تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1465|ئىنكاس: 39

فىرانسىينىڭ ئۇتتۇرۇپ قۇيىشىدىكى سەۋەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolantekin1981 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 09:31  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسىتلار ،تۇنۇگۈن كەچ شىنجاڭ ۋاختى سائەت  10دا گىرمانىيە كۇماندىسى بىلەن فىرانسىيە كۇماندىسىنىڭ ئىسىل بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى ،فىرانسىيە كۇماندىسى خېلى ياخشى ئوينىغان بولسىمۇ كۈچلۈك گىرمانىيە جەڭ تانكىللىرىغا تاقابىل تۇرالماي 1-0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ بۇ قېتىمىقى دۇنيا لۇڭقىسى مۇسابىقىسىدىن خوشلاشتى .لىكىن ئۇلار نۇرغۇن توپ مەستانىللىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردى .ئۇلارغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرمىز .بولۇپمۇ بۇ كۇماندىدىكى مۇسۇلمان توپچىلارغا ئالاھىدە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرمىز .
مۇسابىقىدىن كىيىن ,《bleacherreport》 تەھلىل قىلىپ فىرانسىيە كۇماندىسىنىڭ بۇ قېتىمىقى مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ رى بىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىقىدا دىدى .

ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيە كۇماندىسىنىڭ يېڭىلىپ قېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ بۇ قېتىم مۇسابقىگە قاتناشقان توپچىلار بەك ياش ،ئۇلارنىڭ مۇسابىقە تەجرىبىسىمۇ سەل كەمچىل دەپ كورسىتىلدى .
ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيە كۇماندىسىنىڭ بەك بالدۇر توپ كەتكۈزۋەتتى .مۇسابىقە باشلىنىپ 13مىنۇت بولغاندىلا بىر توپ كەتكۈزۈپ قويدى ....
گەرچە فىرانسىيە كۇماندىسى بۇ قېتىمىقى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۈمۈت زور ....ئۇلارنىڭ كىيىنكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا تىلەكداشمىز ....                                                                                                                                                         
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ، رىبىرى  بولغان بولسا  سولقانات ھۇجۇمنى  ياخشى ئوينايتى  . بېنىزما يەنىلا  ئوتتۇرنى ئوينىسا بولغۇدەك  ،  ئىپادىسى بەك تۇراقسىز بۇنىڭ  .   ئىسىت    ياۋرو.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ئىككى كوماندا ئۇچراشمىغان بولسا ياخشى بولاتتى لىكىن نىمە ئامال خەيرى-خوش فىرانسىيە ...........
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىبىرى بولغان بولسىمۇ بەك ئويناپ كەتسە ، شۇ گىروزمەنچىلىك ئوينا .
فىرانىسيەگە زىدانىدەك بىر باشلامچى بەك كېرەكتى ، ھەقىقى بىر كاپىتان بولماي قالدى كوماندىدا .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىبىرى بولغان بولسا بەلكىم بۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىنتى لىكىن گېرمانمۇ بوش كوماندا ئەمەس
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرىبىر ئۇتتۇرۇپ بولدى يامان بولغىنى نېيمار دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى خەۋەر تېمىسى؟ ئاۋۋال خەۋەر تېمىسىنى كۆرۈپ،
ئاندىن مۇنازىرە تېمىسى بولمامدۇ؟  

كۆپىنچە ئۇيغۇر پۇتبول خەۋەرلىرىنى يەنىلا مۇشۇ مۇنبەردىن كۆرىدۇ،  ئاخشام ئوينالغان مۇسابىقىنىڭ خەۋەر تېمىسى يوق...... لېكىن نىمىشقا ئۇتتۇرۇپ قويدى دەپ مۇنازىرە تېمىسى ئېچىلسا، تەستىقلانسا ؟؟؟؟؟؟؟؟

شەخسەن ئاخشام مەنمۇ مۇسابىقە كۆرۈلمىگەن، كىرىپلا قارىسام  فىرانسىينىڭ ئۇتتۇرۇپ قۇيىشىدىكى سەۋەب تۇرىدۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانسىيە ھەققىقەتەن قالتىس ئوينىدى.بىر نەچچە قېتىم ياخشى پۇرسەت كەلگەن ھەي... خەيرى-خوش فىرانسىيە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرىزمان يىغلىدى، جامىس رودرىگىس يىغلىدى،نىيمار تېخىمۇ ئازاپلىق يىغلىدى،ھەممىسى بەكلا ياش ئىدى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتېللا يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 10:19
قېنى خەۋەر تېمىسى؟ ئاۋۋال خەۋەر تېمىسىنى كۆرۈپ،
ئاندى ...

بولدىلا  كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ  مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران قالدىم، داۋاملىق شۇنداق. بىرلەشمە مۇسابىقە بولسا مۇسابىقە تۈگىمەستە يىزىلىپ بولاتتى لىكىن.............              
مىنىڭچە  مۇسابىقىنىڭ جەۋھىرى چىققۇچە مۇشۇنداق ساپلاپ قالغاندۇ .....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇملىسنڭ ئۇرغان توپى قائىدىگە خىلاپ توپ .     ۋارانينىڭ ئىتتۇرۋېتىپ ئاندىن ئۇرۇپتۇ ،
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي فىرانسىيە ھەي .... مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا ھۆرمەت، فىرانسىيە كوماندىسىغا ھۆرمەت.....ئەمدىكى گەپ گىرمانيەنىڭ بىرازىليەنى ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچقا بۇسۇپ كىرىپ ياۋرۇپا كوماندىلىرنىڭ يۇزىنى يورۇق قىلىشى بوپقالدى ...
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Izilganyurak يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 09:47
تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ئىككى كوماندا ئۇچراشمىغان بولسا ياخش ...

شۇ ئەمەسمۇ ...قولنىڭ ئالدىمۇ ،كەينىمۇ ئوخشاشلا گۆش ئەمەسمۇ.... ئامال يوق .....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-8 23:54 , Processed in 0.085087 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش