تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1095|ئىنكاس: 20

دۇنيا لوڭقىسى ئامرىكىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 21:46  

ئامرىكا پۇتبۇلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟
ئامرىكا پۇتبولىغا دىققەت قىلىۋاتقىنىمغا خىلى ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ قىتمقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئامرىكا پۇتبولىغا بولغان تونۇشۇمنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىلەن بىرگە مۇشۇ تىما توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا شۇ سەۋەپتىن قولۇمغا قەلەم ئىلىشقا ئۈندىدى . مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، تىمىنى بىيىتىپ ، ئامرىكا پۇتبولىنى تىخمۇ ياخشى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ برىشنى ئۈمۈد قىلىمەن !

8888888.jpg


زەيتۇن توپ ۋە ۋاسكىتبولدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل توپ تۈرى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ، ئامرىكىدىن ئىبارەت بۇ ناھايىتتى چوڭ ، ھەم تەنھەركەت مەستانىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان بۇ زىمىندا ، 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، ئامرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوبامانىڭ تىلۋىزۇر ئالدىدىن ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بەرگەن سۈرىتى تارقالغاندىن كىيىن ئامرىكا جەمئىتىدە ، پۇتبۇلنىڭ بارا-بارا ئۆز ئورنىنى تىپىۋاتقانلىقى يەنە بىر قىتىم ئىسپاتلاندى .
يەنە كىلىپ باش تىرىنىر كىلسىماننىڭ ئامرىكا پۇتبولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ ، ئۆزگىچە بىر ھالەتتە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن قىلغىنغا ، بۇ قىتىمقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئامرىكا كوماندىسىنىڭ ئاجايىپ مۇداپىيە ، ئۈنۈملۈك ھۇجۇم ۋە ئۆزگىچە ماسلىشىشلىرى بىلەن ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك سانالغان كۇلۇپلار بىلەن روبىرو تىركىشىپ ، مەستانىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز مۇسابىقىلەرنى نامايەن قىلىشى قوشۇلۇپ ، ئامرىكا پۇتبولىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈردى .
ئىنىقسىز سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ، يىقىندىن بۇيان ، تور ۋە تىلۋىزىيە پىروگىراممىلىرىدىن ، ئىسپانىيە ، ئىنگىلاند قاتارلىق ياۋرۇپادىكى چوڭ بىرلەشمىلەرنىڭ مۇسابىقىلىرنى بىۋاستە كۆرىۋاتقان ئامرىكىلىقلا 20 مىلىيوندىن ئىشىپ كەتكەن بولۇپ ، بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئامرىكىلىقلار ، باغچا ، كىنوخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كۆپلەپ يىغىلىپ ، ئامرىكا كوماندىسىغا مەدەت بىرىش بىلەن بىرگە ، ئۆزى ياقتۇردىغان باشقا دۆلەت مۇسابىقىلىردىن ھوزۇرلانغان .
گەرچە پۇتبول ئامرىكىدىكى باشقا توپ تۈرلىرىگە قارىغاندا ئوموملىشىشى بىر قەدەر ئاستا ۋە كىيىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما يىللارغا قارىغاندا بۇ قىتىمقى بىرازىليە دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىكى ئامرىكا توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە بىر قىسىم سىياسى ئەرباپلارنىڭ پۇتبولغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلىشىىگە قاراپ ، بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئامرىكىنىڭ ئىشىكىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئاچىتى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ دەپ قارايمەن .
ئامرىكا پۇتبولچىلىقىنىڭ مۇشۇ يىقىنىقى ئون نەچچە يىللىق تارىخى تەرەققىياتىغا قاريدىغان بولساق ، داۋىد بىكخام ، ھىنىرى قاتارلىق ياۋرۇپادىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىگە قوشۇلىشى ، بۇ كەڭ زىمىندىكى  پۇتبۇل ھۈجەيرىلىرىنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇپ ، بۇ يەردىكى خەلىقنىڭ پۇتبولدىن ئىبارەت ، ياۋرۇپا، ۋە باشقا كۆپ قىسىم جايلارنى تولۇق ئىشغال قىلىپ بولغان بۇ چوڭ ئىشغالىيەتچىگە بولغان قىزغىنلىقىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىختىيارسىز ئىشىك ئىچىپ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشكەن ئىدى .


999.jpg


بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا ، ئامرىكا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن بىرگە ، پۇتبول ئامرىكىدىكى سىياسى ئەرباپلارنىڭ بارا-بارا ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  ياۋرۇپادىكى يىشىل چىملىقلاردا ئات چاپتۇرغان كاكا ، بىلىيا قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنىڭ  ئامرىكا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلارغا  كىلىشى قوشۇلۇشى ،  ئامرىكىدىكى پۇتبول قىزغىنلىقى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ .

مانا بۇلار ئامىرىكا توپ مەستانىلىرى


ئون يىل ئىلگىرى سىز ئامرىكىلىقلار بىلەن پۇتبول توغىرلۇق پاراڭلاشسىڭىز ، ئۇلار مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئامرىكىچە پۇتبول دەپ ئاتالغان -زەيتۇن توپ توغىرلۇق سۆزلەپ بىرەتتى ، لىكىن بۈگۈنكى كۈندە بولسا ،  ئامرىكا سىملىق تىلۋىزىيىسى تارقىتىۋاتقان بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقسى  پىروگىراممىسى  ، ئامرىكىلقلار قولدىن بەرمەي كۆرىدىغان پىروگىراممىغا ئايلاندى .

1.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ، ۋاسىنگىتون .    بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش ئۇچرىشىشىنىڭ ئامرىكا بىلەن بىلگىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىسى ، ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ، خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ ئاقسارايدا دۆلەت كوماندىسىغا مەدەت بەردى . گەرچە ئامرىكا كوماندىسى سەككىز كۈچلۈككە كىرشتىن مەھرۇم بولغان بولسىمۇ ، ئەمما پۇتبۇل ئامرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ، يڭىش ، يىڭىلىش ئۇقۇمىدىن ھالقىپ بولغان ئىدى .

2.jpg

ئامرىكا بىلەن پورتۇگالىيە ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ، ئامرىكا توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتتى يۇقرى پەللىگە چىققان بولۇپ ، ئىنىق سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنى تىلۋىزۇردىن بىۋاستە كۆرگەنلەرنىڭ سانى 25 مىليوندىن ئىشىپ كەتكەن .   NBA نىڭ  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن كۆرىدىغانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سانى 15مىلىيون 500 مىڭدىن ئىشىپ كەتكەن بولۇپ ، پۇتبول قىزغىنلىقى يۇقرى پەللىگە چىققان دىيىشكە بولىدۇ .

3.jpg


شۇ يەر ۋاقتى 2014 -يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ، كالفورنىيە  .   توپ مەستانىلىرى  ئامرىكا بىلەن گىرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن كىيىن ، توپ مەستانىلىرى ئامرىكىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا گۇرۇپپىدىن چىققانلىقىنى تەنتەنە قىلىشماقتا .

4.jpg


ۋاسكىتبول ، زەيتۇن توپ قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۈچلۈك توپ تۈرلىرى ماكانلاشقان ئامرىكىدا ، پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ يىڭى تۈرنىڭ ناھايىتتى تىزلا يۇقارقىدەك تەسىر قوزغىشى ھەممىنى ھەيران قالدۇردۇ.

5.jpg


ئامرىكىدا ھازىر پۇتبول ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزىقىدىغان تەنھەركەت تۈرىگە ئايلىنىشقا باشلىدى .

6.jpg


ئامرىكىلىقلار نەزىرىدە ، ئىقتىسادى قىممەت يارىتالمايدىغان ھەرقانداق تۈر ، بۇ ئورۇندا ماكانلىشىپ ، تەرەققى قىلالمايدۇ ، ئەمما  پۇتبولنىڭ بۇ تەرەپتىكى ئارتۇقچىلىقى ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشغا ئىرشتى .

7.jpg


زەيتۇن توپ ، ۋاسكىتبول، سۇ ئۈزۈش ، يىنىك ئاتلىتكا قاتارلىق تۈرلەر ئامرىكىلىقلار ئەڭ ياقتۇردىغان تەنتەربيە تۈرى بولۇپ ، دۇنيادىكى بىرىنجى تەنھەركەت دەپ نام ئالغان پۇتبۇل ، بۈگۈنكى كۈندە  ، يۇقارقى تۆت تۈر بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تەرەققىي قىلىش شارائىتىنى تولۇق ھازىرلىدى .

8.jpg


2007-يىلى داۋىد بىكخامنىڭ ئامرىكا كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسىگە قوشۇلىشى ، ئامرىكا ئاسىمىنىنى يىڭىچە نۇرلارغا چۆمدۈرۈپ ، پۇتبۇل ئۈچۈن يىڭى يۈكسىلىشلەرگە ئاساس سالدى .

9.jpg


سەگىدىگەچ زەيتۇن توپ كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن ئامرىكىلىقلار ، مۇنداق پۇتبول كۆرۈشكىمۇ ئادەتلىنىپ كەتتى .

10.jpg


1994-يىلىدىكى ئامرىكا دۇنيا لوڭقىسىدىن باشلاپ ، ئامرىكىلىقلارنىڭ پۇتبول ئارزۇسى چىچەكلەشكە باشلىغان بولۇپ ،  20 يىلدىن بۇيان ئۇلار  ئىزچىل دۇنيا لوڭقىسى سەپ شەكلىدە كەم بولۇپ باققان ئەمەس .

11.jpg


2010- ىيلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى  ، ۋاشىنگىتون . ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بىدىن ۋە سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتون ، ئاقسارايدا جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتلىنىش ئالدىدىكى ئامرىكا كوماندىسى بىلەن بىرگە .

12.jpg


2010-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ، تورۇنتودا 20 دۆلتە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ، ئامرىكا بىلەن گانا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى ياتىقىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرمەكتە .

13.jpg


2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ، كانزاس شىتاتى . ئامرىكا كوماندىسى بىرزىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە گۇانتانامونى 3:1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ تەنتەنە قىلماقتا .

14.jpg


2013-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ، يۇتا  شىتاتى . بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ھوندۇراسنى  1:0 نەتىجە بىلەن يەڭگەندىن كىيىن ، توپ مەستانىلىرى ھاياجان بىلەن تەبرىكلىمەكتە .

15.jpg


شۇ يەر ۋاقتى2014 -يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ، بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ،ئامرىكا بىلەن گانا كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە باشلىنىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى ، ئامرىكا توپ مەستانىلىرى  مەيدانغا كىرمەكتە .

16.jpg


مۇسابىقە جەريانىدىكى ئەسەبىي ئامرىكا توپ مەستانىلىرى .

17.jpg


شۇ يەر ۋاقتى6 -ئاينىڭ 16-كۈنى ، ئامرىكا گانا ئوتتۇرسىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسدىكى ، ئامرىكا كوماندىسى توپ ئۇرغاندا تەنتەنە قىلىۋاتقان چىكاگو تپو مەستانىلىرى .

18.jpg



پۇتبولمۇ ئوخشاشلا ئامرىكىلىقلارنى ھاياجانلاندۇرالايدۇ !

19.jpg

ئامرىكىدىكى قاۋاقخانىلار مۇسابىقە نەخى مەيدانىدىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدە قىززىپ كەتكەن ئىدى  !

20.jpg

ئامرىكىلىقلار ، يىغىلغۇدەك يەر بولسىلا يىغىلىپ ، دۆلىتىگە مەدەت بىرۋاتاتتى !

21.jpg


ئامرىكىلىق قىزلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقى ياۋرۇپا قىزلىرىدىن قىلىشمايتتى .

22.jpg


2010-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى . جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدىكى ، ئامرىكا بىلەن سىلىۋانىيە ئوتتۇرسىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، توپ مەستانىلىرى قوللىرىدا تارىختىكى ئامرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىن ۋە ۋاشىنگىتوننىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ دۆلىتىگە مەدەت بەرمەكتە .

23.jpg


شۇ يەر ۋاقتى 2014  -يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ ، ئامرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىندىن  قىزى بىلەن بىرلىكتە ، ئامرىكا گانا ئوتتۇرسىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى كۆرمەكتە .

25.jpg


شۇ يەر ۋاقتى 2014 -يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ، ئامرىكا پورتۇگالىيە ئوتتۇرسىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى تىلۋىزىيەدىن بىۋاستە كۆرگەن ئامرىكىلىق 25 مىليونغا يىتىپ ، يۇقرى رىكورىت ياراتتى .

26.jpg

بۇ يىلىقى ئامرىكا مەستانىلىرنىڭ پۇتبول كۆرۈش قىزغىنلىقى ۋاسكىتبولنىڭكىدىن ئىشىپ ، ئومومىي خەلىق قىزغىنلىقىغا ئايلانغان .

27.jpg


شۇ يەر ۋاقتى 2014 -يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ، ۋاشىنگىتون .  خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدا ئامرىكا گىرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى كۆرمەكتە .

28.jpg

نىيويورىكتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئامرىكا كوماندىسىنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشماقتا !

29.jpg

يۈزىگە دۆلەت بايرىقىننى سىزىۋالغان توپ مەستانىسى ئامرىكا كوماندىسىنىڭ ئاخىرىقى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى ھاياجان ئىلىكىدە كۆرمەكتە .

31.jpg

چىكاگودىكى بىر باغچىدا بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئامرىكا بىلەن پورتۇگالىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىنى كۆرىۋاتقان توپ مەستانىلىرى .

33.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 2014 -يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ، گىرمانىيە بىلەن گانا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە مەدەت بىرىۋاتقان ئامرىكا توپ مەستانىلىرى .

34.jpg

ئامرىكىدا 14 پىرسەنىت  توپ مەستانىسى ، بىز چوقۇم چىمپىيۇن بولالايمىز دەپ قارايدۇ ، ئامرىكىدەك پۇتبول يىڭىدىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغا دۆلەتتە ، مۇشۇنچىلىك قوللاشنىڭ ئۆزى پۇتبول ئۈچۈن يىتەرلىك !

35.jpg

ئامرىكا پۇتبولىنى يىڭىچە تۈسكە كىرگۈزگۈچى ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى كىلسىمان .

36.jpg

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ، بالىلاردىن -ئانىلارغىچە ھەممىسى دۆلىتىدە تۇرۇپ ، كوماندىسى ئۈچۈن ھۇررا توۋلىدى .

37.jpg

ئۇلارنىڭ جاسارىتى ، غەيرىتى ، چىدامچانلىقى خەلىقى تەرپىدىن ئىتىراپ قىلىندى !

38.jpg

پايدىلانغان بەزى ماتىرياللارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن ، بەزى خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى ئىھتىمالغا يىقىن ، مۇنبەداشلارنىڭ توغىرا چۈشۈنىشىنى سورايمەن !
                                                                                                      
                                                                                                                                                                               -باقاۋۇل


ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول نوقۇل تەنتەربىيە تۈرىلا ئەمەس، دۆلەتلەر كۈچ سىنىشىشىنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى خالاس…
ۋاسكىتبول،زەيتۇن توپ ئامرىكىلىقلار ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسى بولىشى مۇمكىن، مىڭ ئوينىسىمۇ تىك تاك توپتەك دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئۇيان بۇيان قىلالمايدۇ، ئەمما پۇتبول ئۇنداق ئەمەس…
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم.....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەسىملەرنىڭ ئىچىلىشى بەك ئاستىكەن ....
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازراق ئىملا خاتالىقى باركەن،ئېىسل چېقىپتۇ،
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئامرىكا پۇتبۇلى دۆلەتنڭ شۇنداقلام ئامرىكادىكى نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنڭ قولىشىغا ئېرىشتى.

خەلىقنىڭمۇ پۇتبۇلغا بولغان قىزغىنلىقى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسەھ كۈچەيدى بۇرۇن زويتۇن توپ بىلەن  ۋاسكىتبۇلدىن باشقىغا قىزىقمايدىغان ئامىركىلىقلاردا ھازىر پۇتبۇلغا بولغان قىزغىنلىق ئوخشاش تۈردىكى تەنتەربىيە تۈرلىرى ئچىدە ئالدىنقى ئۇرۇندا كىتىپ باردۇ  .   ئامرىكادىكى پۇتبۇل قىزغىنلىق مۇشۇنداق داۋاملاشسا ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىىدە بۇلامۇ دۇنيا لوڭقىسغا خىرىس قىمايدۇ .دىگىلى بولمايدۇ
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكىلىقلارمۇ پۇتبولنىڭ سىھرى كۈچىنى ھىس قىلىپ يەتكەن چېغى ....................
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىرىكىدا پۇتبول قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپ كەتسە ..ياۋرۇپادىكى قېرى زەردار كۇلۇبلار بىر يەردە قالامدىكى دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە ! ئۇ چاغدا قىتئە ئالمىشىدىغان ئىش چىقامىكى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ  ھاياجان  خەقتە  بۇ  .،.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى جاپا تارتىپسىز رەھمەت ھارمىغايسىز ،

بولسا بۇندىن كىيىن  ھەرقانداق بىر مۇنبەرداشلارنىڭ يېرىم يالڭاچ ئايال مەستانىلەرنىڭ رەسىمىنى مۇنبىرىمىزگە چىقارمىساق ،  بۇنداق دىسەم تىما ئىگىسى كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ،،

1- بۇنداق رەسىملەرنى چىقارغاندا كۆز زىناسى بۇلۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ ،
2- مۇنبىرىمىز شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نۇپۇزلۇق پۇتبول توربىكەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مۇنبىرىمىزنى زىيارەت قىلىدىغانلار كۇندىن كۇنگە ئاينىۋاتىدۇ ھەم ئاينىيدۇ ،
3- مۇنبىرىمىزگە چوڭ كىچك ئۇششاق چوڭلاردىن تارتىپ زىيارەت قىلىدۇ ، يتىلۋاتقان ياش نوتىلارنى زەھەرلىمىسەك دىگەن ئۈمۈتتە ئۇشبۇ ئىنكاس يېزىلدى ،

تىما ئىگىسى خاپا بۇلغان بولسىڭىز كەچۇرۋەتكەيسىز

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +15 يىغىش سەۋەبى
salih + 15 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 02:51
تىما ئىگىسى جاپا تارتىپسىز رەھمەت ھارمىغايسىز ،

بولسا ...

پىكىرىڭىزنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 02:51
تىما ئىگىسى جاپا تارتىپسىز رەھمەت ھارمىغايسىز ،

بولسا ...

ئۇرۇنلۇق گەپ قوللايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-7-7 17:59 , Processed in 0.118564 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش