تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1066|ئىنكاس: 21

خازارد:مىسسىنى كونتىرول قىلىشىمىز كىرەك دىگەن بولسىمۇ ئۇتالمىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

خازاردنىڭ قارىشىچە،بىلگىيە ئارگىنتىنا كوماندىسىنى ئۇتالايدىكەن،لىكىن ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ھەممدىن مۇھىم تەرىپىنىڭ(دۇنيادىكى بىرىنچى ماھىر)مىسسىنى كونتىرول قىلىۋىلىش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.
بىلگىيە ئامرىكا كوماندىسىنى2-1 ئۇتقاندىن كىيىن،خازارد زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دىگەن:مىنىڭچە بىز ئىككىلىرىمىز مۇنەۋۋەر كوماندا.مەن ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن،مىنىڭچە 5-5 باشلانغان ۋەزىيەتتە،ئۇلاردا مىسسى،ھىگۇۋايىن،ئاگۈيرو،دىمارىياۋە لاۋىچلار بار.لىكىن بىزدىمۇ يامان ئەمەس مۇداپىيەچى ماھىرلار بار.ھەممىمىز دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ماھىرلارنىڭ قارشى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز،ئۇلارنىڭ كۆپچىلىك ئىڭى ياخشى،ئۇلاردا ئىنتايىن ئۇلۇغ ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ماھىر بار،ئۇ ھەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،ناۋادا بىز مىسسىنى توسۇپ قالالىساق،ئىشلار بىزگە پايدىلىق بولىدۇ.
خازارد يەنە داۋاملىق سۆز قىلىپ:مەن ئۇلارنى قانداق توسۇشنىڭ كىرەكلىكىنى بىلمەيمەن،لىكىن بىز ئۇلاردىن قورقمايمىز.بىز بىر قىسىم سىنئالغۇ لىنتىلىرىنى كۆرىمىز،ئۇتۇشقا تىرىشىمىز،چۈنكى بىزگە نىسبەتەن بۇ چوڭ مۇسابىقە.بۇمۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى مۇھىم مۇسابىقە،بىز داۋاملىق تىرىشىپ تارىخنى قايتا يىڭىلايمىز.
خازاردنىڭ ئىپادىسى تاشقى دۇنيانىڭ گۇمانىنى قوزغىغان،چۈنكى بۇ چېلسىلىق ماھىر تاكى ھازىرغىچە بىرە توپمۇ كىرگۈزمىگەن.لىكىن ، 23 ياشقا كىرگەن بۇ ماھىر ئامرىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىدىن ئۆزى رازى بولغان ۋە ئۆزىدە ھىچقانداق بىسىمنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىيتقان:ماڭا نىسبەتەن،بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر كىچە بولدى،يىڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە بولدۇق،بىز ھەممىمىز شۇنداق ياخشى ئوينىدۇق،كوماندا بۇ ئۇتۇققا مۇناسىپ كىلىدۇ.مىنىڭچە ھەممە كوماندا ئەزالىرى ناھايىتى ئەركىن ئوينىدى،ھىچكىم ئارتۇقچە بىسىم ھىس قىلمىدى،خۇددى بىر مەشىق قىلىۋاتقاندەك،مانا بۇ بىزنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىشتىكى سەۋەبىمىز.


بۇگۇنكى ئوينالغان ئارگىنتىنا بىلەن بىلگىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە ئەنچە پەرىقسىز ئارگىنتىنانىڭ بىر توپ ئۇستۇنلىكى بىلەن ئاخىرلاشتى . ئەپسۇس بىلگىيە مۇداپىيەدە خېلى چىڭ تۇرۇپ ئوينىغان بولسىمۇ ئارگىنتىنانىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغان ماھىرلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى ئەپسۇس ........
مەن بىلگىيەگە خېلى قايىل بولۇپ قالدىم .
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا مىسسىنىڭ ئىپادىسىگە باشتا باھا بىرىپ باقاي، مىسسىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى بۇرۇنقى مۇسابىقىلەردىنمۇ ياخشىراق بولدى ، گەرچە توپ ئۇرالمىغان بولسىمۇ كىرگەن توپتا توھپىسى بار ، بىلگىيە مۇداپىيەچىلىرىنى خىلە تىرى پىرەن قىلىۋەتتى ، يالغان 9- نۇمۇرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالدى يىرىم مەيداننىڭ 95% يىرىدە ئۈنۈملۈك ھۇجۇم تەشكىللىدى ، مۇداپىيەگىمۇ قايتىشى ئاكتىپ بولدى ، بۇ ئىپادىسىدىن مىسسىنىڭ 4 كۈچلۈك ئىچىگە كىرىشكە قانچىلىك ئىنتىزار بولغانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ .. بىلگىيەگە مۇنبەرداشلار باھا بىرىپ بوپتۇ ، ئەنسىرىگەن خازارىتقا 6.5 نۇمۇر بەردىم ،بۇمۇ ئوشۇقچە .. دىمارىيا چۈشۈپ ئورنىغا چۈشكەن 8-نۇمۇر خىلە ئىچىلىپ بەردى ئەمما ھىگۋايىن ئورنىغا ئوينىغان پالاسىئو ھىگۋەيىندەك ئوينالمىدى ، ھىگۋايىن بىر توپ ئۇرغاندىن كىيىن روھلاندۇرۇش دۇرىسى يىگەندەك خىلە كۈچەپ كەتكەنتى . . بەلكىم سابىللا كىيىنكى مەيداننى ئويلىغان بولسا كېرەك ھىگۋايىننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسىمۇ چۈشۈرۈرۋىلىپ ئوتتۇرا مەيداندىن گاگۇنى چۈشۈردى.. بۇمۇ خىلە ئۈنۈم كۆرسەتتى ،، ئارگىنتىنانى تەبرىكلەيمەن 1990 - يىلىدىن كىيىنكى تۇنجىقىتىم تۆت كۈچلۈككە كىرىشى ، مىسسىنىڭ ئەمدى ۋەزىپىسى ئورۇندالدى ، ئەگەر لوڭقا ئەپكەتسە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسى تىخىمۇ يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى دەيمىز ، ئالالماي تۆت كۈچلۈكتە شاللانسىمۇ ئاسان ئەمەس ...
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيەلىك  باللار  بەك  تەجىربىسىزكەن  بىر  توپ  كەتكۇزۇپ  قوياپلا  تىرىپىرەڭ  بولۇپ  كەتتى  كىيىنچە  ھۇشىنى  تاپقان  بولسىمۇ  رەھىمسىز ۋاقىت  ئۇلارنى  ساقلاپ  تۇرمىدى
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مۇسابىقە  باشلىنىپلا بىلگىيە مۇداپىيەسىدىن بىر نەچچە قېتىم يۇچۇق  چىقىرىپ قويدى،بۇ پۇرسەتنىڭ بىرىنى ھېگۇايىن چىڭ تۇتۇپ ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى ئۇردى،ئەمماشۇ بىر توپتىن كېيىن بولۇپمۇ دىمارىيا يارلىنىپ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئارگىنتىنالىقلار بىراقلا بوشاپ كەتتى،ھۇجۇمچىلارغا يۈگىرەش خوش ياقمىغاندەكلا،مېسسىمۇ توپنى ئېلىپ يولدا ماڭغاندەك مېڭىپ كېتىپ بارىدۇ ،بىلگىيەنىڭ توپنى بوشلۇقتا كونتىرول قىلىشى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن،ماڭا خۇددى ۋالىبول ئوينىغاندەكلا بىلىندى،بىلگىيەگە ھۆرمەت بەكلا تىرىشتى،ھەتتا ئۆزۈممۇ بىلگىيەنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بىر توپ سېلىپ پامپاسلارنى بىر ئويغۇتۇپ قويۇشنى ئۈمىد قىلدىم،بىلگىيە پۈتۈن سەل بويىچە ئاتلانغاندا ئەگەر ئارگىنتىنانىڭ ئورنىدا گېرمانىيەدەك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان كوماندىلار بولغان بولسا ئاللىقاچان تۆت بەشنى سالاتتى تۈگۈلۋالماي،ئەپسۇس ئارگېنتىنا  پۇرسەتنى تۇتالمىدى،بىلگىيەگە يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت!!
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 03:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيە تازا دىگەندەك ياخشى ئوينىيالمىدى ، تەجىربە كەم
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 03:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيە خاسىيىتىنى يوقۇتۇپلا قويدى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە. تەلەيمۇ بىر گەپ، ئەڭ مۇھىمى، ئومۇمىي ئەزالاردا گاڭگىراش ئېغىردەك بىلىندى ماڭا.
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 06:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەجرىبىنىڭمۇ مۇھىملىقى ئىسپاتلاندى،
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەجىربە كەم بىلگىيەدە بەك نايناقشىپ كەتكەن كىچىكلىكىگە باقماي ئارگىنتىنادا مىسسىي دىمارىيا بولمىسا چاتاق كەن جىما
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 08:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىيگە تەلەي ئوڭ كەلمىدى
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarkuyi يوللىغان ۋاقتى  2014-07-06 08:34:50
بىلگىيگە تەلەي ئوڭ كەلمىدى

بىلگىيەنىڭ كاللا توپىدىن باشقا تۈززۈك بىر ھۇجۇم قوزغالمىسابۇلارغا تەلەي كەلمىدى ،ھىگۇايىندەك تەپكەن توپى تۈۋۈك سوقسا،مېسسى،دىمارىيالاردەك شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى تۇتالمىسا بۇنى تەلەي كەلدى دەمدۇق،
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنامۇ   مۇداپىيەنى  يامان ئەمەس  قىلۋالدى جۇمۇ    .  مىسسىنىڭ  ئاخىرقى توپى چۇشمەيقالدىدە .
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدە گوللاندىيە بىلەن ئوينامدۇ بۇلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-8 23:54 , Processed in 0.099424 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش