پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1676|ئىنكاس: 55

مېسسى مارادونادىن ئېشىپ كەتتى !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 14:38  

   ۋاڭيى تورى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى

   بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ، ئارگېنتىنا كاپىتانى مېسسى ئېسىل ئىپادىسى بىلەن 4 توپ ئۇرۇپ كىرگۈزدى . بۇ 4 توپنىڭ كىرىشى بىلەن مېسسى ئارگېنتىنا تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان كاپىتان بولۇپ قالدى . شۇنداقلا پۇتبول شاھى مارادونادىن ئېشىپ كەتتى .

6.jpg

   ھازىرغا قەدەر ، مېسسى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتان سالاھىيىتىدە 27 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى . بۇ جەھەتتە مېسسى پەقەت 8-ئورۇندا تۇرىدۇ . لېكىن مېسسىنىڭ ئۇرغان توپ سانى 25 بولۇپ ، ئارگېنتىنا كاپىتانلىرىنىڭ ئۇرغان توپ سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى . مېسسى ئارگېنتىنا كوماندىسى كاپىتانى سالاھىيىتىدە ئوينىغان مۇسابىقىلىرىدىكى توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، ھەر بىر مەيدانغا 0.92 توپ توغرا كېلىدۇ .
   مارادونا ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 57 مەيدان مۇسابىقىغە كاپىتان سالاھىيىتىدە قاتناشقان بولۇپ ، ئۇرغان توپى 22 توپ . ھەر بىر مەيدانغا 0.38 توپ توغرا كېلىدۇ . پاسارېللا ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 46 مەيدان مۇسابىقىغە كاپىتان سالاھىيىتىدە قاتناشقان بولۇپ ، ئۇرغان توپ سانى 14 توپ . ھەر بىر مەيدانغا 0.3 توپ توغرا كېلىدۇ . ئوتتۇرىچە توپ ئۇرغان سانى ۋە ياكى ئومۇمى ئۇرغان توپ سانى جەھەتتە بولسۇن مېسسى مارادونادىن ئېشىپ كەتتى .
   ھازىرغا قەدەر ، مېسسى ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 89 مەيدان مۇسابىقىغە قاتناشقان . ئۇ بۇ جەھەتتە 7-ئورۇندا تۇرىدۇ . مارادونا بولسا 91 مەيدان مۇسابىقىغە قاتناشقان بولۇپ ، بۇ جەھەتتە 6-ئورۇندا تۇرىدۇ . مېسسى بۇ قېتىم پەقەت 3 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشالىسىلا ، بۇ تۈردىمۇ مارادونادىن ئېشىپ كېتىدۇ .
   نېگىرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مېسسى ئىنتايىن چىرايلىق بولغان بىۋاستە ئىختىيارى توپنى تېپىپ كىرگۈزدى . بۇ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ يېقىنقى 32 يىلدىن بۇيانقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن تۇنجى بىۋاستە ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ . 1982-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ، پاسارېللا ئىتالىيە كوماندىسىغا بىۋاستە ئىختىيارى توپتىن بىرنى ئۇرغان .

ۋاقتى: 2014-6-28 14:35:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھشەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 14:36  

لېكىن مارادونا بار جۇڭگو كوماندىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولالايدۇ .
ۋاقتى: 2014-6-28 14:34:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ھەل قىلغۇچقا ئەكىرەلىسە بولاتتىغۇ..  ھىگۇايىننىڭ ئىپادىسى ئانچە ئەمەس.ئاگۇيرو يارلاندى .. مېسسىنىڭ تارىخى ۋەزىپىسى دىمارىئا لاۋىزھىغا باغلىق .. يالغۇز مېسسىنىڭ توپ ئۇرىشىغا قاراپ تۇرسا چىمپىيۇن بولىشى تەس
ۋاقتى: 2014-6-28 14:34:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ھەل قىلغۇچقا ئەكىرەلىسە بولاتتىغۇ..  ھىگۇايىننىڭ ئىپادىسى ئانچە ئەمەس.ئاگۇيرو يارلاندى .. مېسسىنىڭ تارىخى ۋەزىپىسى دىمارىئا لاۋىزھىغا باغلىق .. يالغۇز مېسسىنىڭ توپ ئۇرىشىغا قاراپ تۇرسا چىمپىيۇن بولىشى تەس
ۋاقتى: 2014-6-28 14:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىل مىسسى.
ۋاقتى: 2014-6-28 14:37:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ماۋزۇسى ‹مارادونانىڭ›بوپ قاپتۇ!
مېسسىنىڭ مارادونانىڭ رېكورتىنى مۇشۇ دۇنيا لوڭقىسىدا بۇزىۋىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!تېخمۇ غەيرەت قىل مېسسى!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-28 14:38:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tanhategin يوللىغان ۋاقتى  2014-6-28 14:37
تېما ماۋزۇسى ‹مارادونانىڭ›بوپ قاپتۇ!
مېسسىنىڭ مارادون ...

رەھمەت !!~ تۈزىتىپ قويدۇم ....
ۋاقتى: 2014-6-28 14:40:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارادونانىڭ رىكورتىنى بۇزۋىتەلىشى مومكىن لىكىن شوھرىتىنى بۇزىۋىتەلمەسلىكى مومكىن .
ۋاقتى: 2014-6-28 14:42:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى  دىگەن  شۇ   ئىشىپ كەتمەمتى  بالىلار  ئۇقۇغان  مارادۇنا بولسا ئوقۇمىغان  خوتۇن پەرەس  تۇرسا
ۋاقتى: 2014-6-28 14:43:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۆھرەتنىمۇ بۇزىۋىتىدۇ   4قىتىم  دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى تۇرسا  ھاجىم
ۋاقتى: 2014-6-28 14:44:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ھەممىسىدىن ئېشىپ كەت،شۇندىلا پۇتبولدا بوينىڭ پاكار بۇلىشى بىر پۇتبولچىغا  نىسپەتەن ئۇنداق بەك ئەيىپ ئەمەسلىكىنى ھەم شۈكىر قانائەتنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مۇۋەپپىقيەت يۇلىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ىلدۈرۈپ قۇيارسەن..شۇندىلا سىنى پاكار دەيدىغانلار جىم ئولتۇرار
ۋاقتى: 2014-6-28 14:50:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تىرىشقىن ، ، ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 18:14 , Processed in 0.092124 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش