پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 26

يەنە بىر ئۇچقۇر ۋارتار پەيدا بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


         سىنا تەنتەربىيىسى خەۋرى:سەيسار ،بۇلاۋۇ، ئوچۇئا قاتارلىق مۇنەۋۋەر ۋارتارلار بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تامامەن نامايەن قىلدى،بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن كوستارىكا بىلەن گىرىتسىيىنىڭ مۇسابىقىسىدە كوستارىكا ۋارتاسى ناۋاس ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ھاڭ- تاڭ قالدۇردى.
          كوستارىكانىڭ ئۈچ مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ناۋاس پەقەت بىر توپلا كەتكۈزدى ،تېخى بۇ نۇقتا توپ ئىدى،ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن تۇراقلىق بولۇپ ئۇ بۇھالىتىنى شاللاش مۇسابىقە باسقۇچغىمۇ ئىلىپ كىردى.دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ناۋاسنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولغان، ۋارتارغا توغرا ئۇرۇلغان 16 توپنىڭ 14نى توسۇۋالغان،ئۇنىڭ توپ تۇسۇشى 87.4%كە يەتكەن،1986-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان ناۋاس ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى لەيۋەنت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى،ھازىر ئۇ كەسپى ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە تۇرۋاتىدۇ،ئالدىنقى پەسىل ناۋاس ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى توپ تۇسۇۋىلىش قىتىم سانى ئەڭ كۆپ ماھىر بولۇپ قالغان يەنى  156 قىتىم بولۇپ بەش بىرلەشمە ئىچىدە پەقەت ۋىرونا كوماندىسىدىكى لافىر دىنلا كىيىن تۇرغان(ئۇنىڭ 167 قىتىم)،خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ پەخرى رەئىسى دىستىفانۇ 2013-يىلى ماكا گىزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندامۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلغان: كىم ھازىر پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتار؟مىنىڭچە لەيۋەنىتتىكى ناۋاس.
      ناۋاس بۇ پەسىل لەيۋەنىتتىن ئايرىلىشى مۇمكىن ،ئۇنىڭ توختام بۇزۇش ھەققى پەقەت 10 مىليۇن ياۋرۇ. ھازىر ياۋروپادىكى نۇرغۇن كۇلۇپلار بۇ ماھىرغا كۆز تىكىۋاتىدۇ،ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى مادرىد رىقابەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى،مادرىد رىقابەتتىكى كورتۇۋا بەلكىم چىلسىغا كىتىشى مۇمكىن ئۇلار يىڭى ۋارتاغا ئىتىياجلىق،بۇ خىل ئەھۋالدا ناۋاس ئەڭ ياخشى تاللاش ئوبىكتى بولالايدۇ.ناۋاسمۇ بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنى چەتكە قاقمىدى ئۇ:مادرىد رىقابەتكە قىتىلىش يامان ئەمەس تاللاش،مەن مۇشۇنداق كوماندىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى كۈتىمەن،بۇ بىر خىل شەرەپ دىدى .
ۋاقتى: 2014-6-30 17:18:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ راسىلا بولىدىغان گۇيكەن .. بۇ يىلقى ۋارتارلارنىڭ ئەڭ يامنى يەنىلا مىكسىكىلىق ئوچوئاكەن

              خەتەرلىك توپلارنى توسقاندىن كىيىنىكى چىراي ئىپادىسى شۇنداق يارىدى . شۇنداق تەمىكىن ، ھىچىقانداق ئىش بولىمىغاندەكلا ..............   لىكىن ياشىقا 4 ياش كىچىك بولغان بولسا مانا كارامەت
ۋاقتى: 2014-6-30 17:20:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارتارلار بەكرەك چاقنىغان بىر يىل بولدىغۇ بۇ
ۋاقتى: 2014-6-30 17:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ۋارتارلارنىڭ بازىرى چىقىپ كىتىۋاتىدۇ دىسە !  بىر بىردىن شاش ۋارتارلار كەپتۇ بۇيىل بىرازىليەگە !  ئۇتانچىلار داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى سودىلارنى قىلىۋالىدۇ دىسە !  
ۋاقتى: 2014-6-30 17:23:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلدىغان گۇيكەن كوستارىكا بۇلمىسا ئۇتتورتى بۇ بۇلمىسا
ۋاقتى: 2014-6-30 18:17:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيا لۇڭقۇسىدا دەششەت ۋارتالار پەيدا بۇلىۋاتىدىغۇ ئامما
ۋاقتى: 2014-6-30 18:22:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالاڭزىمۇ ئاخشام بەك ئوبدان تۇردى قاپقىدا،بولمىسا بىزنىڭ مۇنبەردىكى خەلى باللىغا زىيان بولاتتى ،
ۋاقتى: 2014-6-30 18:27:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەقىقەتەن ئىسىل ۋارتاچىكەن بۇ ئاخشام مۇسابىقىدە ھىس قىلدىم.
ۋاقتى: 2014-6-30 18:32:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوستارىلا كوماندىسىدا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن توپچى دەل ۋارتا ناۋاس.
ۋاقتى: 2014-6-30 18:35:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ بىر كېچىدە بۇلارنىڭ.
ۋاقتى: 2014-6-30 18:56:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشامقى نوقتا توپتا ئوچوئاغا چوڭ ئۈمىت باغلىغان ئىدىم، ئەپسۇس، تىپىلگەن توپقا خاتا ھۆكۈم قىلىۋالدى.
ۋاقتى: 2014-6-30 19:04:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس يامان نىمكەن بۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-3 00:58 , Processed in 0.122822 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش