تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1491|ئىنكاس: 42

سۇئارىزنىڭ ئورنىنى بالوتېلى تۇلۇقلىماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   سۇمرۇغنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 2 -كۈنىدكى خەۋىرى .
   دۇنيا لوڭقىسىدىن  ‹‹ بىر چىشلەپ ›› خوشلاشقان سۇئارېز ، بۇ ئىش ئۆتكەندىن كېيىن  بارسېلوناغا قېتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا .ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، لېۋىرپۇل سۇئارېزدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا . لېۋىرپۇل ھازىر بارسېلونا بىلەن كېلشىم ھاسىل قىلىپ بولغان بۇلۇپ ، لېۋىرپۇل سانچېسنى30 مىليون ياۋرۇ بىلەن  قېتىۋىلىش ئىشىغا كىرىشكەن . لېكىن سانچېس بۇ ئېلتىماسنى قەتئىي قۇبۇل قىلماي ئۆزىنىڭ‹‹ ئوق -دورا ئىسكىلاتى ›› ئارسېنالغا بېرىش ئارزۇسى بارلىقنى ئاشكارلىغان .
1392463526CqlCUn54.jpg

   ئەلۋەتتە لېۋىرپۇلنىڭمۇ B پىلانى بولۇشى مۇمكىن . قىزىل قوشۇن لېۋىرپۇل دەل ئۆزىنىڭ B پىلانى بۇيىچە سۇئارېزنىڭ  ئورنىغا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ ، ‹‹tuttosport››نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، سانچېس قەتئىي كېلىشنى خالىمىسا ، قىزىل قوشۇن نىشانىنى ‹‹ بەڭباش بالا ›› بالوتېلىغا قاراتماقچى ئىكەن . لوجېسنىڭ قارىشىدا ، بالوتېلى دەل سۇئارېزنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ئادەمكەن . تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر كوماندا بولسا دەل ئارسېنال . ئارسېنالمۇ ھازىر بۇ ‹‹ بەڭباش بالا ›› بالوتېلىنى نىشانلاپ يۈرگەنكەن . ئەگەر سانچېس  ‹‹ ئوق -دورا ئىسكىلاتى ›› نى تاللىسا ، ئۇ چاغدا  ‹‹بەڭباش بالا ›› لوجېسنىڭ يۆتكەش پىلانىغا كىرىدىكەن .
  بالوتېلىنىڭ ۋاستىچىسى لايىئولا ياۋرۇپا يۆتكىلىش بازىرىدىكى داڭدار ئادەم . ئۇ ئىتالىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىدە ئازاپلىق ھالدا :‹‹ مارىئونى (بالوتېلىنى دىمەكچى ) ئىتالىيەگە قايتۇرۇپ كېتىش بىر چوڭ خاتالىق بولۇشى مۇمكىن ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئۇنى  باشقىلار ياخشى كۆرىدىغان بىر كوماندىغا ئاپىرىش بەك مۇھىم ،لېكىن AC مىلاندىكى بەزىلەر ئۇنىڭغا ئامراق ۋە بەزىلەر ئۇنداق ئەمەس ›› دىگەن  . بالوتېلى ئالدىنقى پەسىل ACمىلاندىكى سەبداشلىرى بىلەن ئوخشاش ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىدى . بىرلەشمىدە 29 مەيدان مۇسابىقىدە ئاران 14 توپ ئۇرۇپ قىزىل - قارا قوشۇننىڭ ھۇجۇمىنى ئىلگىرلىتەلمىدى . كوماندىدىكى ئىككى قېتىملىق مادرىت ئاتلىتكا بىلەن بولغان ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق شاللاش مۇسابىقىسىدە ، بالوتېلى180 مىنۇت ۋاقىتنى تۇلۇق ئوينىغان بىلەن پەقەت بىر سېرىق كارتىدىن باشقا ئەستە قالغۇدەك ئىش قىلمىغان .
20140703063415659.jpg
  ACمىلان بىلەن ئىتالىيەنىڭ توپ تېپىش مۇھىتى بالوتېلىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن . ئىتالىيە ‹‹ ئا ›› دەرىجىلىك مۇسابىقىدىكى ئېرقى كەمسىتىش ، ACمىلان يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىپ توساتتىنلا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش  قاتارلىق ئىشلار بالوتېلىغا چوڭ بېسىم بولغان . ئارسېنالغا قارىغاندا بۇ قېتىم لېۋىرپۇل بۇ سودىدا مەرتلىك باھا قويغان بولۇپ ، ئەگەر  سۇئارېزنى 80 مىليون فونېستىرلىڭغا سېتىپ قالسا ئۇ چاغدا بالوتېلىغا 30 مىليون  فونېستىرلىڭ باھا چىقىرىش تەس ئەمەسكەن .
  ‹‹با پالۋان ›› ‹‹ سۇ پالۋان››نىڭ ئورنىنى باسالىسا ، ئۇ چاغدا لېۋىرپۇل بۇ يىل يازدا ‹‹ ئىككى پالۋان ›› نى ئېلىپ -سېتىش ئويۇنىنى قويىدىكەن . ھازىر لوجېسنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى ئەينى يىلى ئېنتىر مىلاننىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە  ACمىلاننىڭ كىيىمىنى كۆز - كۆز قىلىش ، ئېنتىر مىلاننىڭ قان رەقىبى بولغان AC مىلاننىڭ كوماندا ناخشىسىنى ئېيتىش ، ئىنگىلاندنىڭ مەيدانىدا توپ كىرگۈزۈپ بولۇپ ئىچ مايكىسىدىكى ‹‹why always me›› (نىمىشقا يەنىلا مەن )دىگەن خەتنى كۆرسەتكەن بالوتېلىدەك قايتا باش كۆتۈرۈشىنى كۆرۈش ئىكەن .

967b51bb9e1324367263.jpg
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلسىمۇ باكا....لىۋىرپۇل زىيان تارتىدۇ شۇ.

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىلو نىمانداق مۇرەككەپ ،
سۇ پەلۋاننىڭ بارسىلونانى تاللىشى ياخشى ،
با  پەلۋان ئارسىنالغا بەكرەك ماس كىلىدۇ ،
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئەكىلىپ نىمىمۇ قىلار ..
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن بالاتىرنىڭ ئنگىلاد بىرلەشمىگە قايىتىقىنى تۈزۈك.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىرپولغا قايتۇرما ھۇجۇمغا مايىلراق سانچىس نەخ چۈشەتتى بۇ گۇي نىمە ئارسىنالغا بارغىسى كەپ قالغاندۇ
لىۋىرپولمۇ نىمە سۈرىتى تىزراق ئادەم تاللىماي كەپسىزنى نىشاللىغاندۇ دەيمەن

كۆز ئالدىمغا توتتىنىڭ مانداق چىراي شەكلى دىلخۇشنىڭ ماۋۇ ھالىتى كىلىۋاتىدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالوتولى لىۋىرپولنىڭ تىزئىنكاسلىق ھۇجىمىغا ماسلىشالامۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانچېسنىڭ كەتمىگىنى ياخشى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گەر ئادەم چىشلەپ بولسىمۇ قاۋان،
با ئەۋلىيادىن ياخشىراقتۇر سۇ پالۋان.
سانچىز بارساڭ بار لىۋىرپۇلغا،
ئارسىنالنىڭ ئادەم ئالمىقى يالغان.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىرپولغا بى ئاغزى جىم تۇردىغان ئادەم كەلمەمدىغاندۇ ، بىرسىنىڭ ئاغزى خەقنى چىشلىۋالغان ، بىرسىنىڭ ئاغزى قىچىشىپ ئۇنى -بۇنى دەپ باققان . . .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالوتىللى يەنە بەڭباشلىق قىلىپ سالامۇ ئەمدى .....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-7 17:54 , Processed in 0.089276 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش