېكىن ئارگىنتىنانىڭ ئوتتۇرا مەيدان بىلەن مۇداپىيەسىنى مۇسابىقىلىرىنى كۆرگەن بولسىڭىز چوقۇم پورتىگالدىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بۇلاتڭىز،ئاشۇ سىز دېگەن ئارگىنتىنانىڭ ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئىچىدە قايسىسنىڭ ھۇجۇمغا كۈچ بەردى؟لاۋىچ،پاسىيو قانچىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىدە توپ تېپىدۇ،ھىگۇايىننىڭ مۇشۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مەيداندا پۇتلىشىپلا يۈردى، ئاگۇيرو يارلاندى ئەمدى دىمارىيا قېتىلدى،ئەمدىكى رەقىپ گوللاندىيە،ھۇجۇم جەھەتتە مېسسى بار دەپ ئەنسىرىمىسەكمۇ لېكىن گوللاندىيە ئومۇمى سەپ جەھەتتىن خېلىلا كۈچلۈك،لېكىن بىز يەنىلا ئارگىنتىنا ئۈچۈن ئاخىرغىچە ھۇررا توۋلايمىز،يەڭسە بىز خوش،يېڭەلمىسە ئاغرىنىپ يۈرمەيمىز،ئادەم دېگەن شۈكىرى قىلىشنى،قانائەت قىلىشنى بىلىشى كېرەك.来自: iPhone客户端
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 12:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما پۇلۇڭلار جىقلا مەيەردە بىر -بىرىڭلارغا كۆز-كۆز قىلماي ،رامىزاندا يىتىم -يىسىر،يوقسۇللارنى يوقلاپ قۇيۇڭلار،ئىفتارلىق بىرەلمەيۋاتقان مەسجىدلەرگە بېرىپ ئىفتارلىق بىرىڭلار،ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىدىن ئاللا تائالا جىن ئالۋاستىلارنىمۇ باغلاپ ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشدىن تۇسىدۇ،ئىنساننى ئاڭلىق دەپ باغلىمايدىغان چېغى ،بىر -بىرىڭلارغا دىل ئازارى بەرمەڭلار،مەستانىچىلىك دىگەندە ئازراق ھاياجانلىنىش بۇلىدۇ،ئەمما ھاياجانلىنىش ،نادانلارچە ،بالىلارچە بولمىسۇن،بۇ شۇنداق جاھان ،بىر كۈن مەن كۈلسەم ،ئايلىنىپ يەنە بىر كۈنى سىزگە كۈلۈش نۆۋىتى كىلىدۇ،شۇ كۈنگىچە سەۋىر قىلىڭ،ئالى جاناپلار توپ دىگەننى كۆڭۇل خۇشى ئۈچۈن كۇرىدۇ،دىل ئازارى ئۈچۈن ئەمەس،كۆڭلى كۆكسىڭىزنى ئازراق كەڭ تۇتۇپ ،مەيداندىكى ئادەملەرنى ئەمەس ،ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى كۇرۇپ ھۇزۇرلانسىڭىز ،بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەقەدەر ھۇزۇرلۇق پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز،ئەكىسچە شەخىسكە چۇقۇنۇش،ياكى شەخسى ئۆچمەنلىك بىلەن مۇسابىقە كۆرسىڭىز،شۇلارنىڭ ھەر بىر چىرايلىق ھەركەتلىرى يۈركىڭىزگە سانجىلغان مىخ بۇلىدۇ،90مىنۇتلام ئەمەس ،سانجىلغان شۇ مىخلارنىڭ جاراھىتى ساقايغىچە ئازاپلىنىپ ئۇتىسىز،شۇڭا مۇسابىقە كۇرۇڭ،ئەمما ئازاپلىنىپ ئەمەس ھوزۇرلىنىپ كۇرۇڭ،

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
باقاۋۇل + 50 قوللاش!
ئەلبارىس + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 11:13:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي . مۇنبەردىكى بەزى ئىشلارغا ئامال يوقكەن . تېخى بارسېلوناغا ئۆچمىكىن دېسەم مېسسى نەدە بولسا شۇنىڭڭا ئۆچكەن ئەمەسمۇ .  بىردەم ئېران مەستانىسى بولۇپ كەتتى . بىردەم نېگىرىيە مەستانىسى بولۇپ كەتتى. كېيىن بوسنىيە ...گىرىتسىيە ...بېلگىيە ..  يۈرەك كېسەلمۇ بولۇپ قالمىدى شۇلار .ئۈمۇد كۈتكەن كوماندىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىمىزدا باش ئەگكەنلىكىگە  . داۋاملىق مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن  (ئارگېنتىنانىڭ رەقىبى ) ھۇررا  ، ئارگېنتىنا شاللىنىپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇ بار . ئانچە توپ يەيدىغاندەك تۇيغۇ بار دەپ لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇيۇ قارىسام لاتارىيەگە .ئارگېنتىنا ئۇتىدۇ دەپ ئالىدۇ. مەيدىمىزدىكى ئەركەك تۈكنى پاچاقتىن ئېلىپ  چاپلىۋالمىغاندىكىن  مەيدانىمىز ئېنىق بولسۇن. رېئاللىقنى قوبۇل قىلمىغاندىن باشقا .ئىش ئەمەس بۇ . ئېشەككە مۇڭگۈز بەرمىگەن خۇدايىم  تەقدىر قىلىپ بەزى كوماندىلارنى 4كۈچلۈك ئەمەس ،گۇرۇپپىدىن چىقىرىپ قويغان بولسىمۇ .ئىش باتى . مۇنبىرىمىزدە بىر نەچچە خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بار ، ھەممە ئادەم بېلەت تاشلاپ بەرگەن مۇكاپاتلارنى ،سەپ شەكلىنى بولماپتۇ دەپلا ئۆزلىرى بىجىرۋېتىدىغان . ئەگەر شۇنداق بولسا مۇنبەردىكىلەر (بەزىلەر) بىرازىليەگە ئۆزى بېرىپ ئالتۇپ توپنى بېرىپلا يېنىپ كىلىتى . ئەپسۇس ..........

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +255 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 5 ئالامەت...
باشئەگىم + 100 ھا ھا ھا ...
باقاۋۇل + 50 قوللاش!
مەشئەل + 50 قوللاش!
ھەقىقەت + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-6 22:57:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 21:35
سىنىڭ شەخىسى مەستانەڭ بولسۇن، ياكى دۆلەت كومانداڭ بو ...

مىنىڭ تۆت كۈچلۈكتە كوماندام بارمۇ يوقمۇ تازا ئوبدان قارساڭ بىلسەن ، كۈزۇڭگە دابازانىڭ مۇنارى كىرىپ كەتمىگەن بولسىلا ، مىنىڭ ئۆچمەنلىكىم ئەمەس بەزى مىسسىشۇناسلارنىڭ بىر يىلدىن بىرى يىغىلىپ قالغان دەت ئىسىرنى ئەمدى دىيىشكە پۇرسىەت تېپىپ تۇكىشى دەپ چۇشەنسەڭ بۇلدۇ ، مىسسى بۇ بىر يىل رۇنالدۇغا قەتتى يىتىشەلمىدى ھەتتا باسامۇ ھىچ قانداق بىر نەتىجە ئالالمىدى ، شۇڭا بەزى مىسسى ،باسا مەستانىللىرى  مىسسىنى ماختايدىغانغا ، رۇنالدو بىلەن سىلىشتۇرالماي ، سىلىشتۇراي دىسىمۇ دەسمى يوق بۇلۇپ نەچچە ۋاقىتتىن ئاچچىق يۇتۇپ كەلدى ، ئەمدى بۇ مۇسابىقىدە تۆت كۈچلۇككە كىرىپلا  نەچچە ۋاقىتتىن ئىچىگە پاتۇرالماي تۇرغان دەردىنى بىزگە كىنايە قىلشپ كىتىپتۇ ، مەن مۇشۇ مۇنبەردىلا بۇلدىكەنمەن ھەرقانداق ئادەمدىن خالىغىنىمنى سۇرايمەن ھەم سۇراپ كىلۋاتمەن ،  پورتىگال شاللانسا نىمە بوپتۇ ، پورتىگال ئارگىنتىنادەك ئاجىز كوماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپقا بۇلۇنمىدى چۇنكى ئۇنىڭ گۇرپىسى ھالاكەت گۇرپىسى ، باشقىلاردەك ئاتاق ئاتىسىنىڭ ھىمايىسىدە ئاجىز كوماندىلار يېغىلغان گۇرۇپتا ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-6 15:06:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللات يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 14:42
خوش ئەمدى كىلەيلى ئارگىنتىنانىڭ ھۇجۇم سىپى دەرۋەقە 1-  ...

ئارگىنتىنا مەستانىللىرى ئارگىنتىنانىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرگىنىدىن  رازى بولغان بولساڭلار مەنمۇ رازى بولدىم ئەمسە ، بۇ يەردىكى يەنە بىر مەسىلە بەزىلەر مىسسىنى رۇنالدو بىلەن يەنە سىلىشتۇرۇشقا باشلاپتۇ . مىسسىنىڭ بۇ قىتىم دۆلىتى بىلەن تۆت كۈچلبككە كىرگەندىن باشقا رۇنالدودىن ئۇستۇن تۇردىغان قانداق نەتىجىسى بار ؟ شۇنى بىر بىلىپ قالاي ؟ 4-ئەۋلاد پۇتبول شاھى   3-سى رۇنالدو ئوخشىمامدۇ ؟  كىم 4- ئەۋلاد پۇتبول شاھى دەپ كىلۋاتىدۇ ؟  ئارگىنتىناغا قارشى ھۇررا توۋلىدى ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدۇدە ، كىم رەقىبىنىڭ ياخشى نەتىجە ئىلىشىنى خالايدۇ . مەن مۇنبەردە  پورتىگالنىڭ شاللانغان چاغدا  بىر مىسسى مەستانىسىنىڭ ئۇف ھەجەپ ھاردۇقۇم چىقتى دىگىنىنى ، گېرمانغا ، ئامىرىكىغا ، گاناغا ھۇررا توۋلىغان مىسسى مەستانىللىرىنىمۇ مەن تېپىپ بىرەلەيمەن ، شىۋىتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئىبرايىم مەستانىللىرىنىڭ پەيدا بۇلۇپ ئىبرايىم رۇنالدونى پىتىغدايدۇ  ، دەسسەيدۇ ، دەپ پونى راس ئىتىپ قۇيۇپ رۇنالدو تۆت توپ ئۇرۇپ قويسا چىدىماي مۇنبەردە جدەل ئوپيناپ يۇرگەنلەرنىمۇ كۆرگەن مەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 16:08:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەڭگەن بەگ بۇلۇ، ئەمدى نېمە دېسەڭلەر ئاقىدۇدە، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۇنچىلىك مۇنازىرلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ھىلى ئۇ مەستانىسى، ھىلى بۇ مەستانىسى بولىۋالىدۇ دەپ قويىشىڭلا باركەن خۇددى ئۆزەڭلا بولۇپ باقمىغاندەك…بەلكىم ئارگىنتىنا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسا ھازىرقى سۆزلەيدىغانلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالار بولغۇيتتى…
مۇشۇنچىۋالا ئىنكاسلارنى ئوقۇپ چىقسام مۇسابىقە توغۇرلۇق ھېچنىمە يوق، ھەممىسى باتناش، نۆۋىتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى شۇلارنى بانا قىلىپ چېقىۋېلىشلا بوپتۇ، مۇشۇنداق قىلىپ نىمە پايدا كۆرەرسىلەر ھە…
مۇنبىرىمىزدە ئارگىنتىنالىق يوق ھەقىچان، شۇنداق بولغانىكەن شاللىنىشىنى ئارزۇ قىلدىغانلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، بۇنى سۆرەپ چىقىپ مېسسى بولغاچقىلا باشقا كوماندىلارنىڭ مەستانىسى بولىۋالدى دېسەڭلار قاملاشمايدۇ، قاراپ باقسام ئارگىنتىناغا مەستانە بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمى مېسسى مەستانىسىكەن، مېسسنى ھەممە ئادەمنىڭ دۈشمىنى دەپ ئۇنىڭ ئورنىنى يۇقرى قىلىۋەتمەڭلار…
مەن گېرمانىيە مەستانىسى، لاتارىيەدە ئارگىنتىنانىڭ ئۇتتۇرىشىغا تىكتىم، بۇ ھەرگىز مىنىڭ بېلگىيەگە مەستانە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەيدۇ،1-ئۇتۇش ھەسسىلىكى يۇقرى پايدا ئالالايمەن، 2- مۇشۇ يەرگىچە چاپالىغان ياۋروپا كوماندىلىرىنىڭ بىرسى، مۇشۇ سەۋەبلارلا ئارگىنتىنانىڭ شاللىنىشىنى ئۈمىد قىلىشىمغا يېتىدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 15:16:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 15:06
ئارگىنتىنا مەستانىللىرى ئارگىنتىنانىڭ تۆت كۈچلۈككە  ...


ئارگىنتىنانىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرگىنىدىن رازى بولغىنىمىز بولماپتۇ دىمەك ئارگىنتىنا شۇنداق كۈچلۈك ،تۆت كۈچلۈككە كىرىشى نورمال دەپ قارىساق ، ئۇنداقتا نەچچە يىلدىن بىرى دۇنيا دۆلەتلەر رەت-تەرتىپىدە ئىزچىل بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمىگەن ئىسپانىيەنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقالماسلىقىنى قانداق چۈشىنىمىز ؟ ئەنئەنىۋىي كۈچلۈك دۆلەتلەردىن ئىتالىيە ، ئىنگىلاندلارغىچۇ
بۇ دىگەن پۇتبۇل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 08:32:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانىيە بىلەن ئارگىنتىناغا تەلەي كەلدى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 08:40:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
24يىلدىن كېيىن يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىش،مىسسىنىڭ مارادوناچە ھەركەتلىرى،ئەپسۇس دىمارىيا دۇنيا لوڭقىسىدىن خۇشلىشىپ قالدى،ھەي!
قىزىل ئالۋاستىلاردا تەجرىبە كەمچىللىكى بار،ياخشى ئوينىغان ئىدى
10-چىسلا ئارگېنتىنا-گوللاندىيە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 08:47:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mayir702 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 09:17  

ئۇتۋالسا تەلەي دېگەن ، ئۇتتۇرۋاتسا ئارگېنتنا ئاجىز كوماندىلارنى ئۇتالايدۇ كۈچلۈكلەرنى ئۇتالمايدۇ دەپ مۇنبەرنى سېسىتقان كۆرەلمەسلەر .... ئۇتتۇرۋەتكەن بولسا بوپ بېرەتتى دە بەزىلەرگە ھازىر .........
ئارگېنتىنا يارايدۇ ..... ئەمدىكى گەپ ئاپلېسىنلارنى يولغا سېلىپ قويۇشتا قالدى ........ ئالغا ئارگېنتىنا ، ئالغا پامپاس بۈركۈتلىرى ...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 08:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarkuyi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 06:32
گېرمانىيە بىلەن ئارگىنتىناغا تەلەي كەلدى،

تەلەي ، بۇ گەپ گوللاندىيەگە بەكراق ماس كېلىدۇ ھازىر ، 8 كۈچلۈكتە ئاجىز كوماندا يوق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 08:55:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 09:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قارىسام ھىش بىرەرسگە تەلەي كەلگەندەك ئەمەس. ئىككىلى تەرەپ ياخشى ئويناپتۇ..مىسسى بىلەن دىمارىيا يەكمۇيەك توپتىن 2نى ئۇرالماپتۇ، ھىگۇئايىن تۇرۇك سۇقۇپتۇ...بىلگىيە بوشلۇقدىن ياخشى پايدىلىنىپ بوي ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپتۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 09:20:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي قىزىل ئالۋاستىلار....ئاخشامقى مۇسابىقدە قىزىل ئالۋاستىلا پۇرسەتنى بەك تۇتۇپ كىتەلمىدى بولمىسا پامپاسىقلارنى ئۇيىگە يولغا سەپ قۇياتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 09:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇل دۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 07:20
ھەي قىزىل ئالۋاستىلار....ئاخشامقى مۇسابىقدە قىزىل ئالۋ ...

قىزىل ئالۋاستىلار پۇرسەت تۇتالىغان بولسا ؟؟؟ مېسسى ، ھىگۇئايىنلار پۇرسەت تۇتالىغان بولسا قانداق بولۇپ كېتەرتى -ھە ؟ مەن ئارگېنتىناغا مەستانىمۇ ئەمەس ، ئۇنچە ياقتۇرۇپمۇ كەتمەيمەن ، بىراق ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى ، ئۇلار شۇ ئادەملىرى بىلەن مۇداپىئەنى خېلى جايىدا قىلدى ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 09:39:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jasur007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 09:34
قىزىل ئالۋاستىلار پۇرسەت تۇتالىغان بولسا ؟؟؟ مېسسى ،  ...

ئەمەليەتتە بىلگىيە كوماندىسى  ۋاقىت تۇشۇپ قالغان پەيىتلەردىمۇ پۇرسەتنى كۆپ ئىسراپ قىلۋەتتى، ئارگىنتىنانىڭ ھۇجۇمى خېلى  شىددەتلىك بولغان لىكىن ئۇلارمۇ يىگۇئايىننىڭ ئاشۇ تۇپىنى ھىسابىقا ئالمىغاندا ئۇلارمۇ كۆپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.....لىكىن ئۇلارغا قايىل بولمايمۇ بولمايدۇ .....قىزىل ئالۋاستىلارغا ھۆرمەت ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-6 09:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل ئالۋاستىلار بەك ياخشى ئوينىغان ئىدى ، بىراق ۋارتار ئالدىدا تەمكىن تۇرۇپ توپ ئۇرىدىغانغا ئادەم يوق ، يەنىلا تەجرىبىنىڭ كاملىقىدىن چىنىپ قالدى ... نىمىلا دىگەن بىلەن ئارگىنتىناغا مۇبارەك بولسۇن ، گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقە بەلكىم بالدۇر ئوينالغان ھەل قىلغۇچ بولۇشى مۇمكىن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-9 14:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش