پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1198|ئىنكاس: 32

لېۋىرپول : سۇئارېزنىڭ جازاسىنى بىكار قىلىڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-30 16:58  

سومرۇغ خەۋىرى .
بېيجىڭ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى . 2014 - يىللىق برازىلىيە دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا ، سۇئارېزنىڭ جازاسى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تېخى تىنجىغىنى يوق . خەلقئارا پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ سۇئارېزغا 9 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش ، 4 ئاي مۇسابىقىلەرگە قاتناشماسلىق جازاسىنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ،لېۋىرپول تەرەپ خەلقئارا پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ سۇئارېزنىڭ جازاسىنى بىكار قىلىشنى ، لېۋىرپول مەيدانىغا قايتىپ مەشىق قىلپ يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلىش تەلىۋىنى قويغان .

0021856024e71509edf335.jpg

ئەگەر خەلقئارا پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ سۇئارېزغا بەرگەن جازاسى بىكار قىلىنمىسا ،  سۇئارېز 10- ئايغىچە لېۋىرپول مەشىق مەيدانىغا كىرەلمەيدۇ . ئۇ چاغدا بۇ ئۇراگۋايلىق پۇتبولچى 13 مەيدان كۇلۇبنىڭ مۇسابىقىسىدن قالىدۇ . سۇئارېزنىڭ خەلقئارا پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىگە سۇنغان تەكشۈرۈش دۇكىلاتىدا ، ‹‹ ئۇ چاغدا مەن تەڭپۇڭلىغىمنى يۇقاتقاچقا يۈز قىسمىم جىئېلىنىڭ بەدىنىگە ئۇرۇلۇپ كەتتى . شۇ چاغدا مېنىڭ چىشىم شۇنداق قاتتىق ئاغرىپ كەتتى .شۇڭا ئۇنىڭ بەدىنىدە چىش ئىزى قىلىپ قالغان .مەن قەستەن ئۇنى چىشلەي دىمىدىم . ››
20140627090901807.jpg

يېڭى پەسىللىك ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى بىلەن دەرىجىدىن تاشقىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە ئەگەر سۇئارېز يوق بۇلۇپ قالسا ، ئۇچاغدا لېۋىرپولنىڭ يېڭى پەسىلدىكى نەتىجىلىرىگە چوڭ تەسر كۆرسىتىدۇ . بارسېلونا يېقىندا سۇئارېزنى يۇقىرى باھا بىلەن يۆتكەشنىڭ ئىشنى قىلىۋاتقان بولۇپ ، ھازىرغىچە يۆتكىلىش ئىشىنى توختاتمىغان . مەشقاۋۇل لوجېس بىلەن كۇلۇب خوجايىنى يوھان . ھېنرى ۋە كۇلۇب رەئىسى سۇئارېزنىڭ ئىشى ئۈستىدە باش قاتتۇرۋاتقان . كۇلۇبنىڭ باش قاتتۇرۋاتقىنى سۇئارېزنى سېتىۋىتىش ئەمەس بەلكى  خەلقئارا پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ بۇ جازانى بىكار قىلىشىدا . ئەگەر بۇ جازا بىكار قىلىنماي قالسا ئۇ چاغدا لېۋىرپول يېڭى پەسىلىدىكى  تاكتىكىسىغا يېڭىچە پىلان قىلماقچى .
ۋاقتى: 2014-6-30 17:52:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماكان تاللاپسە سۇئارېز    

مادرېد سەندىن ۋاز كەچسىمۇ بۇلىدۇ ئەمدى ، كۇلۇپنىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى يەتكۈزگىچە ، غالچىرلىقىڭدىن سىرىت تېخى سۇغا سەكرەيدىغان ئادىتىڭ بار نېيماردەك ، شۇڭا مادرېدقا قەتئى كەلمە بولدى
ۋاقتى: 2014-7-1 13:37:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتقا ئەڭ ماس كىلىدىغان بالىكەن بۇ، پى پى تەپسە ماۋۇ چىشلەپ، ھەم يىقىلىشقا ئامراق بىرى بار ئەمەسمۇ پورتۇگالىيەلىك، شۇنىڭ بىلەن تەڭ سۇ ئۈزۈپ كەتسە.....
ۋاقتى: 2014-6-30 18:36:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئۇۋال بۇپتۇ، ئەسلى مەھۋال مۇنداق: سۇئارىز جىئېلىنىنىڭ مۇداپىئەسىنىڭ چىرايلىقلىقىغا مەستلىكى كېلىپ جىئېلىنىنىڭ ئېڭىكىگە سۈيۈپ قويماقچى بولغان،  ئەمما سۇئارىزنىڭ بويى پاكار بولغاچقا ئاغزى جىئېلىنىنىڭ مۆرىسىگە ئاران يەتكەن، سۇئارىز «بويۇم ئىڭىكىگە يەتمىگەندىن كىيىن مۆرىسىگە بولسىمۇ سۈيۈپ قوياي » دەپ ئويلاپ مۆرىسىگە سۈيۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ياخشىلىقنى بىلمىگەن جىئېلىنى سۇئارىزنىڭ چىشىنى قەستەن زەخمىلەندۈرگەن.
شۇڭا جازالىنىشقا تىگىشلىكى دەل جىئېلىنى ھې ھې ھې

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
missi + 5 ھا.ھا قىززىق ھە

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-6-30 17:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلوناغا يۆتكەلسە جازانى چوقۇم ئۆزگەرتىشى كىرەك. ھىلىقى ئىتالىيەلىكنىڭ دولىسى بۇنىڭ چىشىنىڭ ئاستىدا نىمىش قىلدۇ دەيمەندە؟...

ئەگەر مادىرىدقا يۆتكىلىدىغان ياكى لىۋىرپۇلدىن كەتمەيدىغان ئىش بولسا جازا سەل يەڭگىل بولۇپ قالدى.
قاراپ تۇرۇپمۇ مۇداپىيەچىنىڭ دولىسىنى چشلىۋالغان بارمۇ؟...بۇ دىگەن ئىنقلا بىر لۈكچەكلىك...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
dilhux + 10 توغرا ... ! ھى ھى ھى

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-6-30 17:20:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەنچە ئىغىر كەتىمىدى ................ بۇرۇن شۇنداق ئامىراقىتىم بۇنىڭىغا ھازىر دەششەت ئوچ بوپقالىدىم ......
       غالىجىر
ۋاقتى: 2014-6-30 17:24:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 ئاي بەك ئۇزۇن بوپ كىتىپتۇ !  ھېچ بولمىغاندا 2 ئايغا چۈشۈرگەن بولسا چوڭ تەسىرى بولمايتى !  دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىش بولغاندىكىن  كۇلۇبقا قارىتا ئازراق ئىتىبار قىلسىمۇ بوپتىكەن !  
ۋاقتى: 2014-6-30 17:26:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكار قىلىش كىرەك
ۋاقتى: 2014-6-30 17:48:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكار قىلمىسۇن ،بۇنى قاتتىق بىر چۈچىتىپ ئادەم قىلىش كىرەك ،نەدىمۇ ئۇنداق ئۇدۇل كىلىپ قېلىپ چىشى باشقىلارنىڭ مۈرىسىگە تىگىپ كىتىدىغان ئىش بار ،ئەجەپ باشقىلارنىڭ تىگىپ كەتمەي مۇشۇ چىشلىگەكنىڭ تىگىپ كىتىدىكەن دىسە ................
ۋاقتى: 2014-6-30 17:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 17:52
ياخشى ماكان تاللاپسە سۇئارېز   

مادرېد سەندىن ۋاز ك ...

مادرىد سۇئارىز سودىسىدىن يېنىپ چىققىلى خېلى بولدىغۇ دەيمەن، شۇڭا مادرىد ۋە سۇئارىز توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بېسىقىپ، سۇئارىز ۋە بارسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە موناكو تەرەپ مادرىد بىلەن فالكاۋ توغرىسىدا سۆزلەشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.
ۋاقتى: 2014-6-30 17:59:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ ئۇ چاغدا مەن تەڭپۇڭلىغىمنى يۇقاتقاچقا يۈز قىسمىم جىئېلىنىڭ بەدىنىگە ئۇرۇلۇپ كەتتى . شۇ چاغدا مېنىڭ چىشىم شۇنداق قاتتىق ئاغرىپ كەتتى .شۇڭا ئۇنىڭ بەدىنىدە چىش ئىزى قىلىپ قالغان .مەن قەستەن ئۇنى چىشلەي دىمىدىم

ما گەپ قالتىس بوپتۇ لىكىن  كوندا زامان بولغان بولسا خەق كۆرمىگەندىن كىيىن ئىشىنەرمىكىن بۇ گەپكە !
ۋاقتى: 2014-6-30 18:03:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 17:58
مادرىد سۇئارىز سودىسىدىن يېنىپ چىققىلى خېلى بولدىغۇ  ...

فالكاۋ يارلىنىپ ساقايغاندىن كىيىن ئىپادىسى قانداقراق بۇلار ، رونى ياكى ئىبراھىموۋېچتەك ئىپادىسى تۇراقلىق ھۇجۇمچى بولسا بۇلاتتى مادرېدقا
ۋاقتى: 2014-6-30 18:14:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكار قىلسىمۇ بۇلىدۇ بەك ئىغىر بۇپ كىتىپتۇ بۇ جازا
ۋاقتى: 2014-6-30 18:18:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جازانى يەڭگىللىتىشكە بولمايدۇ ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 18:15 , Processed in 0.164221 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش