تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 994|ئىنكاس: 18

ليۇۋېي شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلۇپ ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 00:13  

   213042uhwbszcc7ci664s6[1].jpg

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شاڭخەي شەرىقى رايون ۋاسكېتبول كۇلۇبى بايانات ئېلان قىلىپ، شاڭخەي كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ليۇۋېينىڭ رەسمىي ھالدا شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ئاللىبۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى، شەرىقى رايون ۋاسكېتبول كۇلۇبى يەنە : ‹ليۇۋېيغا رەھمەت، ليۇۋېيغا ئۇتۇق تىلەيمىز !› دېدى.
يېقىندا شاڭخەي شەرىقى رايون ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دېرىكتورى چيەن ئەنكې ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىدا يوشۇرۇن ھالدا شاڭخەي كوماندىسىنىڭ خوجايىنى ياۋمىڭنى ‹ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدۇ› دەپ تەنقىدلەپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
شەرىقى رايون ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىشىچە : ‹مەيلى شاڭخەي كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ۋاقىتلاردا بولسۇن ياكى ناچار ئەھۋاللاردا بولسۇن ليۇۋېي ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى شۇنداقلا كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئۆزىنى قۇربانلىق قىلىش روھى بىلەن كوماندىغا باشلامچىلىق قىلىپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى. ليۇۋېينىڭ كوماندىدىن ئايرىلىپ باشقا كوماندىغا قوشۇلىشىغا قارىتا بىز بارلىق توپ مەستانىلىرىغا ئوخشاش ليۇۋېينىڭ 20 يىلدىن بۇيان توختاۋسىز ھالدا شاڭخەي كوماندىسىغا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە ليۇۋېينىڭ يېڭى مۇھىتتىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز › دېيىشتى، باياناتتا يەنە ئالاھىدە تەكىتلەپ : ‹ليۇۋېي بىلەن توختامنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىش شاڭخەي شەرىقى ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ تولىمۇ تەڭقىسلىقتا چىقارغان قارار ھېسابلىنىدۇ› دېدى.
ليۇۋېي شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپلا قالماي، كۆپ قېتىم كوماندىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئىچىدە قالغان پەيتلىرىدە كۆكرەك كېرىپ باشلامچىلىق قىلىپ كوماندىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا كوماندا خوجايىنى ياۋمىڭ بىلەن ياشلار كوماندىسىدىن باشلاپ بىرگە مەشىقلىنىپ بىرگە شاڭخەي كوماندىسىغا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەنە بىرگە جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ‹بۇرادەرلەر› دىن ئىدى.
لېكىن 2009-يىلى شاڭخەي كوماندىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ياۋ خوجايىن ليۇۋېينىڭ توختامنى داۋاملاشتۇرۇش ئىشىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ، نەتىجىدە ئىككىلا تەرەپنىڭ يول قويۇش ئاستىدا ليۇۋېي شاڭخەي كوماندىسى بىلەن بولغان توختامىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يىل يازدا ليۇۋېينىڭ توختامدىكى ۋاقتى توشقان ئىدى. ئىگەللىنىشچە، ليۇۋېينىڭ ئەسلىدىكى پىلانى شاڭخەي كوماندىسىدا يەنە بىر يىل مۇسابىقە ئوينىغاندىن كېيىن چېكىنىپ ترېنېرلىق ھاياتىنى باشلاش ئىكەن، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ليۇۋېينىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.
يېقىندا شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دېرىكتورى چيەن ئەنكې يەنە ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىدا : ‹CBA بىلەن NBA ئوخشىمايدۇ، CBA مۇ مەڭگۈ NBA غا ئايلىنالمايدۇ...20 يىللىق قان-تەرىنىڭ نەتىجىسى ئويلىشىشقىمۇ ھەتتا مەسلىھەتلىشىشقىمۇ پۇرسەت بولمىغان مۇئامىلىگە مەجبۇر بولدى، ھازىردىن تارتىپ سەنمۇ مېنىڭ نەزىرىمدە بىر تاۋار خالاس، ئادەمگەرچىلىكتىن سۆز ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق، خەير-خوش › دەپ يېزىش ئارقىلىق بۇ گەپلەرنى كوماندا خوجايىنى ياۋمىڭغا قاراتتى.
ليۇۋېي 1994 يىلى شاڭخەي ياشلار كوماندىسىغا كىرىپ 1996-يىلى شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كىرگەن، شۇنداقلا كەلگۈسى 20 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى توپ ماھارىتى، نومۇر ئېلىش ۋە مۇسابىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلاندى، ئۇ يەنە ئىلگىرى دۆلەت كوماندىسىغا قاتنىشىپ كوماندا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
ليۇۋېينىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ بىر تەجرىبىلىك، يېتەكلەش رولىغا ئىگە كونا پىششىپ يېتىلگەن باشلامچىسىسىدىن ئايرىلغانلىقىىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىرگە شاڭخەي كوماندىسى يەنە يېڭى توپچىلار ئارقىلىق كوماندىنىڭ غوللۇق ئورۇنلىرىنى تولۇقلاپ يېڭى ئۇسلۇبتا مۇسابىقە مۇھىتى يارىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. زامان ئالماشقان شاڭخەي كوماندىسىنىڭ نۆۋەتتىكى نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقى كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.
ليۇۋېي 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىىگە يىتىپ كىلىپ توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن كۈتىۋىلىشىغا ئىرىشتى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php  

200920l22969se2kvh29dx[1].jpg 200931xz3dzdyppg6dyxl6[1].jpg 200933t07qqsfjwzgm7vwh[1].jpg 200946y38tpvmvptcfzpf7[1].jpg
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنىڭ تەنتەربىيە چوڭ خەۋەرلىرىنى سىغدۇرالمىغان قەلىبلەر ،شۇلار  بىلەن ھەمنەپەستە خۇشاللىقىنىڭ تەنتەنىسىگە جۆر بولغاندا دىگننىڭلاردىن يالتىيسىلەر،،،،ئايدا تاكى يىلدا بىرلا قېتىم چىقىپ قالدىدۇ....بولدى  رامىزاننىڭ خاسىيتىدە قەلىبلەرنىڭ زىل تارىسى چىڭ چىكىلىپ كەتمىسۇن.ئاللا  ھەر بىرمىزگە سەبىر ئاتا قىلسۇن.
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ خوشخەۋەر. دۆلەت كوماندىسىنىڭ  كاپىتانى،شاڭخەي كوماندىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۆھپىكارى لۇيۇۋېي.
بۇيى  پاكار بولغىنى بىلەن ھۇجۇم تەشكىللەش ۋە 3نۇمۇر  ئېلىش ئىقتىدارى ياخشى.گەرچە يېشى چوڭىيپ كەتكەن  بولسىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شىنجاڭ ۋاسكىتبولچىلىقىنىڭ تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ  بارماقتا.ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگۇ كومانسىنىڭ كاپىتانلىقى  ۋە شاڭخەي كوماندىسىنىڭ يۈرۈكى ھىسابلىندىغان   بۇ ماھىر ھىچ  ئىككىلەنمەي  شىنجاڭغا قۇشۇلۇپتۇ.
غەيرەت قىلىڭلار ئەزمەتلەر...
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولچى بۇلامدىكەن ئەمدى ؟؟؟؟؟؟؟ مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى قوغدايلى !!!
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزغىن قارشى ئالىمىز سىنى
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ يىتمىدى مۇشۇ ۋاستىبولنىڭ خەۋىرى بۇ مۇنبەردىن تەييار ۋاستىكبول تورى بولغاندىكىن شۇ يەرگە يوللاپ ئوينىسا بولمامدۇ دەيمە بۇنداق خەۋەرلەرنى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇنبەرنى بولسىمۇ ساپ تۇتساق بولاتتى باشقۇرغۇچىلار سەل دىققەت قىلىپ قويۇڭلدر
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر  كىنونىڭ  ئوتتۇرسىغا  ئېلان  قىستۇرلۇپ  قالغاندەك  بىر  تېما  بوپتۇ  بۇ  .،.،
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ۋاسكىتبولچىلارنىڭ يىللىق مائاشى بىر كۇلۇبتىن يەنە كۇلۇبغا يۆتكەلگەن باھاسى قانچە پۇلدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق فاشىسىتلىق قىلمايلى ئاغاينىلە ، كۇندە پولو يىسىمۇ زىرىكىپ قالىدۇ ئەدەم
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىرمە يىلنىڭياغى توپ ئويناۋاتقان بولسا نەچچىگە كىرگەن نېمە بۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-7 17:53 , Processed in 0.092935 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش