پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 372|ئىنكاس: 9

ئارگىنتىنا vs شىۋىتسارىيە (1/8تاللاش )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   

شىنجاڭ ۋاقتى 7.ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 10دا دۇنيا لوڭقىسى (1/8تاللاش )  تاللاش مۇسابىقىسى يەنى مىسسى باشچىلىقىدىكى  ئارگىنتىنا كوماندىسى بىلەن شاچىرى باشچىلىقىدىكى شىۋىتسارىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى ...  
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىلى تەرەپكە ھۇجۇم پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ پۇرسەت تۇتالمىدى . ..
كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئىككىلى تەرەپ ھۇجۇمنى كۈچەيتتى ،شىۋىتسارىيە بىر قانچە قېتىملىق پۇرسەتنى تۇتالمىدى ، توپ ئاساسەن ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ كونتىروللىقىدا بولۇپ ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىمۇ توپ چۈشمەي ، مۇسابىقە قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتقا كىردى ..
  


ئىككى تەرەپ ناھايىتى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلدى ،  شىۋىتسارىيە تەپكەن توپ كىرمەي تۈۋرۈك سوقتى ، 118مىنۇت بولغاندا زابالىتا ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى تارتىۋالدى ، ئاندىن مىسسى توپنى چەكلەنگەن رايون ئەتىراپىغا ئەكىرىپ ناھايىتى چاققانلىق بىلەن دىمارىياغا پاس بەردى ، دىمارىيا توپنى توختاتمايلا تېپىپ كىرگۈزدى ، نەتىجە 1-0بولدى ، دىمارىيا قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدا رەقىبىنى بوغۇزلاپ ئوڭۇشلۇق 4\1تاللاش مۇسابىقىسىگە كىرىپ كەتتى ،  ئارگىنتىنانىڭ كىيىنكى رەقىبى بولسا ياۋرۇپا قىزىل ئالۋاستىسى بىلگىيە كوماندىسى ....


مۇسابىقە جەۋھىرى :

ۋاقتى: 2014-7-2 12:33:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس ، تەلەي دىگەن نەرسە ............................
ۋاقتى: 2014-7-2 12:35:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى 4كۇچلۇكتىن ئۆتكۇزمەيدىغان يەرگە كەلدى بىرازىليە ئارگىنتىنالارنى ....
ۋاقتى: 2014-7-2 12:41:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەل قىلغۇچقا كىرسە بولاتتى ئارگىنتىنا، ئەمما بۇ تەستەك قىلىدۇ. بۇ 8 كۈچلۈك كوماندىلار بىرسى - بىرسىدىن يامان تۇرىدۇ. بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكىن ھازىر.
ۋاقتى: 2014-7-2 12:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنادا مىسسى بىلەن دىمارىيانىڭ رولى بەك چوڭ بولۋاتىدۇ ، ھىگۋايىنغا نىمە بولدى بۇيىل ، بۇنىڭغا قارىغاندا لاۋزى ھەم پالاشىئو ئىشەشلىكتەك تۇردۇ .. مۇداپىيەچىلىرىدە گەپ يۇقكەن ، ئەمما ئوتتۇرمەيدان بىرقەدەر ئاجىز ، مىسسى كەينىگە يىنىپ تەشكىللەپ يەنە ئۆزى بىسىپ كىرىدىغان ھالەت شەكىللىنىدىكەن ..
ۋاقتى: 2014-7-2 12:54:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا بولمىغان بولسا ئارگىنتىنا سەككىزگە كىرەلمەسكەن ئارگىنتىنانىڭ چىمپىيۇن بۇلىغىنىنى كۈرۈش نىسىپ بولمايدىغاندەكلا ھىسياتقا كىلىۋاتىمەن .
ۋاقتى: 2014-7-2 14:00:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋچى312 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 12:54
دىمارىيا بولمىغان بولسا ئارگىنتىنا سەككىزگە كىرەلمەس ...

ئاخشام دىمارىيا ھەقىقەتەن ياخشى ئويندى ، لىكىن شەخسيەتچىلىك قىلىپ تارتقۇزۇپ قويغان سانمۇ خېلى كۆپ .  
مېسسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقنى قوشقاندا ، ئۇددا تۆت مەيدان مۇنەۋەر ماھىر بولۇپ باھالاندى ، بۇ مۇسابىقدىمۇ مېسسنىڭ ئوينغان رولى ئەڭ ياخشى . دىمارىيا توپ ئۇرغان كۆرنشنمۇ كۆرۈپ باقانسىلەر ، مېسسى چەكلەنگەن رايۇنغا يېقىنلاپ كېلىپ ، قارشى تەرەپ مۇداپئىيەچىلىرنى ئۆزگە قارتىۋالغاچقا ، دىمارىيا مۇداپئىيەسىز قالدى ، شۇنىڭ بىلەن مېسسى پاسنى بەردى ، دىمارىيامۇ كەلتۇرۇپ ئۇرۋەتتى ،  ھىگۇايىننىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس ، پالاشاۋنى مەيدانغا ئانچە چىقارمايدىغۇ ؟ ئارگنتىنا كوماندىسدا مېسسى بىلەن دىمارىيا پەچەت ئويناۋاتىدۇ ، كۆز تەگمسۇن .
ۋاقتى: 2014-7-2 14:34:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيانى شۇنداق ياخشى ئويناۋاتسا مادرىد نىمىشقا ساتىمىز دەيدىغاندۇ؟
ۋاقتى: 2014-7-2 14:36:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشئەل يوللىغان ۋاقتى  2014-07-02 14:00:58


ئاخشام دىمارىيا ھەقىقەتەن ياخشى ئويندى ، لىكىن شەخسي

ئاخشام دىمارىيا بىلەن مېسسىغا توپ تىگىپ بولغۇچە  ئىككى ئۈچتىن ئادەم قورشاپ تۇرىۋالدى،دىمارىيامۇ ئاخىرى لاۋىزى بىلەن سولدىن ئوڭغا ئالمىشىپ90مىنۇتقا كەلگەندە قاتتىق شاشلىشىپ كەتتى،لېكىن بۇ ئارگىنتىنا مۇشۇ تىكى تاكا بىلەن قەيەرگىچە چاپالا؟
ۋاقتى: 2014-7-3 06:11:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى بىلەن دىمارىيا ھەقىقەتەن ياخشى ئوينىدى ، ئارگىنتىنانىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرگىننى كۆرسەك بۇلاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 18:30 , Processed in 0.075146 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش