تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1713|ئىنكاس: 59

كىروس مادىرىدقا قۇشۇلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 00:39  

150521avy7hyvfp4yytrt5.jpg


   «ماركا گېزىتى» بۈگۈن بايرىن مىيۇنخىن توپچىسى تونى كىروسنىڭ ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادىرىدقا قۇشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مادىرىد بىلەن بايرىن تەرەپ يۆتكىلىش ئىشىدا كېلىشىپ بولغان. كىروسنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 25 مىليۇن ياۋرۇ بولۇپ، 5 يىللىق توختام ئىمزالىغان. دۇنيا لوڭقىسى ئاياقلاشقاندىن كىيىن ئورگان تورىدا ئېلان قىلماقچى بولغان.
   كىروسنىڭ بايرىن مىيۇنخىن بىلەن بولغان توختامى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. كىروس باشتىن-ئاخىر بايرىن تەرەپ بىلەن توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «ماركا گېزىتى» تونى كىروسنىڭ مادىرىد بىلەن بىرلىككە كىلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارلىغان بولۇپ، مادىرىد تەرەپ كىروس ئۈچۈن يىللىقى 5 مىليۇن ياۋرۇ ئىش ھەققى بەرمەكچى بولغان. مادىرىد تەرەپ كىروس بىلەن بىرلىككە كىلىپ بولغاندىن كىيىن، بايرىن تەرەپ بىلەن رەسمى سۆھبەت باشلىغان.
   مادىرىد بۇ سودىنى شۇنداق چىرايلىق تاماملىغان بولۇپ، ھازىر ئىككى تەرەپ ئورگان تورىدا ۋاقىتلىق ئېلان قىلمايدىكەن. گېرمانىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى قەدىمى ئاخىرلاشقاندا ئاندىن مادىرىد ئورگان تورىدا كىروسنىڭ مادىرىدقا قۇشۇلغانلىق خەۋىرىنى رەسمى ئېلان قىلماقچى ئىكەن.
   كىروسنىڭ مادىرىدقا قۇشۇلىشى، مادىرىدنىڭ جەڭ تاكتىكىسىدا مۇھىم ئورۇندا بولۇپ، ئالونسو قالتىس بولغان بىر ھەمكارلاشقۇچىغا ئېھتىياجلىق بولۇش ئورنىنى تولۇقلىغان. كىروس بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 414 قېتىم پاس يەتكۈزگەن بولۇپ، 354 قېتىملىق پاس مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغان. بۇ ئىككى سان پۈتۈن توپچىلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. كىروسنىڭ پاس يەتكۈزۈش ئۈنۈمى %86 كە يەتكەن.

            U10994P1545T33D19469F682DT20140703020821.jpg

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خو يارايدۇ داۋاملىق قان تۇلۇخلاپ دۇشمەنلەرنى ئىشتانغا سىيدۇرۇپ مادىرىت دەپ ئاڭلىسا يىغلايدىغان قىلىشى كىرەك  داۋاملىق كىلۇز .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ  ياخشىغۇ....بىراق مارىيا ئادەمنى ئەنسىرتىۋاتىدۇ..
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پارتىزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 00:38  

شۇنداق بولغاندا قىدرانى سېتىۋىتەمدۇ نىمە مادرىد    ئەمدىكى گەپ  فالكاۋدا قالدى !  رودرىگىزنى ئەكەلسە ئەكەلمىسە مەيلى ! ئۇنىڭدىن باشقا دىمارىيانى قولدىن چىقارماسلىق كىرەك ! بېنزىما دۇنيا لوڭقىسىدا خېلى ئېچىلىپ قالدى !  مۇشۇ ئىپادىسىنى ساقلىيالىسا يەنە بىر ئىككى يىل جان باققىدەكمىز !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتىرا مەيداندىن ئەنسىرمىمۇ بۇلدىغان بولدى ،لىكىن زە دىمارىيانى ساتماسلىق كىرەك .دىمارىيا ناھايتى ياخشى ئوينايدۇ .مادىرىت پۇشيايمان يەپ قالمىسا بۇلاتتى .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى ئورۇننى ئوينايدۇ بۇ بالاڭزا ؟ قانچە ياش ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىزان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 00:23
شۇنداق بولغاندا قىدرانى سېتىۋىتەمۇ نىمە مادرىد    ئ ...

ھازىر ئەڭ مۇھىم بولۋاتقىنى دىمارىيانىڭ ئىشى بوپ قالدى. بۇ بالا مادىرىدتىن كەتمىسە بولاتتى.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 00:23
خو يارايدۇ داۋاملىق قان تۇلۇخلاپ دۇشمەنلەرنى ئىشتانغا ...

كىلوز ئەمەس كىروس بۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچقۇنى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 00:26
قايسى ئورۇننى ئوينايدۇ بۇ بالاڭزا ؟ قانچە ياش ؟

ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى. بۇ يىل 24 ياش.....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىزان يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 00:23
شۇنداق بولغاندا قىدرانى سېتىۋىتەمۇ نىمە مادرىد    ئ ...

ئۆتكەنكى خەۋەردە مادرىد تەرەپ ئوبدانراق باھا قوبۇل قىلسا ھىدرانى سېتىۋىتەرمىش، شۇنىڭ بىلەن ۋىنگىر ھەركەتكە چۈشۈپتۇدەك…
دىمارىيا گەپنى ئايرىۋەتسە بولاتتى، قالغانلىرى كەلسە ئورۇندۇق كۈچۈنى ئاشۇرۇپتۇق دەپ ئولتۇراتتۇق…
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سويارىزنىڭ بارسېلوناغا يۆتكىلىپ بولغان خەۋىرىنىمۇ بىللە يوللىۋەتمەي .
ئەڭ ۋەششى بولغىنى ، بارسېلونا خەلىقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسىگە سويارىزنىڭ تۆت ئاي مەشىق قىلماسلىق جازاسىنى بىكار قىلغۇزىۋىتىپتۇ ، شۇنداق بولغاندا سويارىز بارسېلونا كەلسە ، ئەركىن مەشىققە قاتنىشالايدۇ .
مەن قايسى كۈنى بىر ئىنكاس يېزىپ ، سويارىز بارسېلوناغا كەلگەن كۈنىلا ، جازا ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ دەپ يېزىپ قويسام ، بىر باشقۇرغۇچى گەپ قىلمايلا ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۇپ تاشلاپتۇ . نەرىگە تېگىپ كەتتى ئۇ ئىنكاسىم زادى بىلمەي قالغانتىم . ئەمدى بۇ خەۋەرگە نېمە دەيدىكىن ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-7 17:52 , Processed in 0.107333 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش