تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1016|ئىنكاس: 12

لىۋىركوسىن كۇلۇبى «يېڭى ئۆزىل»نى قۇشۇۋالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 00:58  

Img401802713.jpg

     شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى لىۋىركوسىن كۇلۇبى ئورگان تورىدا ھامبۇرگ كۇلۇبىنىڭ 20 ياشلىق تۈركىيەلىك  ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى خاقان چالخانئوغلۇنى قۇشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. توختام مۇددىتى 5 يىل بولۇپ، 14 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قۇشۇۋالغان.

    چالخانئوغلۇنىڭ «يېڭى ئۆزىل»دەپ نامى بار بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى پەسىلدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان. لىۋىركوسىن كۇلۇبى بولسا ئۇنىڭغا چىشىنى بىلەپ تۇرغىلى ئۇزۇن بولغان. لىۋىركوسىن كۇلۇبى ھامبۇرگ كۇلۇبى بىلەن تېزدىن قىزغىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بۇ سودىنى تاماملىغان. لىۋىركوسىن كۇلۇبىنىڭ باش دېرىكتورى« بىز بۇ سودىنىڭ ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىدىن ناھايتى خوشال. بىز چالخانئوغلۇ بىلەن بىرگە ناھايتى ئۇلۇغۋار نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ساقلاۋاتىمىز»دېدى.

    بۇ 20 ياشلىق توپچى لىۋىركوسىنغا قۇشۇلغاندىن كىيىن ئىپادە بىلدۈرۈپ« مېنىڭ ھامبۇرگدا گۈزەل ئەسلىمىلىرىم بولغان. ئەمما مەن تېخىمۇ يۇقىرى قەۋەتتىكى لىۋىركوسىننى تاللىدىم، لىۋىركوسىن قالتىسس كۇلۇب. ئۇزۇندىن بېرى ياۋرۇپا جېڭىنىڭ دائىملىق مېھمىنى. لىۋىركوسىن بىلەن ياۋرۇپا جېڭىگە ۋە گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ جېڭىگە قاتنىشىش، مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ جەڭ ھېسابلىنىدۇ. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كوماندىغا ياردەملىشىپ ياخشى نەتىجە ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن»دېدى.


     خاقان چالخانئوغلۇ 1994-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيەنىڭ مانخېمدا تۇغۇلغان. تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېگە. 2009-يىلى گېرمانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كارلىسرۇيى كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. 2012-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ھامبۇرگ كۇلۇبى قۇشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

235110amgfigfjjhi9yyca.jpg
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنىيو سېتىۋالماقچى دەپ تېما يازغىنىم يادىمدا ، لىۋىركۇسۇن قېتىۋاپتۇدە، لەمپاردتەك ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدانكەنتۇق بۇ…
ئارخىۋىغا قاراپ قېنى قىززىق تۈرككەن دەپ قالدىم، بىر قىزىل كارتا يەپتۇ، ئىككى سېرىق كارتا يىغىلىپ…
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 01:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ( باھاسى ) ئەرزان بوپ قالدىمۇ نىمە ؟
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزادە يوللىغان ۋاقتى  2014-7-6 01:01
بۇنىڭ ( باھاسى ) ئەرزان بوپ قالدىمۇ نىمە ؟

ئەرزان ؟ قىممەت بوپ قاپتۇ - ياشلىقىدىن باشقا تۈزۈك سىنالمىغان بىرسى ئونتۆت مىليون ئەرزانما ؟ ئۆزىل دىگەن دۇنيا لوڭقىستا تونۇلغان بۇ قوڭالتاق نەدىن چىقتى ھىچ ئاڭلىمغانلا بالىكەن
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىن چېقتى مۇشۇ  ( قوڭالتاق ، پوداق )دېگەن سۆزلەر . ئاممېۋى سورۇن ماۋۇ.

بولسا باشقۇرغىچىلار مۇشۇ سۆزلەرنىمۇ چەكلەش ئېقتىدارىغا قىتىۋەتكەن بولساڭلار.
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇممۇ تېخى ياشكەن يارىشىپ كەتكەي
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇڭالتاق-پوڭالتاق دېگەنلەر ،ھەر شەنبە كەچ گېرمان بىرلەشمىسىنىڭ بىرەر مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ بېقىپ، ما بالىغا باھا بېرىپ بېقىڭلار ھە، ھامبۇرگنىڭ دەرىجە چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلاشتا،كوماندىنىڭ ھوجۇم ماتۇرى بولۇپ، ۋاندېرۋاتتىن ياخشى ئوينىغان بالا بۇ، گېرماندا يەنە بىرسى بار ئارسىلان دەپ.......
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى گېرمانىيە زەردارلىرى بولغان ھامبۇرگ ، بېرمېن ، سىتۇگارت قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەس . ساتە-سات !! ھەممىنى سېتىپ دەرىجە چۈشۈپ ئويناش !!!~
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
وڭراق  چىققان  رەسىمى   بولغان  بولسا  كۈرۈپ باققان بولساق  بوپتىكەن .
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا  شۇنداق پوداق دېگەن ئىنكاسنى قېتىپ يازغۇچە پوداقنى تۇتۇپ ئويلىنىپ ئىنكاس يېزىڭلا...
بولاپمۇ مۇشۇ ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈندە..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-8 23:54 , Processed in 0.097644 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش