akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3510|ئىنكاس: 29

دۇنيادىكى داڭلىق پۇتبول ئاخبارات ئورۇنلىرى !!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 19:44  


  ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار !!~ ئۇلۇغ رامىزان كۈنلىرىڭلار مەنىلىك ئۆتكەي . مەقسەتكە كەلسەك ، ھەر بىر پۇتبولغا ئائىت بولغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار ئەڭ ئالدى بىلەن داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كېڭىيىدۇ ۋە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ . مەن تۆۋەندە بىزنى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى پۇتبول مەستانىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاخبارات ۋاستىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن !!!~

        1-قىسىم     :      ئىسپانىيەدىكى داڭلىق پۇتبول ئاخبارات ئورۇنلىرى

2.jpg


   1 . ماركا گېزىتى

3.jpg

   ‹‹ ماركا گېزىتى ›› ئىسپانىيەدىكى سېتىلىش تىراژى ئەڭ كۆپ تەنتەربىيە گېزىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ گېزىتنىڭ خەۋەر ئاساسى پۇتبولنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ ، قالغان تەنتەربىيە تۈرلىرى خەۋەرلىرىنى قوشۇمچە قىلىدىغان ئونۋېرسال گېزىت . ئۇلارنىڭ خەۋەر مەنبەسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ ، پارتلاتقۇچ خەۋەرلەر بىرىنچى بولۇپ ماركا گېزىتىدە نامايان بولىدۇ . شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى ئەڭ دېققەت قىلىدىغان ئاخبارات ۋاستىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . باش مەركىزى مادرېد شەھرىگە جايلاشقان .

4.jpg

   2008-يىلى ئىسپانىيەدىكى تارقىتىش تىراژى ئەڭ كۆپ بولغان تەنتەربىيە گېزىتى ‹‹ ماركا گېزىتى ›› 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى . تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئاز بولمىغان شەرەپلىك مىنۇتلار ، نۇرغۇنلىغان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى گىگانت چولپانلار ۋە قەھرىمانلار بۇ گېزىتكە ئىزناسىنى قالدۇرۇپ كەتتى . 2004-يىلى ئامرىكا خەۋەر ئاخباراتچىلىق تەسۋېر لاھيىلەش جەمئىيىتى ( snd ) تەرىپىدىن ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر لاھيىلەش مۇكاپاتى ›› غا نائىل بولدى .

5.jpg

   ‹‹ ماركا گېزىتى ›› نىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلانما تۈرى ژورنالچىلىق بولۇپ ، قۇرغۇچىسى مانوئېل . فېرنەندېس . كوئېستا ‹‹ رەسىم ›› ناملىق ژورنالنىڭ ئىگىلىك باشقۇرغۇچىسى ئىدى . ‹‹ ماركا گېزىتى ›› دەسلەپكى مەزگىلدە سەنئەتلىك لاھىيەنى ئاساس قىلىپ بازارغا سېلىنغان بولۇپ ، بۇ شۇ دەۋىردىكى ئەڭ مودا ، ئەڭ بازارلىق ھەپتىلىك گېزىت بولۇپ قالغان .
   1942-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ، ھەپتىلىك نوسخا قوش رەڭلىك 8 بەتلىك نوسخا لاھىيىسى بازارغا سېلىنىپ قالتىس غۇلغۇلا قوزغىغان ، شۇنداقلا شۇ دەۋىردىكى ئەڭ تىپىك رول ئۆتىگەن ئاخبارات ۋاستىسى بولۇپ قالغان . 1988-يىلىغا كەلگەندە ، رەڭلىك رەسىملىك نوسخىسىنى بازارغا سېلىپ ، زور قوللاش ۋە مەدەتلەرگە ئېرىشكەن . ۋە كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان .
   80-90 -يىللاردا ، ‹‹ ماركا گېزىتى ›› ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى ، لاھيىلىنىش نوسخىسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكى بىلەن ، پۈتكۈل ياۋروپادىكى 4 چوڭ تەنتەربىيە ئاخبارات ئورنى بولۇپ قالغان . يوللىغان خەۋەرلىرىنىڭ يېڭىلىقى ۋە جەلىپ قىلارلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلىرى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن . 1995-يىلىغا كەلگەندە ‹‹ ماركا گېزىتى ›› ئېنتىرىستاد خەت نۇسخىسىنى قوللىنىپ ، يېڭى دەۋىرگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان . 1997-يىلى ‹‹ ماركا گېزىتى ›› لاھيىلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋېگا مەدەنىيەت تارقىتىش ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، يېڭى لاھىيە نوسخىسىنى تەييارلاپ چىققان . بۇ لاھىيە پۈتۈن دۇنيادىكى گېزىت لاھىيىسى جەھەتتە ئەڭ ئىلغار بولغان سەۋىيىسىنى نامايان قىلغان . 2002-يىلىغا كەلگەندە ‹‹ ماركا گېزىتى ›› ، ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بازار ئېقىمى ۋە ئوبراز تەسىرىگە قارىتا ، گېزىت بېشىدىكى ‹‹ marca ›› نىڭ ئورنىغا باش ھەرىپ ‹‹ m ›› نى ئىشلەتكەن . ئىككى يىل ئۆتمەيلا يەنە ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر كۈندىلىك گېزىت لاھىيىلەش مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشكەن .

6.jpg
7.jpg

   2007-يىلىغا كەلگەندە ‹‹ ماركا گېزىتى ›› ، ئىسپانىيە ‹‹ دۇنيا گېزىتى ›› بىرلەشمە نەشىرىياتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ ، ئەسلى قىياپىتىنى ساقلىغان ئاساستا ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مۇكەممەل ھالەتتە مەيدانغا كەلدى . گېزىت باش يېزىقى يەنىلا ‹‹ marca ›› غا ئۆزگەرتىلىپ ، بەت سانى بەش بەت قىلىپ بېكىتىلدى . يېزىق شەكلى بولسا tetling غا ئۆزگەرتىلدى . ئوخشىمىغان تۈر خەۋىرى ئوخشىمىغان رەڭدە ئىپادىلىنىدىغان بولدى . مەسىلەن : بارسىلونا كۇلۇبىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر كۆك-قىزىل رەڭدە ، خانلىق مادرېد كۇلۇبىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىنەپشە رەڭدە ئىپادىلىنىدىغان بولدى .

8.jpg
9.jpg
10.jpg
11.jpg
12.jpg



    2 . ‹‹ as  گېزىتى ››


14.jpg


   ‹‹ as گېزىتى ›› بولسا ، ئىسپانىيە ئاخبارات گۇرۇھى pirisa شېركىتى باشقۇرۇشىدىكى داڭلىق پۇتبول ئاخبارات ئورنى بولۇپ ، 1967-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان . قۇرغۇچىسى لوئېس . مونتېل . بالانزات . باش مەركىزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى مادرېد شەھىرى albasanz چوڭ كوچىسى 14 -نومۇر 4-بېنا .
   pirisa گۇرۇھى بولسا 1972-يىلى جېسوس . دې . پولانكا تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، ھازىر سۇمرۇغ گۇرۇھىغا قارايدۇ .

15.jpg
13.jpg

   ‹‹ as گېزىتى ›› پۇتبول ئاخباراتچىلىقىدىكى يەنە بىر داڭلىق ئورگان . بۇ گېزىتنىڭ قەغەز ماترىيالى ئالىي سۈپەتلىك قەغەزدىن ئىشلەنگەنلىكى بىلەن داڭلىق بولۇپلا قالماي ، سۈپەتلىك ۋە ئىنچىكە بولغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ، ياۋروپا شۇنداقلا پۇتۇن دۇنيا پۇتبول ئاخباراتچىلىقىدىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن .
   ‹‹ as گېزىتى ›› نىڭ رەڭگى ئوچۇق ۋە جەلىپ قىلارلىق بولۇپ ، رەسىم مۇقاۋا لاھيىسىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە . شۇ سەۋەبتىن ، كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان .

16.gif
17.jpg

   ‹‹ as گېزىتى ›› پۇتبول خەۋىرىنى ئاساس قىلىدىغان گېزىتى بولۇپ ، سەۋەبى 1996-يىلدىن بۇيان پۇتبول تۈرى جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ قالدى . شۇ سەۋەبتىن ‹‹ as گېزىتى ›› نىڭ تىراژى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئېشىپ ، ھازىرقى كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 200 مىڭ پارچە بولۇشتەك يۇقىرى سېتىلىش مىقدارىنى ساقلاپ كەلمەكتە .

19.jpg
21.jpg

   ‹‹ as گېزىتى ›› ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا ، بىر يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ، تەنتەربىيە مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرىدۇ . ھەر قايسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى سايلاپ چىقىلىدۇ . 2011-يىللىق ‹‹ as گېزىتى ›› ئۆتكۈزگەن تەنتەربىيە مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ساھىبى خانلىق مادرېدتىكى پورتۇگالىيىلىك پۇتبول چولپىنى كىرىستىيانو . رونالدو بولغان .

22.jpg
24.jpg
25.jpg
27.png


   3 . ‹‹ پۇتبول ئەپەندىسى ›› ژورنىلى


27.jpg

   ئىسپانىيە ‹‹ پۇتبول ئەپەندىسى ›› ژورنىلى بولسا ، ئىسپانىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پۇتبول ژورنىلى ھېسابلىنىدۇ . ئىسپانىيە پۇتبول ئەپەندىسى نامزاتىنى باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنى دەل مۇشۇ ژورنال 1976-يىلى تەسىس قىلغان . بۇ ژورنال دەسلەپتە تەسىس قىلغان تۈرلەر ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىسپانىيىلىك توپچى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك توپچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنېر قاتارلىقلار ئىدى . 1986 \ 1985 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ، ئەڭ تېز ئىلگىرلىگەن توپچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر رېپېر مۇكاپاتىنىمۇ قوشۇپ تەسىس قىلدى .

28.jpg
29.jpg
30.jpg
31.jpg

   بۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنىپ ھازىرغىچە ، ئىلگىرىكى خانلىق ماندرېد كاپىتانى رائۇل 5 قېتىم ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىسپانىيىلىك توپچى ›› مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولۇپ ، ئەڭ كۆپ مۇكاپاتلانغۇچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . بارسىلونا كۇلۇبىدىكى ئارگېنتىنالىق داڭلىق توپچى مېسسى بولسا 4 قېتىم ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك توپچى ›› ساھىبى بولغان . ئىلگىرىكى گىرمانىيە توپچىسى ئۇلى . سىتېلاكمۇ 4 قېتىم بۇ مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولغان . پورتۇگالىيە گىگانت چولپىنى فىگو بولسا بۇ مۇكاپاتقا 3 قېتىم ئېرىشكەن . ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنېر ›› مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكۈچى بولسا ، ئىلگىرىكى خانلىق مادرېد كوماندىسى تېرىنېرى لوئېس . مولوۋنېي بولۇپ ، 4 قېتىم ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنېر ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئۇنىڭدىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرىدىغىنى كېلېمېنتى ، ئىرورېتا ۋە گۇاردىئولا بولۇپ ، 3 قېتىم ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنېر ›› مۇكاپاتى ساھىبى بولغان .

33.jpg
34.jpg
35.jpg
36.jpg
37.jpg
38.jpg
39.jpg


   4 . ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ››

54.jpg


   ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ›› 1906-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، باش مەركىزى ئىسپانىيە نىڭ كاتالونىيا رايونىغا جايلاشقان . بۇ گېزىت بارسىلونا كۇلۇبى خەۋەرلىرى تۈسىنى ئالغان داڭلىق گېزىت . ئۇنىڭ تارىخى ئۇزۇنلا بولۇپ قالماي ، خەۋەر سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە ئىخچام ، مەزمۇنلۇقلىقى بىلەنمۇ داڭلىق . سېتىلىش ۋە تارقىتىلىش تىراژى تەنتەربىيە گېزىتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . بۇ گېزىتنىڭ ئوقۇرمىنى تەخمىنەن 366 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ، كىشىلەر بۇ گېزىتنى ‹‹ بارسىلونا كۇلۇب گېزىتى ›› دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ .

55.jpg

   يېڭى قۇرۇلۇپ دەسلىپىدە ، ھەپتىلىك گېزىت شەكلىدە نەشىرگە تەييارلانغان بولۇپ ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تارقىتىلغان . 1929-يىلىغا كەلگەندە ، كۈندىلىك گېزىت شەكلىگە ئۆزگەرتىلىپ ، كۈندە بىر قېتىم تارقىتىلغان . ئىسپانىيەنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە گېزىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ›› سېتىلىش دائىرىسى پۈتۈن ئىسپانىيەنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ، ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ›› ئىسپانىيەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن تەنتەربىيە گېزىتى ھېسابلىنىدۇ . پۈتكۈل ياۋروپا بويىچە 2- تارىخى ئۇزۇن تەنتەربىيە گېزىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

56.jpg
57.jpg
58.jpg

   ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ باش شىتابى ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا شەھرىگە جايلاشقان بولۇپ ، جېرخارت گۇرۇھىغا قاراشلىق ئاخبارات ئورنى . بۇ گېزىت ئاساسلىقى بارسىلونا كۇلۇبىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئالدىن تاللاش قىلىپ تارقىتىدۇ . شۇنداقلا يەنە ئىسپانىيە ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى خەۋىرى ، موتسېكىلىت مۇسابىقىسى خەۋىرى ، مۇسابىقە ئاپتومۇبىل خەۋەرلىرىنىمۇ تارقىتىدۇ .

59.jpg
60.jpg

   ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ›› ۋە ‹‹ ئىسپانىيە كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى ›› بولسا كاتالونىيا رايونىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ . شۇنداقلا ئىسپانىيە تەنتەربىيە ئاخباراتچىلىقىدا يۈكسەك ئابرويغا ۋە تارىخقا ئىگە داڭلىق ئاپاراتلار ھېسابلىنىدۇ .

61.jpg
62.jpg
63.jpg
64.jpg
65.png





  
          2-قىسىم     :     ئىتالىيەدىكى داڭلىق پۇتبول ئاخبارات ئورۇنلىرى


40.jpg


   1 . ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ››

41.jpg

   ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› ئىتالىيەدىكى تارقىتىلىش مىقدارى ۋە ئوقۇلۇش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۈندىلىك گېزىتلەرنىڭ بىرى . شۇنداقلا تارقىتىلىش تىراژى ئەڭ كۆپ تەنتەربىيە گېزىتى .

43.jpg

   ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› ياۋروپادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ بىرى بولۇپ ، بىرىنچى قېتىملىق باسمىسى 1896-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تارقىتىلغان . بۇ بىرىنچى سان ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› دە ، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئافىنا ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى خەۋىرىنى باسقان . شۇندىن كېيىنكى 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ، بۇ گېزىتنىڭ ئاخبارات دائىرىسى ئاساسەن ھەممە تەنتەربىيە تۈرلىرىگە كېڭەيگەن . پۇتبول تۈرى بولسا بارا-بارا بۇ گېزىتنىڭ ئاساسى خەۋەر نوقتىسى بولۇپ قالغان . ھەر سان باسمىسىدىكى پۇتبول خەۋەرلىرىنىڭ نىسبىتى %50 دىنمۇ ئېشىپ كەتكەن . بۇ گېزىتنىڭ ئاساسى پۇتبول ئۇچۇر نوقتىسى يەنىلا مىلان شەھىرىدىكى قوش شىر مىلان ۋە ئېنتر كۇلۇبىنىڭ خەۋىرىدىن ئىبارەت . 2006-يىلىدىكى ياۋروپانى زىل-زىلگە سالغان ‹‹ تېلفۇن ۋەقەسى ›› نى دەل بۇ گېزىت بايقاپ ، ئىز قوغلاپ ئاخبارات ئېلان قىلغان .

   تۆۋەندىكىسى ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ بىرىنچى باسمىسى
44.jpg

   مىلان تەنتەربىيە ئاخباراتچىلىقى 1896-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ( جۈمە ) رەسمىي قۇرۇلغان . خوجايىنى ئېدۋاردو .سونزوگنۇ . ( بۇنىڭدىن باشقا ciclista 尼姆Hoقايىنى ) . تەھرىر گۇرۇپپىسى مىلان شەھرىنىڭ pasquirolo چوڭ كوچىسىغا جايلاشقان . بۇ گېزىتنىڭ قۇرغۇچىسى بەش نەپەر شېرىكتىن تەشكىل تاپقان . ئۇلار : ئوگېنئو . كامېللو . كوستاگمانا  ،  ئېلىسو . رېۋېرا  ،  ئا . س . بالانكې ( باش تەھرېر )  ، ئېنرېكو . تارلارېنى ( تەھرېر ، كاتىپ )  ،  گېنو . تاۋېككىيا ( تەھرېر ) قاتارلىقلار . ئەڭ دەسلەپدە قوش ھەپتىلىك خەۋەر بېسىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، گېزىت رەڭگى سۇس يېشىل رەڭلىك ، 4 بەتلىك نوسخا بىلەن بازارغا كىرگەن . ئۇ ۋاقىتتىكى ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› ۋىلىسپېت تۈرىنى ئاساس قىلاتتى . رەسىم بېسىش تېخنىكىسىمۇ يوق ئىدى .

45.jpg
46.jpeg

   ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ ئىككى سەر لەۋھەسى بار بولۇپ ، ئۈستىدىكىسى la Gazzeta dello sport  بولۇپ ، تۆۋەندىكىسى ll ciclista e la tripletta . گېزىتجە يەنە قوشۇمچە قىلىپ : ‹‹ بىزنىڭ گېزىت ئىشلىشىمىزگە تۈرتكە بولغان ئىككى ئۇلنى نامايان قىلدۇق ، ئەمەلىيەتتە بۇ گېزىت ھەقىقى مەنىدىن ئېيىتقاندا ئىجادى گېزىت ئەمەس . ئۇ tiripletta di torino نىڭ داۋامى ، شۇنداقلا ciclista نىڭ تولۇقلىمىسى . ›› دەپ ئىزاھات بەرگەن .
   بۇ گېزىتنىڭ باشقا بەتلىرىدە ، ئىتالىيەدىكى ئەڭ قىززىق نوقتا بولۇۋاتقان تەنھەرىكەت تۈرلىرى توغرىسىدا ئاخبارات بېرىدۇ . ئۇ يەنە ئىتالىيەدىكى بىردىن بىر ھەممە تەنتەربىيە ساھەسى ئۇچۇرى بېرىدىغان ئاخبارات ئورنى . بۇ گېزىت ۋىلىسپىت تەنھەرىكىتىدىن باشقا يەنە ، ئوۋ ئوۋلاش ، بەيگە ، نەيزىۋازلىق ، مۇسابىقە كېمىسى ، قارىغا ئېلىش ، يېنىك ئاتلىتكا ..... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تۈرلەردە ئاخبارات بېرىدۇ . بىرىنچى قېتىملىق تارقىتىش تىراژى 20 مىڭ پارچە . قوش ھەپتىلىك تۈزۈلمىدە بولۇپ ، ھەر ھەپتىنىڭ دۇشەنبە ۋە جۈمە كۈنى نەشىردىن چىقىدۇ . چۈنكى مۇسابىقىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەنبە ، يەكشەنبە ، چارشەنبە ، پەيشەنبە ئوينىلىدۇ .

47.jpg
48.jpg
49.jpg
50.jpg
51.jpg
52.jpg


   2 . ‹‹ تورېن تەنتەربىيە گېزىتى ››  (  tutto sport  )

68.jpg

   ‹‹ تورېن تەنتەربىيە گېزىتى ›› باش شىتابى تورېنغا جايلاشقان بولۇپ ، كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ يۇۋېنتۇس كۇلۇبى گېزىتى ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ گېزىت رىم nes گۇرۇھى قارمىقىدا بولۇپ ، پەقەت تورېن ئەتراپىدىكى رايونلارغىلا تارقىتىلىدۇ .
   بۇ گېزىت يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ۋە تورېن كۇلۇبىنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ ، %70 خەۋەر يۇۋېنتۇس ۋە تورېن كۇلۇبىنىڭ خەۋىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ . ئەمەلىي سېلىشتۇرمىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ گېزىت تورېن كۇلۇبىغا ئەڭ يېقىن دىيىشكە بولىدۇ . چۈنكى بۇ گېزىتنىڭ قۇرغۇچىسى رېناتو . كاسالبورى 1949-يىلىدىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىكى تورېن كۇلۇب ئەزالىرى ئىچىدىكى بىرى ئىدى . تەنتەربىيە گېزىتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ گېزىت بىر قەدەر كىچىك ھېسابلانسىمۇ ، لېكىن سۈپەت جەھەتتە يەنىلا ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلەر قاتارىدا تۇرىدۇ .

70.jpg
71.jpg

   بۇ گېزىتنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› دەك كۆپ ۋە تارقاق بولمىسىمۇ ، ئاساسلىق ئوقۇرمەنلىرى تورېن توپ مەستانىلىرى ۋە يۇۋېنتۇس توپ مەستانىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ .

72.jpg
73.jpg
74.jpg
75.png
76.jpg



   3 . ‹‹ رىم تەنتەربىيە گېزىتى ››

77.jpg

   ‹‹ رىم تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ تەھرېر گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى رېمدا بولغاچقا ، بۇ گېزىت ‹‹ رىم تەنتەربىيە گېزىتى ›› نامى بىلەن ئاتالغان . بۇ گېزىتنىڭ تارقىتىش رايون رەڭگى ئوخشىمايدىغان بولۇپ ، بۇ جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە . يەنى ، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا بېسىلغان گېزىتنىڭ سەر لەۋھەسى يېشىل رەڭدە ئىپادىلەنگەن . ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا بېسىلغان گېزىتنىڭ سەر لەۋھەسى قىزىل رەڭدى ئىپادىلەنگەن .

79.jpg
78.jpg

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، رىمدىكى قوش شىرنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ، شۇنداقلا ئورنىنىڭ پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ، ‹‹ رىم تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ تەسىر دائىرىسىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى . ‹‹ رىم تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر ئاساسى رىم كۇلۇبى بىلەن لازىئو كۇلۇبى خەۋەرلىرى بولۇپ ، مەخسۇس زىيارەت قىلىش مۇشۇ گېزىتتە بىرىنچى قېتىم نامايان بولىدۇ . بۇ گېزىت ئىتالىيە تەنتەربىيە ئاخبارات ساھەسىدە ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› دىن كېيىن تۇرىدىغان بولۇپ ، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلاردىكى نوپۇزى ۋە تىراژى ‹‹ مىلان تەنتەربىيە گېزىتى ›› دىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . كۈندىلىك تىراژى تەخمىنەن 200 مىڭدىن 300 مىڭ پارچىغىچە !!!~

80.jpg
81.jpg
82.jpg
83.jpg
84.jpg



     3 -قىسىم     :     فىرانسىيەدىكى داڭلىق پۇتبول ئاخبارات ئورۇنلىرى


85.jpg


   1 . ‹‹ فىرانسىيە پۇتبولى ›› ژورنىلى

88.jpg
89.jpg

   ‹‹ فىرانسىيە پۇتبولى ›› ژورنىلى فىرانسىيەدىلا داڭلىق بولۇپ قالماي ، پۈتكۈل ياۋروپادا نامى بار مەخسۇس پۇتبول ژورنىلى ھېسابلىنىدۇ . ھەپتىدە ئىككى قېتىم تارقىتىلىدىغان بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان . بولۇپمۇ فوتۇ سۈرەت ئەسەرلىرى ، سانلىق سىتاتېسكىلار ۋە ياۋروپا بىرلەشمە خەۋەرلىرى بىلەن داڭلىق .
   ‹‹ فىرانسىيە پۇتبولى ›› ژورنىلى 1946-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، ‹‹ ئالتۇن توپ ›› مۇكاپاتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى ، شۇنداقلا ھەر يىللىق ‹‹ ئالتۇن توپ ›› مۇكاپاتىنى ئېلان قىلىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ژورنال ھەر بىر يىللىق ‹‹ فىرانسىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›› نى باھالاپ چىقىدۇ .
   ‹‹ فىرانسىيە پۇتبولى ›› ژورنىلى 1956-يىلى ‹‹ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ›› نامزاتى تاللاشنى يولغا قويغان بولۇپ ، بۇ مۇكاپاتقا شۇ يىللىق ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى تاللاپ چىقىلىدۇ . بۇ توغرۇلۇق ۆكپ توختالمىساممۇ ، بۇ كۆپچىلىككە تونۇشلۇق مۇكاپات تۈرى .

90.jpg
91.jpg
92.jpg
93.jpg
94.jpg
95.jpg


   
     4- گېرمانىيەدىكى داڭلىق پۇتبۇل ئاخبارات ئورۇنلىرى


95.jpg


   1 . ‹‹ توپ تەپكۈچى ›› ژورنىلى


96.jpg
97.jpg

   ‹‹ توپ تەپكۈچى ›› ژورنىلىنىڭ باش شىتابى نۇرىنبورگغا جايلاشقان بولۇپ ، بۇ ژورنال گېرمانىيەدىلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن پۇتبول ژورناللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ھازىرغىچە 94 يىللىق تارىخقا ئىگە . تارقىتىلىش مىقدارى 400 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق . ‹‹ توپ تەپكۈچى ›› ناملىق بۇ ژورنالنىڭ جوڭگودىكى خەنزۇچە نوسخىسى بولسا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ مۇكەممەل خەلىقئارا پۇتبول خەۋەرلەر ژورنىلى ھېسابلىنىدۇ .
   
98.jpg
99.jpg

   ‹‹ توپ تەپكۈچى ››         kicker

   ‹‹ توپ تەپكۈچى ›› ژورنىلى تارىخى ئۇزۇن داڭلىق پۇتبول ژورنىلى بولۇپ ، 94 يىللىق تارىخىقا ئىگە . بۇ جەرياندا بۇ ژورنال ئىزچىل پۇتبول ئاخباراتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى . بۇ ژورنالنىڭ كەسىپچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، مەيلى پۇتبولچى ، تېرىنېر ، كۇلۇب ئەمەلدارلىرى ، بىرلەشمە ئۇيۇشتۇرغۇچى بولسۇن ، ۋە ياكى پۇتبول مەستانىلىرى بولسۇن بۇ ژورنالنى ئىنتايىن قىزىقىپ كۆرىدۇ . ‹‹ توپ تەپكۈچى ›› ژورنىلىنىڭ كەسىپچانلىقى ھوقۇقى ئالاھىدە بولۇپ ، بۇ ژورنالدىكى ماقالىلەرنى گېزىت ، رادىئو ئىستانسىسى ۋە تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرى كۆپىنچە يۆتكەپ ئىشلىتىدۇ .

   ژورنال ئۇچۇرلىرى

   دۆلەت تەۋەلىكى   :   گىرمانىيە

   قۇرۇلغان ۋاقتى    :    1920 - يىلى

   بېسىلىش دەۋرى   :    ھەپتىدە قوش سان

   تاقىتىلىش تىراژى  :   400 مىڭ پارچە

   ئوقۇرمەنلەر توپى  :   2 مىليون 330 مىڭ

   تۇرۇشلۇق ئورنى   :    نورېنبورىگ

   ھازىرقى تەھرىرى  :    راينېر . خولېسكوخ

   توربەت چېكىلىش سانى   :   ئاي   \    1مىليون 210 مىڭ ئادەم قېتىم

100.jpg
101.jpg
102.jpg
103.jpg
104.png

  

   2 .   گىرمانىيە ‹‹ رەسىم ›› گېزىتى


3.jpg
2.jpg

   گىرمانىيە ‹‹ رەسىم ›› گېزىتى ، گىرمانىيە ۋە ياۋروپادا تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ كۈندىلىك گېزىت بولۇپ ، پارچە سېتىشنى ئاساس قىلغان ئاممىباب گېزىت ھېسابلىنىدۇ .
   1957-يىلى ھامبۇرگدا ئاكسېر . شېبلېنگ تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ گېزىت رەسىم ۋە ئاممىباب خەۋەرنى ئاساس قىلىپ بېسىلىدىغان بولۇپ ، ھەر كۈنى نەچچە ئونلىغان تۈردە بېسىلىدۇ . چوڭ شەھەرلەردە يەنە يەرلىك نوسخىسىنىمۇ بېسىپ تارقىتىدۇ . 9- ۋە 13-باسمىسى بۇ گېزىتنىڭ شاھ ئورنىدىكى باسما تىراژى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ ، بۇ تەنتەربىيە تۈرىنى ئاساس قىلىدىغان تەنتەربىيە ‹‹ رەسىم ›› گېزىتىدۇر . شېبلېنگ نەشىرىياتى تەرىپىدىن بېسىلغان بۇ ‹‹ رەسىم ›› گېزىتى توغرىسىدىكى سىتاتېسكىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ گېزىتنىڭ ئاساس ئوقۇرمەنلىرى ئىشچىلار ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر بولۇپ ، يۇقىرى سەۋىيىدىكى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى ئوقۇرمەنلەر %8.1 نى ئىگەللەيدۇ .

4.jpg
5.jpg
6.jpg

   بۇ گېزىت ئونۋېرساللىقى ، خەۋەر سالمىقىنىڭ زور ۋە جەلىپ قىلارلىقى بىلەن داڭلىقلا بولۇپ قالماي ، يەنە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى يېڭى ۋە پارتلاتقۇچ خەۋەرلىرى ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە رەسىملىرى بىلەن گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئاخباراتچىلىقىدا ئىنتايىن يۇقىرى ئورۇنغا ۋە يۈكسەك ئابرويغا ئىگە .

7.jpg
8.jpg
9.jpg
10.png



   5 -قىسىم   :    گوللاندىيە تەنتەربىيە ئەخبارات سەركىسى  :   ‹‹ خەلىقئارا پۇتبول ›› ژورنىلى


11.jpg


   ‹‹ خەلىقئارا پۇتبول ›› ژورنىلى بولسا ، گوللاندىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ، مەخسۇس پۇتبول ئاخبارات ژورنىلى . بۇ ژورنال ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم نەشىردىن چىقىدۇ . گوللاندىيە بىرلەشمىسى ۋە گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بۇ ژورنال خەۋەرلىرىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلىدۇ . بۇ ژورنالدىن ، گوللاندىيەدىكى يېڭى يولتۇزلار ، داڭلىق چولپانلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا دۆلەت سىرتىدىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ خەۋەرلىرىمۇ بۇ ژورنالغا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغان .

12.jpg
13.jpg
14.jpg

   ‹‹ خەلىقئارا پۇتبول ›› ژورنىلىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ ئوچۇق ۋە نەپىسلىكى . پۇتبول چولپانلىرى ئىچىدە بۇ ژورنالنىڭ رەسىمگە تارتىشىنى رەت قىلىدىغانلىرى بەك ئاز چىقىدۇ . ‹‹ خەلىقئارا پۇتبول ›› ئاخباراتچىلىقى ، بۇ ژورنالدىن باشقا ساھەلەردىمۇ ئىپادىسى ئالاھىدە . كىرويېف بىلەن ھەمكارلىشىپ چىقارغان ئايلىق ژورنال ‹‹ 14-نومۇر ›› ژورنىلى ئەسەر مەزمۇنىنىڭ سەر خىللىقى ، شۇنداقلا ئەسلىمە خاراكتىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان .

15.png
16.png
17.jpg
18.png
19.jpg




     كۆپلىگەن داڭلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ماترىيالى تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، كېيىنچە ماترىيال تولۇق بولغاندا داۋامى يوللىنىدۇ !!~ ھازىرچە تامام ...














باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +200 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
توپ تەپكۈچى + 100 + 10 + 10 + 10 ياخشى تېما بوپتۇ
missi2 + 50 قوللاش!
قازانچى + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 12:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى كۆڭۈلسىز جىدەللەرنىڭ كېلىش مەنبىيىمۇ دەل ........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 12:17:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرگىزىتى  يوقكەنغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 12:18:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەتراپلىق مول بىلىمگە تۇيۇنغان ئەسەر بۇلۇپتۇ.قەدىمىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن،.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 12:20:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تىما بوپتۇ خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسىنىڭ تارىخنى بىلۋالغىنمىز ياخشى بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 12:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز خەۋەردار بۇلۇۋاتقان كۆپ ساندىكى پۇتبۇل خەۋەرلىرىنڭ كىلىش مەنبەسى دەل شۇ ، ماكا گېزىتى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 12:25:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ،داۋامىنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 12:52:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئىنكاسىم بىرەرسىنى بىرقاندا قىلىپ تاشلىغان ئوخشايدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 12:59:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
精灵王子 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 12:17
قەشقەرگىزىتى  يوقكەنغۇ؟

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 13:12:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گىزىت مادىرنى بەك قوللامدىكىن دەپ ئويلايمە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 13:29:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 12:25
ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ،داۋامىنى داۋاملىق داۋاملاشت ...

داۋامىنى داۋاملىق ، داۋاملاشتۇرىڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-30 13:45:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بۇپتو رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش