پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1604|ئىنكاس: 61

خانلىق مادرىد جامىس -رودىرىگوسنى ئالماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 17:46  

1T1422558-0.jpg

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسدا ‹‹ ج رو ›› دەپ نام ئالغان كولۇمبىيەلىك جامىس -رودىرىگوس ئەڭ داڭدار چولپان ھېسابلىنىدۇ . فاركاۋنىڭ يارا سەۋەبىدىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىقى بىلەن جامىس -رودىرىگوس كولۇمبىيەنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بۇلۇپ جەمئىي 5 توپ كىرگۈزۈپ دۇنيا لوڭقىسىدا مەرگەنلەرنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتماقتا . بۇقېتىم كولۇمبىيە سەككىز كۈچلۈككە كىرگەندىن كېيىن ، ‹‹ ج رو ››  ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىتقا قىزىقىدىغانلىقنى ھەم ئۇ كوماندىدا ئۆزى ئەڭ چۇقۇنىدىغان ئىككى چولپاننىڭ بارلىقىنى ئېيتقان .
  18 ياش ۋاقتىدىكى زىيارەتتە ، ئۇ ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىتتىكى زىدانىغا چۇقۇنىدىغانلىقنى ،  ھازىر زىدانى خانلىق مادرىت ب كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولدى لېكىن مەن ھازىر كىرستىياننا . رونالدوغا بەك چوقۇنىمەن دىگەن . بۇ پەسىل ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە خانلىق مادرىت مىھمان مەيداندا بايرىن مىيونخىن بىلەن  ئۇچراشقان . ‹‹ ج رو ›› ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ مۇناكودىن 548 كېلومېتىر يولنى بېسىپ مىيۇنخىنغا كەلگەن . مەقسەت شۇ  چۇقۇنغۇچىلىرىنى بىر كۆرۈۋىلىش . ئۇ ئارىنا مەيدانىدا مادرىتقا مەدەت بەرگەندىن سىرت ، مادرىت كۇلۇبى چۈشكەن خېلتون مىھمانخانىسىغا بېرىپ رونالدو بىلەن رەسىمگە چۈشكەن .
15953927_555712.jpg
  ‹‹ ماركا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر بېرىشىچە ، يېقىندا خانلىق مادرت بۇ يېڭى يۇلتۇزنى يۆتكەپ كېلىش ئىشغا چۈشكەن . دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن مادرىت بۇ بالىنى يۆتكەشنى ئويلىمىغان . لېكىن  ‹‹ ج رو ›› نىڭ بىر كېچىدە چولپانغا ئايلىنىشى بىلەن مادرىت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇ بالىنى يۆتكەشكە چىڭ بەل باغلىغان . ئەگەر خانلىق مادرىت ‹‹ ج رو ›› مادرىتقا ئېلىپ كېلەلىسە ئۇ چاغدا مادرىتنىڭ ھۇجۇم سېپى تېخىمۇ   كۈچلۈندىغانلىقنى ھەم مادرىتنىڭ ئېلان سودىسىدا تېخىمۇ كۆپ توختاملارنى تۈزىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن .
  ‹‹ ج رو ›› ئالدى بەل بىلەن يان ھۇجۇمنى ئوينىغاندىن سىرت ھۇجۇمچىسىز سەپتىن ئوتتۇرا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ  ئوينىيالىغاچقا ، مۇناكو ئەينى ۋاقتىدا 45مىليون ياۋرۇ خەجلەپ بۇ بالىنى كىرگۈزگەن . ئەگەر مادرىت بۇ توپچىنى كىرگۈزمەكچى بولسا چۇقۇم قالتىس يۇقىرى باھا قۇيۇش كېرەك . ‹‹ ماركا گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارلىنىشىچە ، ئەگەر مادرىت مۇناكودىن بۇبالىنى يۆتكەپ كېلىپ قالسا ئۇچاغدا بۇ بالىنىڭ ئاساسلىق بولۇشىمۇ تەس . چۈنكى مادرىتنىڭ ھازىرقى سەپ شەكلى خېلى مۇستەھكەم . ‹‹ ج رو ››نى ئاساسلىق قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم دىمارىيانى ئاۋۋال  يولغا سېلىش دىيىلگەن .
دىمارىياننىڭ ھازىر ئويناۋاتقان ئورنى بولسا ئۇتتۇرا مەيدان ھەم يان ھۇجۇم . دىمارىيا بىلەن مادرىت ئوتتۇرسىدا ھازىر سۆھبەت ئانچە ياخشى ئەمەس . دىمارىيانى كېتىپ قالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ . ئەگەر دىمارىيا كېتىپ قالسا ئۇ چاغدا مادرىت دىمارىياندىن كىرىم قىلغان 50 مىليون پۇلغا ‹‹ ج رو ›› نى ئەكىلىپ ئوتتۇرا مەيدان ياكى خېسەي بىلەن ئالماشتۇرۇپ يان ھۇجۇم ئوينىتىشى مۇمكىن . u=1134699330,586074826&fm=23&gp=0.jpg
ۋاقتى: 2014-7-1 18:08:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپچىلار مادرىدقا كەلسە كاكانىڭ كۈنىگە قالىدىكەن .....
ئەجبا مانچېستىر بىرلەشمىسىگە بارسا نانى، ئېرنەندىز، كاگاۋانىڭ كۈنىگە، شەھەرگە بارسا يۆۋىتىچ، زىكونىڭ كۈنىگە، پارىژغا بارسا كاۋانى، لاۋۋىزىنىڭ كۈنىگە، چېلسىغا بارسا ئېيتو، توررىسلارنىڭ كۈنىگە، بارسىلوناغا بارسا سوڭ، فابرىگاسنىڭ كۈنىگە قالمامدىكەن؟
ۋاقتى: 2014-7-1 17:02:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيانى قېتىۋالماڭلا باللا. دىمارىيا توختام ئۇزارتمايۋاتسا مادرىدتىمۇ نېمە ئامال ؟ ھېچ بولمىسا ئورۇندۇق كۈچۈنى ئاشۇرشى كېرەكتە؟

بارسىلونانىڭ ھۇجۇمچىلىرى شۇنداق توشاق تۇرۇپ ئاجىز مۇداپىئەسىگە ئادەم ئالماي يەنە ھۇجۇمغا سۇئارىز، ئاگۈيرولارنى ئالىمەن دېسە ھېچ گەپ يوق، مادرىد ئاجىز ئوتتۇرا مەيدانغا ئادەم ئالىمەن دېسە تۇرالماي قاپسىلغۇ؟ ئۆزەڭلا مەستانە بولغان كۇلۇپتىن بەكرەك مادرىدقا كۆڭۈل بۆلىسىلىدە لېكىن، ئۇنداق قىينالغۇچە مادرىدقىلا مەستانە بولساڭلا بولمامدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
تۇمشۇق + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-1 17:37:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم كەلسە كەلسۇن، لېكىن دىمارىيانى سېتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ سودا ھەرگىزمۇ ئۆزىلنىڭ سودىسىغا ئوخشىمايدۇ. دىمارىيادەك توپچىنىڭ مادرىدتا بولغىنى ئۇلارنىڭ تەلىيى . ئارگېنتىنا كوماندىسىدا مېسسىدىن قالسلا موشۇ بالا ئەڭ ياخشى ماھىر تۇرسا بۇنى سېتىپ قالسا نېمە دېگۈلۈك. مېنڭچە چىققان خەۋەرلەر ساپلا دىمارىيانىڭ مادرىد بىلەن توختام ئۇزارتىشىنىڭ كەينىگە سۈرىلىپ كەتكەنلىكىدىن يانپاشقا ئۇرۇپ تاپقان خەۋەر.
ۋاقتى: 2014-7-1 15:47:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 15:42
ھەرقانداق توپچى زاپاس بۇلىمەن دەپ كەلمەيدۇ ، مادرېد ف ...

بۇنىڭ  ئەڭ   ياخشى   ئوينايدىغان  ئورنى   دەل   دىمارىيانىڭ   ئورنىكەن   بىراق  دىمارىيامۇ   بۇنىڭدىن   قالماي   ئوينايدۇ   
شۇڭا   مادىرىد  ئەڭ   ياخشسى   دىمارىيانىمۇ  قولدىن   چىقارماي   بۇنىمۇ   ئالماي   تۇرغىنى   ياخشى   يەنە   كېلىپ   خېسەي   با    بۇ   كەلسە   ئۇنىڭغىمۇ   پۇرسەت  ئاز     
ۋاقتى: 2014-7-1 15:14:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەشھەت  خەۋەركەن  مۇشۇ  بالا  بىر  كەلسە  بولاتتى
ۋاقتى: 2014-7-1 15:18:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكىلىپ قۇيسا بۇلاتتى مۇشۇ بالىنى ، 2010 ئۆزىلنى سېتىۋالغاندەكلا ، لىكىن ئۆزىلدەك ئەرزان توختىمايدۇ ،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-1 15:31:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قاراپ باقسام ياخشى توپچى بولسىلا مادېرىت بىلەن بارسېلودىن ئاۋۋال كېلىدىكەن .
ۋاقتى: 2014-7-1 15:34:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   بالا   مادىرىدقا   ھەرگىز   زاپاس  بولغىلى  كەلمەيدۇ
مېنىڭچە   بۇ   سودىغا   مانچېستېر   بەكراق   كۇچەپ   باقسا   بولىتى   رونى   بىلەن  ۋان   پېرىس   ھۇجۇم   ئويناپ   ماۋۇ   يان   ھۇجۇم   ياكى   ئوتتۇرا   مەيدان   ئوينىسا   پەيزى   بۇلىتى
ۋاقتى: 2014-7-1 15:41:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەرر بۇ بالىنى بىر ئەكەلسە بۇلاتتى قارا رەسىملەرگە چۇشۇپ كەتكىننى دىمارىيانى ساتماي بۇ بالىغىمۇ مۇۋاپىق ئۇرۇن چىقىرىپ ئۇزىنىڭ قالتىس ئىمپادىسنى جارى قىلدۇرۇشقا يۇل ئاشسىككەن دەيمەن ، دۇنيا لۇڭقۇسى باشلانغاندىن تارتىپلام بۇ بالا قالتىس ئۇيناۋاتىدۇ چاققانراق كەلسە بۇلاتتى ، ئامما دىمارىيانى ساتمايمىز چاققانراق كەل پالۋان سىنى رۇنالدۇ قارشى ئالىدۇ ھەمدە پۇتۇن مادىرىت مەستانىلىرى
ۋاقتى: 2014-7-1 15:42:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
LM10 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 15:34
بۇ   بالا   مادىرىدقا   ھەرگىز   زاپاس  بولغىلى  كەلمەيدۇ
...

ھەرقانداق توپچى زاپاس بۇلىمەن دەپ كەلمەيدۇ ، مادرېد فالكاۋنىمۇ ئالىمىز دەۋاتىدۇ ، فالكاۋمۇ بېنزىمانى زاپاس قىلىمەن دەپ كىلىدۇ ،ھەرگىز زاپاس بولغىلى ئەمەس ، لىكىن بىلگىلى بولمايدۇ كەلگەندىن كىيىن بېنزىمانىڭ زاپىسى بۇلۇپ قالامدۇ تېخى  شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ بالىمۇ ئاۋال مادرېدقا كەلسۇن ، پۇرسەت چىقىدۇ ،ياخشى ئويناپ كەتسە باشقىلارنى زاپاس قىلىپ ئۈزى ئاساسلىق بۇلىدۇ ، ئۇنچىلىك كارامىتى بولمىسا زاپاس بۇلىدۇ   ، يەنە كىلىپ دىمارىيانى ساتىدىغاننىڭ گىپى بار ، ئۇ كەتسە بۇ بالا بىلەن ئىسكو بىر ئۇرۇننى تالاشسا مىنىڭچۇ بۇ زاپاس بۇلۇپ كەتمەيدۇ ، يەنە كىلىپ جىق ئۇرۇننى ئوينىيالايدىكەن ،  
ۋاقتى: 2014-7-1 15:44:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بۇنىڭغا قىزقىدۇ . دۇنيا لوڭقسى ئاخىرلاشقۇچە نەچچە ماھىرغا كۆز تاشلايدۇ ،
ۋاقتى: 2014-7-1 15:47:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئوينايدىكەن مادىرىت ئالسازىيان چىقمايدۇ بۇبالىدىن.
ۋاقتى: 2014-7-1 15:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد سودا تەييارلىقىنى ئەمدى باشلاپتىدە بۇ بالالىمۇ كەلسۇن فالگاۋمۇ كەلسۇن كىروس مۇ كەلسۇن
ۋاقتى: 2014-7-1 15:51:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈنكى تىڭشۈننىڭ خەۋەرلىرىدە ئۆزىنى قان مىسسى مەستانىسى دەپ باياناتلارنى يىزىپ كىتىپتىكەنتۇق.
تىكىشى يوق نىمىلەر نىمانداق كۆپتۇ؟.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:27 , Processed in 0.093539 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش