پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1133|ئىنكاس: 34

چېلسى كۇلۇبى كوستانى رەسمى قۇشۇۋالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-11 00:33  

1.jpg


شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېنگىلانىد زەردارى چېلسى كۇلۇبى ئورگان تورىدا مادىرىد رىقابەت ھۇجۇمچىسى دىگو كوستانى قۇشۇۋالغانلىقىنى رەسمى ئېلان قىلدى. 25 ياشلىق دىگو كوستا مادىرىد رىقابەت بىلەن 2018-يىلغىچە توختام ئۇزارىتقان بولۇپ، ئەمما چېلسى كۇلۇبى توختامغا خلاپلىق قىلىش ھەققىنى تۆلىگەندىن كىيىن، بۇ ئىسپانىيەلىك ھۇجۇمچى كىيىنكى پەسىلدىن باشلاپ سىتانفورت كۆۋرىكى مەيدانىغا قەدەم باسىدۇ. BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېلسى كۇلۇبى كوستانى قۇشۇۋېلىش ئۈچۈن 32 مىليۇن فونىستىرلىڭ توختام خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەيدىكەن. پەقەت ئەمدى توختام خلاپلىق قىلىش ھەققىنى تۆلىۋەتسىلا بولدىكەن.
  OPTA نىڭ سىتاتسىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كوستا ئالدىنقى پەسىل مادىرىد رىقابەتتە 36 توپ كىرگۈزگەن. ئەمما چېلسى كۇلۇبىدىكى توپچىلاردىن تورىس، دىم بابا، ئېيتو قاتارلىقلار 31 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ كوستانىڭ 5 توپ ئارتۇق.
  ئسىپانىيەنىڭ «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مادىرىد رىقابەتنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى تىياگومۇ چېلسى كۇلۇبىغا يۆتكىلىش ئىشىدا كېلشىم ھاسىل قىلىپ بولغان. پەقەت چېلسى ئورگان تورىدا ئېلان قىلسىلا بولدىكەن. تىياگو 2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە چېلسىدا 34 قېتىم مەيدانغا چىققان.
ۋاقتى: 2014-7-2 01:19:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-7-2 01:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلسىنى نەس باستى ، بۇنداق توپچىلارنى زەيتۇن توپ ئۇيناشقا سالسا بۇلاتتى ئەسلى
ۋاقتى: 2014-7-2 02:08:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئاتلىتكىنى بىرتاران–تاراج قىلدىغان بولدىدە.
ۋاقتى: 2014-7-2 02:46:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇ كوستانى توپچى چىراي كۆرمەيمەن ،ئەسلى ناۋايلىق قىلسا بۇلدىغان گۇي بۇ
ۋاقتى: 2014-7-2 02:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسپان بىرلەشمىسى ئەمدىرەكبى قىززىيدىگەندە ئاتلىتكىنىڭ توپچىلىرىنىمۇ ئېپكەتسە يەنە بۇرۇنقى سەنەمدە ئوتەۋىردىغان بولدىدە
ۋاقتى: 2014-7-2 02:50:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق ماس سودابۇ ھۇ ئوتانچى
ۋاقتى: 2014-7-2 02:57:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلسىغا ماسلىشىپ كىتشىڭنى ئۆمۈت قىلمەن كوستا.
ۋاقتى: 2014-7-2 02:58:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەراس ئارگىنتىنا بەك تەستە شىۋىتسارىيەنى ئۇتتى.
ۋاقتى: 2014-7-2 02:59:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hasanxax7 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 02:46
مۇ كوستانى توپچى چىراي كۆرمەيمەن ،ئەسلى ناۋايلىق قىلس ...

داۋىس بۇرادەر ئەمنى بۇنىڭ كەسپىنى ئۆزگەرتىپ لاھىيىلەيدۇ  ھاھا  
ۋاقتى: 2014-7-2 03:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكا دائىم كوزۇر توپچىلىرىنى ئاساسلىقى چىلسىغا سىتىپ بىردىكەن بۇلارنىڭ بىرە يىقىنچىلىق يەلىرى بار ئوخشايدۇ.
ۋاقتى: 2014-7-2 03:15:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساختا مال ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:12 , Processed in 0.106115 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش