پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1193|ئىنكاس: 59

خەيرى-خوش سۇئارىز(يۈكسەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 01:10  



6-ئاينىڭ26-كۈنى خەلىقئارا پۇتبۇلچىلا بىرلەشمىسى ئۇرۇگۇۋاي كوماندىسىنىڭ غۇللۇق ھۇجۇمچىسى تۆمۈر ئىغىز سۇئارىزنى ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىلان قىلدى . سۇئارىزنىڭ تەكرار ئادەم چىشلەش ۋەقەسى كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىغىر ھەركەت دەپ قارىلىپ ،بۇ تەلۋە چولپان خەلىقئارا پۇتبۇلچىلا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 9مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسىغا بۇيرۇلدى. شۇنداق قىلىپ سۇئارىز دۇنيا لوڭقىسىدىن تولۇق خوشلاشتى .
جازا ئۇنداق يەڭگىل ئەمەس ، خەلىقئارا پۇتبۇلچىلا بىرلەشمىسى سۇئارىزنى يەنە 4 ئاي ھىچقانداق پۇتبۇل پائاليەتلىرىگە قاتناشماسلىق ۋە يەنە 800مىڭ ياۋرو جەرىمانە جازاسى بەردى . بۇ سۇئارىزنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئادەم چىشلىشى بولۇپ، تۇنجى قىتىم سەل يەڭگىل جازاغا ئۇچۇرغان .ئىككىنچى قىتىم تۇنجى قىتىملىقتىن سەل ئىغىر بولغان . بۇ قىتىم ئالدىنقى ھەر ئىككىلا قىتىملىقتىن ئىغىر بولغان. ئەگەر بۇ تۆمۈر ئىغىز يەنە غالجىرلىق قىلسا بەلكىم پۇتبۇلچىلىق ھاياتى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياقلىششى مۇمكىن .



gamersky_02small_04_20146262340F9B.jpg



ۋاقتى: 2014-6-26 22:25:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا  نىسپەتەن  بەرىبىر   ، بەرىبىر  ئوڭشالمايدۇ  بۇ  غالجىر ،   بۇ بالىىنىڭ توپ  ئوينىشىغا  خېلى ئامراقتىم ئەمما  
ۋاقتى: 2014-6-26 22:26:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تويە مانا               ئادەم ئۆزىگە ئۆزى قىپ قويىدىكەن  
توۋا دىمىسەك بىكار.
ۋاقتى: 2014-6-26 22:26:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇراگىۋايغىمۇ خوش دەيدىغان چاغ كەپتۇ دە  ، كولومبىيە 8 نىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى دە كاساپەتلەر
ۋاقتى: 2014-6-26 22:27:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئېسىت، ئۆزۈڭگە قىلدىڭ ئادەمدەك ئىش قىلماي. ئۇراگۋاي قانچىلىك ئۇزاققا بارار ئەمدى. ھۇجۇم كۈچى تۆۋەنلەپ كەتتىدە.
ۋاقتى: 2014-6-26 22:27:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخى باساغا كەلسە مىسسى بىلەن ماسلىشىپ كىتىدۇ دەپ ئۈمد كۈتۈپتىمە. ھىچكىمگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمامدۇ نىمە ؟؟
ۋاقتى: 2014-6-26 22:30:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆھۆ.......
بىرنى چىشلەپلا ئۆزىنىڭ يۆتكىلىش باھاسىغا ئېتىبار  
‏كارتىسىدىن بىرنى تەييار قىلدى، لىۋۇرپۇل بۇنى ئەمدى ئالدىراپ ساتماسمىكى
ۋاقتى: 2014-6-26 22:30:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4ئايلىق مۇسابىقىدىن چەكلىمىدى  ، پۇتبول مۇناسىۋەتلىك  بىر  قىسىم پائالىيەتلەردىن  چەكلىدى  ،  يا مەن خاتا چۈشۈنۋالدىممۇ  
ۋاقتى: 2014-6-26 22:32:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باياۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 22:43  

9مەيدان دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقسى، 4 ئاي كۇلۇب مۇسابىقىلىرىدىن چەكلەندى
4 ئاي كۇلۇپ مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىتىن چەكلەندى دېگەن ھۆكۈمنى بۈگۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە دېسەك يەنە ئوخشاش 9 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن مەھرۇم دېگەن سۆزكەن. ب ب سى خەۋىرى
ۋاقتى: 2014-6-26 22:32:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 20:27
تىخى باساغا كەلسە مىسسى بىلەن ماسلىشىپ كىتىدۇ دەپ ئۈمد ...

مەن بۇنداق توپچىنىڭ بارسېلوناغا كېلىشىنى خالىمايمەن. تېخنىكىسى بۇنىڭدىن تۆۋەنرەك بولسىمۇ ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرەر ئەخلاقلىق توپچىنى ئەكەلسە بولاتتى خاۋى، ئىنىستا، مېسسى .....لارغا ئوخشاش.
ۋاقتى: 2014-6-26 22:37:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلەرنى قىلىپ يۈرگەنسەن بالو ئۆزەڭگە قىلدىڭ ئىشت
ۋاقتى: 2014-6-26 22:39:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىدىكى رەسىم چىقماپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 18:24 , Processed in 0.103337 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش