پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 385|ئىنكاس: 33

ئايلىق باھالاش پائالىيتى لاھىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچقۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 00:51  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق قېرىنداشلار

مۇنبىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنى جاللاندۇرۇش ،ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۆرۆش ،جاپاكەش ئەزلارنى ئازراق بولسىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئايلىق باھالاش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىدى، بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئالمىشىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن باھالاش تۈرلىىمۇ ھەرخىل بولۇپ كىلىۋاتقان ئىدى ، باھالاش تۈرلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ لاھىيە تۈزۈپ چىقىلدى، ئەگەر موۋاپىق بولمىغانلىرى بولسا ياكى قوشۇپ قويۇشقا تىگىشلىكلىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرساڭلا بولىدۇ ،بەرگەن پىكىر موۋاپىق بولسا تۈزىتىلىدۇ، لاھىيەدە بىرلىككە كەلگەندىن كىيىن ، بۇندىن كىيىنكى باھالاش موشۇ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ،موكاپاتى باشقۇرغۇچىلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ، باھالاش تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە :

1.        كۆزگە كۆرۆنگەن يېڭى ئەزا
3 نەپەر ،مۇنبەرگە تىزىملاتقىلى 3 ئايدىن ئاشمىغان ، قىزغىنلىقى ياخشى ، سۈپەتلىك تىما ، تېتىملىق ئىنكاسلىرى بىلەن كۆزگە كۆرىنىۋاتقان 3 نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.

2.        ئاكتىپ ئەزا
3 نەپەر ، مۇنبەرگە تىزىملاتقىلى 3 ئايدىن ئاشقان ،ئالدىنقى ئايدا تىما يوللاشتا ئاكتىپ بولغان( تىما سانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) ، ئىلمىي ئىنكاس يازغان ، ئۇرۇش جىدەل چىقارمىغان 3 نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.

3.        ئىتتىپاقلىق ئەلچىسى
1 نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا مۇنبەرنىڭ ئىتتىپاقلقىغا بەلگىلىك كۈچ قوشقان ،ئۇرۇش-جىدەل چىقارمىغان ، جىدەل چىقىرىپ تىللاشقانلارنى كىلىشتۈرۈپ قويۇشتا كۈچ قوشقان 1 نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.

4.ساۋاتلىق ئەزا
2 نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا مەيلى تىما يازغاندا بولسۇن ياكى ئىنكاس يازغاندا بولسۇن ،ئىملاسى ئەڭ توغرا بولغان 2 نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.

5.نادىر ئىنكاس
1 نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا يېزىلغان ئەڭ تېتىملىق ،ئەڭ قىزىقارلىق ، ئەڭ ئىلمىي بولغان بىر دانە ئىنكاس تاللاپ چىقىلىدۇ.

6.نادىر تىما
1 نەپەر ، ئالدىنقى ئايدا يېزىلغان نادىر تىمىلار ئىچىدىن ئەڭ ياخشى يېزىلغان بىر تىما تاللاپ چىقىلىدۇ.

7.مۇنەۋۋەر لۈكچەك ، ئالىي ئەزا
2نەپەر ،ئالدىنقى بىر ئايدا ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولغان ،تىما يوللاش ،ئىنكاس يېزىشتا ئاكتىپ بولغان ، مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقارغان 2 نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.

8.ئىلغار باشقۇرغۇچى
2 نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە مۇنبەرگە دائىم كىرىپ تۇرغان ،مۇنبەر باشقۇرۇشتا ئىپادىسى ياخشى ، ئادىل بولغان 2 نەپەر باشقۇرغۇچى تاللاپ چىقىلىدۇ .
ۋاقتى: 2014-7-2 16:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپنىڭ ھەقىقىسىنى مەن بىرىپ باقاي ( ياقمىسا چاكىنىلىشىپ ئۆچۈردىغان ئىشنى قىلمايلى).

1- پائالىيەت دىگەن سىجىل بولسا، قاراتمىلىقى زور بولسا. بولمىسا پەقەتلا يوق بولسا.( ئىنقىلابنى بىر باشلاپ يىرىمىدا ھىچكىم يوق، ئەھمىيتىمۇ يوق بولسا كىمگە تىتىيدۇ؟).

2- مۇنبەر يازغۇچىسى، مۇنبەر مۇخبىرى دىگەندەك تارتۇق ناملار ئىشلتىلسە.( مۇنبەردە ماڭا ئوخشاش تالانتلىق يازغۇچىلار ۋە كارامەت مۇخبىرلار خىلى بار).

3-قەستەن جىدەل چىقىرىدىغان( ماڭا ئوخشاش) ئەزالارغا ‹‹ جىدەلخور ئەزا›› دىگەنگە ئوخشاش لەنەت مىدالىيۇنلىرىدىن ئىسىلىشى زۆرۈر.

4-مىدالنى پۇلغا ساتىدىغان چاكىنا ئىشنى بىر يوقاتساق. مىدال بىرىدىغانغا باشقىچىرەك ئەقىلگە سىغىدىغان تۈزۈملەر يولغا قويۇلسا( بىز ئەجىر قىلىپ تىما يوللىغاندا بىزگە بىر سىنىتنى كىم بىرىپتىكەن؟. بۇ تەكلىپ بۇ تىمىنىڭ ئەمەستى ئەسلى...
ۋاقتى: 2014-7-1 22:20:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 22:55  

   مېنىڭ بېرىدىغان تەكلىپلىرىم ئاساسەن سىز يازغانغا ئوخشاش، قارىسام بۇ قېتىملىق لاھىيە ئالدىنقى قېتىمقىدىن خېلىلا كېڭەيتىلىپتۇ، دائىرسى چوڭىيپتۇ، ئەڭ خوش بولغىنىم، ‹‹ساۋاتلىق›› مۇكاپاتى، مۇشۇنى يولغا قويۇپ زادى توغرا بوپتۇ، ئۆز-ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىرىنى ئۆزىمىز قىلمىساق باشقىلار ھەرگۈز قىلىپ بەرمەيدۇ، ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ، سۈپەتلىك، چىرايلىق، ھوزۇر بېغىشلىيالايدىغان تېما يېزىشتا ئىملا ئەڭ ئاۋال ئاندىن كىين پەش-چىكىت ئۇنىڭدىن قالسا، جۈملىلەرنىڭ راۋانلىقى......مۇشۇ تۈرنى بولسا تېخىمۇ ياخشلاپ، ئەزالارنىڭ ئىملاسىنى ئاستا-ئاستا تۈزەتسەك بولىدۇ. لېكىن گەپ يەنىلا ئەزالارنى قىزىىقتۇرۇشقا باغلىق...
يەنە بىرسى مۇكاپاتتا بېرىلىدىغان مىدال شۇ ئەزادا بولسا، شۇ مىدالنىڭ ئورنىغا باشقا مىداللارنى ياكى مۇنبەر پۇلى بەرسەك.....
يەنە بىرگە سۈپەتلىك تېما يازغان ئەزاغىمۇ مۇكاپات تەسىس قىلايلى، بۇ تۈر ئەستائىدىللىقنى ۋە ۋاقىتنى ناھيىتى تەلەپ قىلىدۇ، ئادەتتە مۇنبىرىمىزدە بەزى خەۋەرلەر ئىنتايىن قىسقا يېزىلغان ھەم بىر پارچە سۈرەتلا قوشۇلغان، تېخىمۇ چۈشۈنۈلۈك يېزىش ئۈچۈن تولۇق تەرجىمە قىلساق ھەم سۈپەتلىك يازساق......( كۆڭلۈڭلەرگە كەلسىمۇ دەۋەردىم، ئەپۇ قىلىڭلار ھەممىسى مۇنبەر ئۈچۈن) بەزى خەۋەرلەر ھەتتا ئاران بىر ئابزاس گەپ بىلەنلا ئاياقلاشقان.......

ئىجاتچان ئەزالىق مىدالىدىن بىرنى تەسىس قىلساق، ئۆز-ئىچىدىن چىقىرىپ يېزىش ئاسانغا توختىمايدۇ، بۇ شۇ كىشىگە قىلىنغان ھۆرمەت بولۇپ قالىدۇ.
مىداللارنى مەڭگۈلۈك قىلماي ۋاقىتلىق قىلساق، بەزى ئەزالار مىدالنى ئېلىپ بولۇپلا، يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ئىنتىلمەيدۇ، مۇشۇ مىدال مەڭگۈ تۇرغاندىكىن دەپچۇ، ۋاقىتلىق قىلساق، ۋاختى توشۇپ قالغۇچە بۇ ئەزا يەنە تىرىشىپ تىما يوللايدۇ، ھەم مىدال پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەممە ئادەمدە مىدال بوپ كەتسە ئەزالاردا مىدالغا ئېنتىلىش قالمايدۇ. يەنە بىرگە مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاشنىمۇ قوشۇپ قويساق، مۇنبەر پۇلىنىڭمۇ ئىشلىتىش يولى بولسا.....
بۈگۈنچە ئېىسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇلاركەن، يەنە تەكلىپ بەرگۈدەك جاي بولسا، تەھرىرلەپ قوشۇپ قويمەن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
بۇغدا + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-1 20:43:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 1-2-3-4-5-6-7-8
ۋاقتى: 2014-7-1 20:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىگەپ بوپتۇ
ۋاقتى: 2014-7-1 20:46:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۈكچەك بىلەن ئالى ئەزانى ئايرېم ئايرېم قىلساقچۇ دەرىجە ئوخشىمىغاندىكەن
ۋاقتى: 2014-7-1 20:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قورۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 21:58  

تەھرىرلەندى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-1 20:49:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 20:46
لۈكچەك بىلەن ئالى ئەزانى ئايرېم ئايرېم قىلساقچۇ دەرىج ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ، لىكىن ئىككىسىنى ئايرىم قىلساق تاللاش دائىرسى كىچىكلەپ كىتىدىكەن ، شۇ سەۋەپتىن بىر تۈر قىلغان .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-1 20:51:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 20:46
ئىلغار باشقۇرغۇچىلىققا-باھادىر،سەبرى.
لۈكچەك،ئالىي ئ ...

بۇ تىما بىر لاھىيە ، باھالاش تىمىسى ئەمەس ، ئالدى بىلەن باھالاش تۈرلىرىگە پىكىرىڭىزنى دەپ بېقىڭ ، بۇ ئىنكاسىڭىزنى باھالاش تىمىسى يېزىلغاندا شۇ تىمىغا ئۇنتۇپ قالماي يوللاڭ
ۋاقتى: 2014-7-1 20:51:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 20:46
ئىلغار باشقۇرغۇچىلىققا-باھادىر،سەبرى.
لۈكچەك،ئالىي ئ ...

لاھىيەگە تەكلىپ بىرىڭلا دەپتۇ قۇرۇلجان سايلاڭلا دىمەپتۇ
ۋاقتى: 2014-7-1 20:57:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر قۇرۇلغان قىسقىغىنە 7 يىل مابەينىدە ‹‹ مۇنبەرگە  تىزىملاتقىلى 7 يىل بولدى ›› بىرەر قىتىممۇ تىللىشىپ بىرەر قىتىممۇ تۈرمىگە سۇلانغان ۋاقتىمنى بىلمەيمەن ، ئەڭ ئاكتىپ ئەزا مەن ئۈزەم !!!

بىرەر قېتىممۇ مۇنبىرىمىزنىڭ بىرەر تال تۇمۇر تەرسىكىگىمۇ مۇيەسسەر بۇلۇپ باقمىدىم ، مەن نىمە دىگەن بىتەلەي
ۋاقتى: 2014-7-1 21:01:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاكتىپ تىرشچان ئەزا سەنسىز
ۋاقتى: 2014-7-1 21:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاتلىق ئەزا-بىرازىليە (ئابدۇللا ئابدۇرېھىم)
ۋاقتى: 2014-7-1 21:24:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتىپاقلىق ئەلچىسى بىلەن ساۋاتلىق ئەزا دېگەن تۈر مۇنبەرگە خېلى ئوبدانلا ياخشىلىنىش ئېلىپ كىلەلىىشى مۇمكىن. قوللايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:22 , Processed in 0.120472 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش