پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1289|ئىنكاس: 16

ئەڭ ئۇزۇن تۇلۇقلاپ بېرىلگەن ۋاقىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
55747892.jpg
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ئون نەچچە كۈنياقى ھەممىمىز 2014- يىللىق برازىلىيە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرىۋاتىمىز . كۆپ ساندىكى مۇسابىقىلەر بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك چىقمىدى . بىز كۈچلۈك دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان كوماندىلار ئاساس جەھەتتىن شاللاندى . بەزىلىرى 90 مىنۇت ئىچىدە ئۆز تەغدىرىنى بەلگىلىدى. بەزىلىرى بولسا ئارىلىقتا تۇلۇقلاپ بېرىلگەن بىر قانچە مىنۇتتا توپ ئۇرۇش ياكى توپ كەتكۈزۈپ قويۇش بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى . مۇشۇ مۇسابىقە جەريانىدا ئادەم ئالماشتۇرۇش ، ياردارلارنى تەكشۈرۈش بىلەن كەتكەن ۋاقىتلارنى يىغنچاقلاپ 45 مىنۇتلۇق مۇسابىقە تۈگەپ يەنە بىر قانچە مىنۇت تۇلۇقلاپ  بېرىلىپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . مۇشۇ تۇلۇقلاپ بېرىلگەن ۋاقىتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن تۇلۇقلاپ بېرىلگىنى بولسا 2012 - يىلدىكى مانچىستېر شەھىرى بىلەن سىۋانسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە بولۇشى مۇمكىن .
u=2650860899,1385217362&fm=11&gp=0.jpg
تېڭشۈن تەنتەربىيەسى خەۋىرى .
بۇ مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى مەيدانىدا سىۋانسى كوماندىسىدىن مىگېل ھۇشىدىن كېتىدۇ . كېيىنكى مەيداندا ۋۇرنىڭ پۇت مۇسكۇلى تارتىشىش سەۋبىدىن ئوكسېگىن يەتكۈزۈش ئارقىلىق جىددىي  قۇتقۇزۇلغان ، لېكن مۇسابىقە ئاخىرلاشقىنى يوق .،ئارقىدىنلا رىچارىستنىڭ تىز قىسمى يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلغان .  ئاخىردا رېپىر ئارىس خېگىنسون  ئەڭ ئۇزۇن 12 مىنۇت  ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن .
76782803.jpg
  ئەمەلىيەتتە ئىككى كوماندا ئالدىنقى مەيداننىڭ بېشىدا ئانچە كەسكىن ئوينىمىغان . ئىككى كوماندىنىڭ ۋارتاغا قارىتىپ تەپكەن توپى جەمئىي 4 قېتىم . 22 مىنۇت بولغاندا سىۋانسى كوماندىسى سولدىن ئوتتۇرغا توپ تاشلىغان . مىگېل   رىچارىس بىلەن كاللا توپ تالىشىش جەريانىدا يەرگە يىقىلغان . بۇ چاغدا خارت يەرگە يىقىلغان مىگېلنىڭ مىدىرلىمىغىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈزىنى يەڭگىل سىلاپ ئاھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن رېپىرغا مۇسابقىنى دەرھال توختاتقۇزۇپ كوماندا دوختۇرى چاقىرغان . ھەرھالدا كوماندا دوختۇرىنىڭ داۋالىشىدىن كېيىن مىگېل ھۇشىغا كېلىپ يەنە مۇسابىقىگە قاتناشقان .
12938448957192.jpg
  بۇ مۇسابىقە جەريانىدا ئۈچ ئادەم يارلىنىش بىلەن ئارىلىقتا مۇسابىقە سەل ئىگىز -پەسلىك بىلەن داۋاملاشقان . لېكىن ئاخىردا رېپىر ئارىس خېگىنسون تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن 12 مىنۇت تۇلۇقلاپ  بېرىش قارارىنى چىقارغان . بۇنىڭدىن باشقا 11 20- 2012 پەسىل مۇسابىقىدە پەسلىدە چېرسىل بىلەن نوۋىچ ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە 11 مىنۇت تۇلۇقلاپ بېرىلگەن . سەۋەبى دېروبا توپ تالىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپ ئەزاسى بىلەن قاتتىق سوقۇلۇپ خېلى ئۇزۇن ھۇشىدىن كەتكەن .2010 - 2011 مۇسابىقە پەسىلدىمۇ   ئارسېنال بىلەن لېۋىرپول ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدىمۇ 8 مىنۇت تۇلۇقلاپ  بېرىلگەن . لېكىن مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى نۇقتا توپ تېپىش بىلەن ۋاقىت 12 مىنۇت 26 سىكۇنتقا بارغان . بۇ قېتىم  ئارىس خېگىنسون بولسا بىراقلا 12 مىنۇت 40 سىكونتقا ئاپارغان .
1311080333.jpg
  مۇسابىقىدىن كېيىن بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت تۇلۇقلاپ  بېرىش سەل غۇل- غۇل قوزغىغان . ئەمدى مۇسابىقە جەريانىدا بۇنداق ۋاقىت قوشۇپ بېرىش شۇ مۇسابىقىدكى ياردارلانى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتنى تۇلۇقلاپ بېرىش خالاس . ئارىس خېگىنسوننىڭ مۇنداق قارار چىقىرىشمۇ مۇسابىقىنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈندۇر . بۇنىڭ مۇشۇ پەزىلىتىدىن ھەرقايسى دۆلەتتىكى رېپىرلارنىڭ ئۆگىنىشگە ئەرزىيدۇ . لېكىن بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت تۇلۇقلاپ بېرىش بەزىدە مەستانىلەر تەرىپىدىن  قىززىق  ئىسىملار قويۇلغان بولۇپ ، 2009 - 2010 مۇسابىقە پەسىلدە مانچىستېر بىرلەشمىسى بىلەن  مانچىستېر شەھىرى ئوتتۇرسىكى مۇسابىقىدە 6 مىنۇت قوشۇپ بېرىلگەن . لېكىن ئوۋېن توپ ئۇرغاندا  تۇلۇقلاپ  بېرىلگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بۇ ۋاقىتتنى مەستانىلەر قىزىقارلىق قىلىپ  ‹‹فوگېسىن ۋاقتى ›› دەپ ئاتىۋالغان.
b3b7d0a20cf431ad4baf87724a36acaf2edd9878.jpg


تېما جەريانىدىكى بەزى ئىسملارنىڭ ئۆلچەملىك ئاتىلىشنى تاپالمىدىم . تۈزۈتۈش بېرىشڭلارنى سورايمەن .
ۋاقتى: 2014-7-2 14:57:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاينى ئەسلەپ قالدىم ھەي مانچىستىر ھاياجانلىق مىنۇتلانىڭ يەنە كىلشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ۋاقتى: 2014-7-2 15:06:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12 مىنۇت .ھەقىقەتەن ئۇزۇنكەن ھە... مەن 9 مىنۇت قېتىپ بەرگەن مۇسابىقىنى كۆرگەن...بۇ قېتىمكى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە قېتىپ بىرىلگەن ۋاقىتلار بىر قەدەر ئۇزۇن بولىۋاتىدۇ،،ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىلىرىدە قېتىپ بىرلگەن ۋاقىت ھەقىقەتەن ئۇزۇن،،بۇمۇ مۇسابىقىنىڭ جەلىپكارلىغىنى ئاشۇرىدۇ،،،لىكىن زە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر توپ ئۈستۇنلۇكتە كوماندىنىڭ تېرىنىرى تاس قالىدۇ ئىشتانغا چىقىرۋەتكىنى.....................
ۋاقتى: 2014-7-2 15:20:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا توپ كەتكۇزۇپ قويسا ئىچى دەششەت ئاچچىق بولىدۇ ئادەمنىڭ ..............
ۋاقتى: 2014-7-2 15:33:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بۇلاپتۇ
ۋاقتى: 2014-7-2 15:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرېد بۇ پەسىلدە مۇشۇنداق قۇشۇپ بىر نەچچە قېتىم مۇشۇنداق قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتلاردا توپ ئۇرۇپ ياكى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، ياكى غەلبە قىلدى ، ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى ئۇزغۇنلۇق ھەلقىلغۇچتىكى راموسنىڭ توپى ، پەسىل بېشىدىمۇ بىر نەچچە قېتىم شۇنداق قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتلاردا ياكى تەڭلىشىپ ياكى غەلبە قىلىپ مۇنبەردىكى دۈشمەنلەرنى خاپا قىلىپ قويغان
ۋاقتى: 2014-7-2 16:03:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەې   بىزنىڭ فۇ بوۋاينى كۇرۇپ بىر قىسىملا بۇلۇپ قالدىم كۇزلەردىن ئسسىق ياشلار ئەگىپ
ۋاقتى: 2014-7-2 16:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىرنىڭكىگە ئەجەپ ئۇزاق ۋاقىت بىرىپتىكەن.
ۋاقتى: 2014-7-2 16:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشامقى مۇسابىقىدە ئاران 1 مىنۇت قېتىپ بەردى كىرىسمەن ئاچچىقلاپ كەتتىغۇ تەڭلەشكەن ياكى كەينىدە قالغان ئەھۋالدا بەلكىم قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت مۇھىم رۇل ئۇينايدۇ .
ۋاقتى: 2014-7-2 16:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئۇزۇنكەن غۇ
ۋاقتى: 2014-7-2 17:02:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما  بۇپتۇ  .   بىلمىگەننى بىلۋالدىم .
ۋاقتى: 2014-7-2 18:33:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشامقى ئارگىنتىنانىڭ مۇسابىقىسىگىمۇ شۇنداق ئۇزاق ۋاقىت قىتىپ بەردى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:04 , Processed in 0.082352 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش