پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 577|ئىنكاس: 20

گىرۇد ئارسىنال بىلەن 2 يىللىق توختام ئۇزارتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 01:03  

26148ca3d792a0c71f0619548afb7ffbbf1b270a.jpg


  دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئارسىنال ھۇجۇمچىسى گىرۇد ئارسىنال بىلەن مۇددىتى 2 يىللىق توختام ئۇزارتىدۇ. بۇ 27 ياشلىق فىرانسىيەلىك ھۇجۇمچى نۆۋەتتە دۇنيا لوڭقىسىدا فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ بولدى. گىرۇد دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئارسىنال بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشىدا قارار چىقىرىپ بولدى. ئىككى تەرەپ بولسا پىرىنسىپتا بىردەكلىككە كەپ بولدى. كونكىرىت ئەھۋالى بولسا فىرانسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى سەپىرى ئاخىرلىشىپ، گىرۇد فىرانسىيە قايىتقاندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  گىرۇد 2012-يىلى 9 مىليۇن 500 مىڭ ياۋرۇ بىلەن مونىتپىللېيىر كۇلۇبىدىن ئارسىنال كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. ئۇ ئالدىنقى پەسىل كۇلۇبقا ياردەملىشىپ ئېنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرىشتى. گىرۇد ئارسىنال ئۈچۈن 98 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 39 توپ كىرگۈزگەن. ئۇمۇ ئارسىنالدا ئۆزىنىڭ مۇھىم توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولدى.


56732_42011_853280.jpg
ۋاقتى: 2014-7-1 21:17:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولىشىغا ئەگىشىپ كوماندا ئەزالېرىنىڭ باھاسىمۇ تەڭ ئۆسىدىغان بولدى.
ۋاقتى: 2014-7-1 21:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت خۇشۇم يوق مۇشۇنىڭ بىلەن .  پۇرسەت تۇتۇشى ياخشى ئەمەس قاچانلا قارىسا پايتىما يۆگەپ يۈرگىنى يۈرگەن
ۋاقتى: 2014-7-1 21:25:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-7-1 21:25:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەھشى   لەقۋا   نېمىغۇ   بۇ    ئون  كالامپاي   ھۇجۇمچىنىڭ   بىرسى   
يە   سۇرئەت   يوق   يە   پۇرسەت   تۇتۇش   يوق   
ۋاقتى: 2014-7-1 21:29:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسېنالغا يۆتكىلىپ كەلگەن پەسىلدە مونتېپىللېر فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ، گىرود فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنلىكىنى ئالغان .  ئارسېنالغا كېلىپلا بۇرۇنقى ئىپادىسىنى تاپالمايلا قالغان بايقۇشنىڭ ئۆزى بولدىغۇ بۇ ئىشقىلىپ .
ۋاقتى: 2014-7-1 21:54:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىنگىر يورتداشلىرىنى بەك ئەتىۋالايدۇ كۇلۇپتا...ۋىنگىر ئارسىنالغا  تىرنىر بولغان ياقى ئارسىنال كۇلۇبىدا ئاز دىگەندە  5دىن ئاز فىرانسييەلىك بوپ باقمىغان.

ۋىنگىر ئەتىۋالىغان  يورتداشلىرى ئىچىدە ھىنرى بىلەن ۋىئىرا ئەڭ نوچىسىمىكىن دەيمەن...
ۋاقتى: 2014-7-1 21:54:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامپىتۇننىڭ مەرگىنى لالانا لىۋىرپولغا  يۈتكەلدى..
ۋاقتى: 2014-7-1 21:56:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىۋانىس كۇلۇبىنىڭ سابىق تىرنىرى دانىيەلىك لاۋدىلوپ قاتارنىڭ لەھۋىيا كۇلۇبىغا تىرنىر بولدى..
02d432eb6e624c979e0b9ed4ed3d94ba950a3998.jpg
ۋاقتى: 2014-7-1 21:59:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلىسى ئاۋىسىتىرالىيە ۋارتارى 43ياشلىق شىۋازىر بىلەن يەنە بىر يىللىق توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئورگان تورىدا ئىلان قىلدى.
496f4dc5e9b93e50da0f3a101686698cfc51e832.jpg
ۋاقتى: 2014-7-1 22:07:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

راكىتىچ بارسلونادا فابرىگاستىن قالغان 4.نومۇرلۇق كىيىمنى كىيدى.
864602948665cdfb6e4934dbf084f665f06c77a9.jpg
ۋاقتى: 2014-7-1 23:03:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لالانا دىگەن ئاداشنى سۇئارىزنى ئورنىغا سىتۋالغان ئوخشايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:16 , Processed in 0.075909 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش