پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1787|ئىنكاس: 39

روبىن : بۇ نۇقتا توپنى سەن تېپەمسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 20:02  

سۇمرۇغ خەۋىرى .
01300000273322122827638539577.jpg

2012-يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، روبىن 30 مىنۇت ۋاقىت قوشۇپ  بەرگەن جەريانىدا بىر نۇقتا توپنى تەپكەندە چېلسىلنىڭ ۋارتارى چېخ تەرىپىدىن توسۇۋىلىنغان .  ئارقىدىن بايرىن مىيۇنخىن نۇقتا توپ جېڭىدە رەقىبىگە ئۇتتۇرۋەتكەن .
   ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئادەملەر نۇقتا توپنى ئۇرۇش شۇنداق ئاسان ، نۇمۇر ئېلىشتىكى ئاسان ئۇسۇل دەپ بىلىدۇ . بەزىدە نۇقتا توپنى تېپىش ئۈچۈن ئۆز كوماندىسىدىكى ئەزالار ئىچىدە ئۇششاق سۈركىلىشلار چىقىدۇ . لېكىن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى گولاندىيە بىلەن مىكسىكا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە روبىن ھالقىلىق نۇقتا توپتىن بىرنى پەيدا قىلىدۇ . باشقا ۋاقتىدا نۇقتا توپ ، ئىختىيارى توپ تېپىشقا توغرا كەلگەندە روبىن ھېچ ئىككىلەنمەيلا  ئۆزەم تىپىمەن دەپ گاھىدا رېبىرى بىلەنمۇ سۈركىلىشىپ قوياتتى . لېكىن بۇ قېتىم روبىن  نۇقتا توپنى خۇنتىلارغا ئۆتۈنۈپ بەردى .
   خۇنتىلار: ‹‹ روبىن توپنى ئېلىپ مەندىن ( سەن تېپەمسەن ؟ ) دەپ سورىدى . مەن (بۇلىدۇ ) دەپ جاۋاب بەردىم . مەن يېقىندىلا بىر نۇقتا توپنى تېپەلمىگەچكە ، باشقىلار مەندىن ئەنسىرگەن بولۇشى مۇمكىن . لېكىن مەن توپنى ئېلىپ نۇقتا توپ رايونىغا كەلگەندە ئاندىن  ئېسىمگە كەلدىم ›› .
  روبىننىڭ بۇ نۇقتا توپنى تەپمەسلىكىدىكى سەۋەب ، 2011 - 2012 مۇسابىقە پەسلىدىكى ، دورتىمۇد بىلەن ھالقىلى مۇسابىقىدە نۇقتا توپنى تېپەلمەي ، بايرىننىڭ بىرلەشمە لوڭقىنى ئېلىش چۈشىنى بەربات قىلغان ھەم يىقىندا چېرسىل بىلەن مۇسابىقىدىكى نۇقتا توپنىڭ چېخ تەرىپىدىن توسۇۋىلىنىشى ئۇنى ئەنسىرتىپ قويغان . ئەينى يىلى گولاندىيەنىڭ ‹‹ مۇز شاھزادىسى ›› بىرگىنكامپمۇ پۇتبول بىرلەشمە لوڭقىسىدىكى نۇقتا توپنى تېپەلمەي شۇنىڭدىن كېيىن نۇقتا توپ تەپمەيدىغىنى كىشىنىڭ يادىغا يېتىدۇ .


       ************************************************************************************************************************************************
   20140622024203795.jpg
بۈگۈن ئەتىگەن ئاياغلاشقان ئارگېنتىنا بىلەن شىۋىتسارىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا مىسسىنىڭ ياردەمچە پاس بېرىشى ، دىمارىيانىڭ  ئۇرغان بىر توپى بىلەن ئارگېنتىنا 8 كۈچكۈككە كىردى . لېكىن  مىسسى مەيدان سىرتىدا بىر شۇم خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان . يەنى ئارگېنتىنانىڭ پۇتبولچىسى  مىسسى ئىسپانىيە تەرەپنىڭ  باجدىن قېچىش دېلوسىنىڭ قايتا تەكشۈرۈش ئەرزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان .
   بۇلتۇر  مىسسىنىڭ باجدىن قېچىش  سەۋەبىدىن دادىسى بىلەن سوتقا تارتىلغان . باج سوممىسى 4 مىليون ياۋرۇ دەپ بېكىتىلگەن .ئەگەر راست باجدىن قاچقان بولسا ئۇ چاغدا مىسسى بۇ ئىش ئۈچۈن 6 يىللىق تۈرمىدە ياتقاندىن سىرت نۇرغۇن تۆلەپ تۆلەيدىكەن . مىسسى بۇ ئىشقا قەتئىي ئىقرار بولىمىغان ھەم سوتچىنىڭ قايتا تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ئېيتقان . سوتچىمۇ شۇ چاغدا بۇ دىلوغا يەكۈن چىقارمىغان . لېكىن تۈنۈگۈن  ھەممىدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئاشكارلىنىشىچە ، ئەرزى قىلغۇچى ئادۋۇكات باش سوتچىغا خەت يېزىپ : ‹‹ ئۇلار بۇ ئىشنى مۇشۇنداقلا تۈگىدى دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن . بەزى بىر ماتىرىياللارنى قايتا تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك . ›› دىگەن 。شۇنداق بولغاندا مىسسى يىقىندا باجدىن قېچىش دېلوسىنىڭ باش ئاغرىقىنى تارتىشى مۇمكىن .
  ‹‹ فۇبۇس  ژۇرلىنى ›› نىڭ 6 - ئايدىكى دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە ، مىسسى دۇنيادىكى 4 - باي  تەنھەركەتچى دەپ باھالانغان . قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە دۇنيا 10 - ئورۇندا تۇرىدىغان مىسسىنىڭ 4- ئورۇنغا بىراقلا چىققان . يىللىق ئومۇمىي كىرىمى  65 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان .
ۋاقتى: 2014-7-2 17:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا ئاياقلاشقان ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئېسىمدە بولسىلا رېئال مادرىت بىلەن مادرىت رىقابەت ئوينىدىغۇ دەيمەن ھە . تېما ئېگىسى بولسا تېمىڭىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى قايتا ئوقۇپ تەھرىرلەپ قويسىڭىز.
ۋاقتى: 2014-7-2 17:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى يەنە نىمگە چىتىلىپ قالغاندۇ
ۋاقتى: 2014-7-2 17:50:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە تېمىدا چېلسىنى  چېرسىل دەپ ئاپسىز ، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىڭ!
ۋاقتى: 2014-7-2 17:56:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان يىقىلىپ نۇقتا توپقا  ئىرىشىپ خىجىل بولغانگەپ   توپنى تىپىشتىن ...........................................ئەمدى بۇمېسسىغا  قايسى كۇزىيامانىڭ كۇزى تەككەندۇ
ۋاقتى: 2014-7-2 17:59:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدامچىلىق بىلەن ئېرىشىۋالغان نوقتا توپنى يۈرەك دەككە دۈكىدە تەپسە كىرگۈزەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ،شوڭا خونىتلارغا ئۈتۈنۈپ بەرگەن بولمامدۇ بۇ قاقۋاش . بولمىسا ئۆزىدىن ئاشامدا باشقىلارغا

  بۇنىغۇ پۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋىتىدۇ . ئەمما سوتنىڭ چاقىرىقى ئا بالىنىڭ ئۇنتۇپ كىتەي دەپ قالغان سەتچىلىكىنى قايتا نامايەن قىلىپ ئاران ئەسلىگە كەلگەن كەيپىياتىغا تەسىر قىلىدىغان بولدىدە ئەمدى
ۋاقتى: 2014-7-2 18:02:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مېسسى . بۇئىش تۇپەيلى ئىپادىسنى يوقاتمىسا بوللاتتى.
ۋاقتى: 2014-7-2 18:07:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹باگگىئو پاجىئەسى›› قايتىلىنىپ باراڭغا چۈشكەن قاپاقتەك ساڭگىلاپ قىلىشىنى جىنى تۇيۇپ قاپتۇدە...
نۇقتا توپدا مەسىلە يوق.
ۋاقتى: 2014-7-2 18:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە سوتى مۇشۇنداق پات-پات چاقىرتىپ، مىسسىنى روھى جەھەتتن تۈگەشتۈرىدىغان بولدى. ئىشقىلىپ بۇنى ئەرىز قىلدىغانلار توختىماي چىقىپ تۇرىدىكەن.
ۋاقتى: 2014-7-2 18:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيەنىڭ مىسسىغا( ئەمەلىيەتدە كاتالونىيەگە) قارشى ئاكابىرلىرى يىلتىزىدىن قۇرىغان ئىشلارنى قايتىدىن سۆرەپ چىقىپ مىسسىغا پىسخىكا ھۇجۇمى قىلماقچىكەندە.

دىلونى قايتا قاراپ چىقىشقا سۇنىدۇ، ئىككىلى تەرەپ بوش ئەمەس، ئاخباراتچى جان باقتىلارغا ئوبدانلا نان تىپىش پۇرسىتى. بۇ دىلونى يانا 100يىل تەكشۈرسىمۇ مىسسىنى تۈرمىگە سولىمايدۇ، ھەم بۇ مۇمكىن ئەمەس.
بۇ دىلونى ئەرىز قىلىغان تەرەپلەرنىڭ مەخسىتىمۇ يالغۇز مىسسى ئەمەس.
دۆلەت تەرەپدارلىرىدىن قىلىنغان ئەرىزلەردە مىسسىغا ئوخشاش كۆچمەنلەرنىڭ ‹ يىڭىپ › چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. نەچچە ئايلىق تۇتۇرۇقسىز تەكشۈرۈپ بىكىتىشدىن كىيىن مىسسىلارنىڭ قىتىغا ئالمايدىغان پۇل بىلەن جىمىشقان پۇلىنى. چىشلىرى قاماپ ئىچى پۇشۇشقاندا قايتىدىن يەنە تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ.
ۋاقتى: 2014-7-2 18:17:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە مىسسى بۇ ئىشلانى راس سەن قىلغانسەنمۇ ؟
ۋاقتى: 2014-7-2 18:25:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بولغاندا روبىن ناھايىتى توغرا قىلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:23 , Processed in 0.079342 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش