elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1301|ئىنكاس: 29

بىرازىلىيە بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-6-30 22:52:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۈگۈن مۇنبەردە زوزا تۇتقان توپچىلار دىگەن تىما يوللانغان بولۇپ، شۇ تىمىدا بەزى تورداشلارنىڭ مۇسابىقە ۋاختى ئىپتاردىن كىيىن كىلەمدىكەن دەپ قالدۇرغان ئىنكاسلىرىنى ئۇچراتتىم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سائىتىمنى بىرازىلىيە ۋاقتىغا بۇراپ، ئۇ يەرنىڭ بىزبىلەن بولغان ۋاقىت پەرقىنى تېپىپ چىقتىم، ھەم بۇنى بىلمىگەنلەربىلىۋالسۇن، بىلىدىغانلار ئاتلاپ ئۈتۈپ كەتسۇن دىگەن مەقسەتتە يوللاپ قويدۇم.
بىرازىلىيە ۋاقتى بىلەن ئۈرۈمچى ۋاقتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق 9 سائەت بولۇپ ئۇلار بىزدىن 9 سائەت كىيىن ئىكەن.
دىمەك بىز كەچ سائەت 10 دا كۈرىدىغان مۇسابىقە شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كىيىن بىرگە، بىز كەچە سائەت 2 دە كۈرىدىغان مۇسابىقە شۇ يەر ۋاقتى بويىچە چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تە باشلىنىدىكەن.
دىمەك  زوھورلۇق يەپ ئايرىم ئايرىم ھالدا  تەخمىنەن 10 سائەت ۋە 14 سائەتتىن  كىيىن مۇسابىقە ئوينايدۇ دىگەن گەپ.
شۇ ئىسسىق تىمپىراتۇرىدا روزا تۇتۇپ  تۇرۇپ مۇسابىقە ئويناش ئاسان ئەمەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 23:27:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسىر پەتىۋا كومىتىنىڭ بىر چاغدا ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ رامزان ۋاقىتدا باشقا دۆلەتكە سەپەر قىلىپ مۇسابىقە ئويناش توغرا كىلىپ قالغان چاغدا ، 22 نەپەر تەنھەركەتچىنى روزا توتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەنلىكى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، پەتىۋا بېرىش سەۋەبى : ئۇلار باشقا دۆلەتكە سەپەرگە چىقتى ، سەپەرگە چىققان ئادەم روزىنى سەپەردىن قايتقاندا ، تولۇقلىسا بولىدۇ .

پەتىۋانى ئاللاھنىڭ بۇ ئايتىگە ئاساسەن چىقىرىلغان  :رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بۇلۇشقا باشلىدى قۇرئان ئنسانلارغا يېتەكچىدۇر ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. اﷲ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ تەسلىكنى خالىمايدۇ (ئاغزىڭلار ئۇچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اﷲنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكرى قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.

پەتىۋانىڭ بەزى مەزمۇنلىرىدا ، ئەگەر تەنھەركەتچىنىڭ تېنى ئاجىز بولۇپ ،  ئەگەر روزىدار ھالەتتە مۇسابىقە ئوينىسا ، ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدىغان ئەھۋاللار بولسا ، ئۇ تەنھەركەتچى ئۇچۇن روزا تۇتۇشتىن تۇتماسلىق ئەۋزەل ، لېكىن يۇرتىغا قايتقاندا چۇقۇم ھەر بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن .
شۇنداق بولغاندا ئۆزىلدەك تۇپچىلارنىڭ روزا تۇتۇپ مۇسابىقە ئوينىشى ئىسلام تەكىتلەيدىغان پىرىنسىپقا يات كىلىدۇ ، چۈنكى ئۆزىلنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ئۆزىگە ئارانلا يېتىدۇ ،
مېنىڭچە ئۆزىل قاتارلىق تۇپچىلار ، ئاۋال بىرەر دامۇللامنى تېپىپ پەتىۋا پىچقۇزۇپ ئاندىن ، روزا تۇتماسىلىق قارارىنى چىقارغان ، شۇنداق بولغاندا ئۆزىلنى قارغۇلارچە ئەيىپلەش ، توغرا ئەمەس  . ئىسلام دىنى ئاسانلىقنى تەرغىپ قىلدىغان  توغرا دىن ، سەپەر ئۇستىدە بولۇپ قالسا ، ئاغزىنى ئۇچۇق قويۇپ ، كېيىن قازاسىنى قىلىش بولسا  ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋى كەڭچىلىك ، بۇ كەڭچىلىكنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك .

بۇ ئىنكاسىمنى يەنە قايتا بۇ يەرگە چاپلاپ قويۇشىمدىكى سەۋەپ ، بىر دەمدىن كېيىن بىرەر مۇسۇلمان توپچى دەم ئىلىش ۋاقتىدا سۇ ئىچىپ قالسا ، بەك كۆڭلىڭلەرگە ئىلىپ كەتمەڭلار ، سەۋەبى يۇقىرىقى پەتىۋا شۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +20 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
چوكىنات + 10
ھۇجۇمچى9 + 20 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-7-1 02:05:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   keisukehonda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 02:09  

بىرازىلىيەنىڭ پايتەختى بىرازىلىيە شەھىرىدە( بۈگۈن فرانسىيە بىلەن نېگىرىيە مۇسابىقە ئوينىغان مەيدان جايلاشقان) بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەت 6:39 تا كۈن چىقىپ، كەچ سائەت 5:51 دە كۈن ئولتۇرىدىكەن.
مەنبە: http://sunrisesunsetmap.com
زوھۇرلۇقنى كۈن چىقىشتىن بىر يېرىم سائەت بۇرۇن يەپ بولدى دىگەندە، چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 دىكى مۇسابىقىغىچە 9 سائەت، 5:00 تىكى مۇسابىقىغىچە 13 سائەت ۋاقىت ئۆتىدىكەن.
بىرازىلىيەنىڭ ۋاقتى دىيارىمىز ۋاقتىدىن 9 سائەت كېيىن. يەنى شۇ يەر ۋاقتى 30- ئىيۇن دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 بولغاندا دىيارىمىزدا 1- ئىيۇل سەيشەنبە سەھەر سائەت 2:00 بولغان بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 22:54:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WiRoS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 14:19  

  

                 شۇلارنىڭ روھىدىن ئۈگىنىمىز ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-30 22:57:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WiRoS يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 22:54
جۇغراپىيەدە  بىر كەڭلىك 2 سائەتكە ۋەكىللىك قىلدىغۇ ؟؟  ...

تەجىرنىخانىغا كىرىپ گۇلبۇسقا قاراپ كەڭلىك ساناپ باقاي ئەتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 22:57:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان  توپچىلانىڭ  ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 23:07:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللا ئۆز كامالى قۇدرىتى بىلەن  يىگرىمە ئەزمىتىمىز ئون توپ كىرگۇزسە ، روزا تۇتمىغان كاپەرەكلە ۋاي ئىسىت بىزمۇ تۇتساق بوپتىكە دەپ قالسا .
رۇزا كىرگەندىن بۇيان ھاۋا يامان ئىسسىپ كىتۋاتىدۇ ، روزا تۇتقان ئەزمەتلىگە ، مۇنبىرىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمغا چىدام ۋە سەۋىر تىلەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 23:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ئىنكاس باركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 23:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ  مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ ئاسانچىلىق  بەرسۇن  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 23:23:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 23:23:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك  زوھورلۇق يەپ ئايرىم ئايرىم ھالدا  تەخمىنەن 10 سائەت ۋە 14 سائەتتىن  كىيىن مۇسابىقە ئوينايدۇ دىگەن گەپ.

بىرازىليە دىگەن جەنۇبى يېرىم شاردا، ئۇ يەردە قىش بولىۋاتقان بولغاچقا، بۇ يەردىكىدەك زوھورلۇققا ئۇنچە ئەتتىگەن تۇرمايدىغاندۇ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 23:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
برازىلىيەنىڭ ۋاقتى بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىن كېيىن ئەمەس بۇرۇن، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 2:00 برازىلىيە ۋاقتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:00 بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-1 00:02:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىر يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 23:55
برازىلىيەنىڭ ۋاقتى بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىن كېيىن ئەمەس بۇر ...

ئىنكاسىڭىزغا قاراپ بېقىڭ قايسى بۇرۇنكەن، بىزدە 1-جىسلا كىرسە بىرازىلىيەدە 30-جىسلا دەپسىز ، قايسى بۇرۇن قايسەى كىيىندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:50

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش