تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1587|ئىنكاس: 48

دىمارىيا مادرىتتىن كەتمەكچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 00:04  

يېقىندىلا ئاياغلاشقان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسنىڭ سەككىز كۈچلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ، ئارگېنتىنا ‹‹ پەرىشتە ›› دىمارىيانىڭ 118 مىنۇتتا ئۇرغان بىر توپى بىلەن شىۋىتسارىيەنى شاللاپ   سەككىز كۈچلۈك كوماندىنىڭ قاتارىغا كىردى . لېكىن‹‹ماركا گېزىتى ›› نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئالدىنقى پەسىل خانلىق مادرىتنىڭ ياردەمچى پاس شاھى  دىمارىيا بۇ يىل يازدا  ئىسپانىيە خانلىق مادرىتتىن كېتىپ يېڭى ماكان ئىزدەشنى مادرىت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە ئىلتىماس قىلغان. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان خانلىق مادرىتنىڭ مەشقاۋۇلى ئەنچىلودى دىمارىيانىڭ كەتمەسلىكنى ئارزۇ قىلغان .

sb2014070300046.jpg

  بۇلتۇر يازدا ، خانلىق مادرىت پۈتۈن كۈچىنى بىلەن ۋېلىشلىق پۇتبولچى بېلنى ئەكىلىشكە چىقارغان . بېلنى ئەكىلىش ئۈچۈن خانلىق مادرىت دىمارىيا ، ئۆزىل ۋە ھېگۇايىنلارنى سېتىش ئارقىلىق ھەق توپلىماقچى بولغان . ئاخىردا ھەربىرى 40 مىليوندىن ئارتۇق يۇقىرى باھا بىلەن ئۆزىلنىڭ ئارسىنالغا ، ھېگۇايىننىڭ ناپىلۇسقا كېتىشى بىلەن  دىمارىيا كوماندىدا قىپ قالغان .
  ئالدىنقى پەسىل گەرچە خانلىق مادرىت 10- لوڭقىنى قولغا ئالغان بولسىمۇ لېكىن دىمارىيا ، بېل ۋە رونالدولارنىڭ ھەممىسى خانلىق مادرىت سېپىنىڭ ھۇجۇم رايونىدا ئوينىغاچقا ، خانلىق مادرىتنىڭ ھۇجۇم رايونىدا ئازراق ‹‹ قىسىلىش ›› ھالىتى پەيدا بولغان . مەيلى دىمارىيا ، بېل ۋە ياكى رونالدولار بولسۇن ھەممىسى ئوتتۇردا ئوينىيالىغان بىلەن ھەممىسى ياندىن ھۇجۇم قىلىشقا كۆنگەچكە مۇشۇنداق ‹‹قىسىلىش›› نى كەلتۈرۈپ چىققان .

201405211105499013.jpg

  بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى باشلىنشتىن بۇرۇن ، دىمارىيا مادرىت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە ئۆزىگە مائاش ئۆستۈرۈپ بېرىش ۋە مادرىتتىكى مۇقىم ئورنىنى بەلگىلەپ بېرىش توغرۇلۇق ئىلتىماس قىلغان . لېكىن خانلىق مادرىت  بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەچكە دىمارىيانىڭ خانلىق مادرىتقا بولغان ئىشەنچىسى يوق بولغان .

3746779446052909007.jpg

   خانلىق مادرىتنىڭ ‹‹ سۇئارېز ، Jلولار بىلەن سۆھبەتلەشتى ›› دىگەن خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشى بىلەن كېلەر پەسىلدە بىر قىسىم توپچىلارنى قىسقارتمىسا ، ھۇجۇم رايونىدا تېخىمۇ  ‹‹ قىسىلىش ›› بولۇشى ئېنىق . دىمارىيا باشقا كۇلۇبلارغا بارسا مەيلى مائاش ياكى كوماندىكى ئورنى قاتارلىقلار ھازىرقىدىن ياخشى بولۇشى تۇرغانلا گەپ .
  ‹‹ماركا گېزىتى›› نىڭ ئاشكارلىنىشىچە ، ھازىر ياۋرۇپادىكى بەزى باي كۇلۇبلار دىمارىياغا ‹‹ چىش بىلەپ ›› تۇرغان بولۇپ ،لېكىن  خانلىق مادرىتنىڭ دىمارىياغا قويغان باھاسى50 مىليون ياۋرۇ . بۇ ئەينى ۋاقىتتا دىمارىيانى يۆتكەپ كېلىشكە كەتكەن 30مىليون ياۋرۇدىن 20 مىليون ياۋرۇ ئارتۇق . شۇنىڭدا خانلىق مادرىتنىڭبۇ سودىدا پايدىغا ئېرىشىدىكەن . بۇلتۇر دىمارىيا بىلەن ئۆزىل ئىككىسىنىڭ بىرىنى سېتىشتا نەق ئەنچىلودى دىمارىيانى ئېلىپ قېلىپ ، ئۆزىلنى 50 مىليون ياۋرۇغا ئارسېنالغا سېتىۋەتكەن ئىكەن . ھازىر ئەنچىلودى دىمارىيانى قالدۇرۇپ قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىكەن .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنادا مېسسىنىڭ يېنىدا پەقەت دىمارىيا نولغانلىقى ئۈچۈنلا بىز خاتىرجەم، ھىگۇيىن، ئاگيرو دىگەنلەر بىر دۆۋە پوق. باسانىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ئاجىزلاشقان مۇشۇ پەيىتتە بارساغا كىلشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ساتىدىغان بالا ئەمەستى.....
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتۇسقا كىلىشىڭنى ئۇمۇت قىلىمەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە مادىرىت دىمارىيانى قولدىن چىقامايدۇ ،  ئۆزىلنى ساتقاننىڭ دەردىنى خىلى تارتقان ئەن پوداق   قانداق قىلسا دىمارىيانى ساقلاپ قىلىشى مۇمكىن .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا كەتمىسە بولاتتى ....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەممە بۇ كاساپەت شىۋىتساتىيە بىلەن ئوينىغاندا قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا ۋەششى ئوينىۋەتتى ئەممە مەيداننىڭ ھەممە يىرىدە بار دېگۈدەك
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتە-سات ۋۇ پوداق....سېتىپ پۇلىغا كاۋا مانتسى ئىلىپ يە......
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا مادىرىتتىن ئايرىلسا بۇلمايدۇ ، ھەرگىز ساتماسلىق كىرەك ، دىمارىيانىڭ مائاشىينى ئازىراق ئۈستۇرۇپ مەيداندىكى ئۇرنىنى مۇقىم قىلىپ بەرسە دىمارىيامۇ ساراڭ ئەمەس مادىرىتتەك كۈزگە كۇرۇندىغان كۇماندىدىن ئايرىلدىغان ، خام خىيال ئالىمىز دىمەڭلار
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد تەرەپ ھەرگىز ، دىمارىيانى دەپ بىلدىن ۋاز كەچمەيدۇ ، دىمارىيانىڭ ئېشىغا توپا سالغۇچى دەل بىل .
خەۋەرلەردە تونى كىروس مادرىتقا قۇشۇلدى دەپ خەۋەر چىقتى ، شۇنداق بولغاندا ، دىمارىيانىڭ مادرىتتىن كەتمەكتىن باشقا ئامالى يوق ، ئەگەر كەتمەيمەن دېسە بىل بىلەن ئورۇن تالاشسا بولىدۇ ، بۇ خۇددى ئەينى چاغدىكى ئۆزىلنىڭ رىقابەتلىششىتىن چەتنەپ چىققىنىغا ئوخشايدۇ ، مادرىد ھەرگىز دىمارىيانى قوغلىمايدۇ ، گەپ دىمارىيانىڭ مادرىتتىكى رىقابەتكە توغرا يۈزلىنىشى .
دىمارىيادا رىقابەتكە يۈزلەنگۈدەك ، جاسارەت ۋە تېخنىكا بار ، مېنىڭچە دىمارىيا مادرىتتىن كەتمەيدۇ .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باساغا كىلەمسەن يا ،
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا چۇقۇم قالىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-7 17:54 , Processed in 0.125569 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش