تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1450|ئىنكاس: 41

ئالجىرىيە كوماندىسى فىرانسىيە 2 - كوماندىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulgun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 20:35  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار   
   مۇسۇلمان توپچىلار  يىغىلغان  ھەمدە  ئەرەب  دۆلەتلىرىنىڭ ئۇلگىسى  ئالجىرىيە  توغۇرلۇق  ئاز تولا  بۇلسىمۇ  خەۋەر  ئېلىپ  كەلدىم   1(220).jpg  a.jpg

1309664364skeYLmL2.jpg a.jpg
01200000012881121232904299342.jpg a.jpg

     ئالجىرىيە بولسا   2014-يىلى دۇنيا  لوڭقىسىغا  4- جى  قىتىم  قاتنىشىشى .ئېلگىرى 1982 - يىلى ئېسپانىيە دۇنيا  لوڭقىسى ،1986-يىلى مىكسىكا دۇنيا  لۇڭقىسى ۋە 2010 -يىلى جەنۇبىي ئافرىغا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان .
     ئالجىرىيە  كوماندىسىنىڭ ئەمىلىي  كۇچى  ئانچە ئاجىز  ئەمەس ،چۇنكى  كۇماندىدىكى 23 ئەزا  ياۋروپا قاتارلىق داڭلىق كۇلۇپلاردىن كەلگەن.  تۆۋەندە  ئۇلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى .

   032.png
نەبىل گىلاس          دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (9- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى    (پورتۇگالىيە پورتۇ كوماندىسى )
   135.png
مەھدى لاسىن         دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (8- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى   (ئېسپانىيە گىتاف كۇماندىسى)
   224.png
مەجىد بۇغرا          دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (2- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى    (قاتار  لەھۋىيە  كۇماندىسى )
   700.png
فازى غولام            دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (3- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى    (ئېتالىيە ناپلىس كۇماندىسى )
   819.png
  ھەسەن  يابدا      دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (7- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى  (ئېسپانىيە گىرانادا كوماندىسى)
   845.png
سوفىيان فىئوئۇلى دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (10- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى  (ئېسپانىيە ۋالۇنسيە كوماندىسى)
   938.png
مەھدى مۇستافا   دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (22- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى (فىرانسىيە ئاجاكو كوماندىسى )
004.png
ئېسلام سالمان    دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (13- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى(پورتۇگالىيە لىسبون رىقابەت كوماندىسى )
QQ截图20140625130107.png
نەبىل بىنتالىپ     دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (14- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى  (ئېنگىلاند توتتىنھام رىس كۇماندىسى )
5915.png
سىپىھىر تايدىر     دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (19- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى   (ئېتالىيە خەلقىئارا مىلان كۇماندىسى)
5738.png
لاسسىن كادامۇرۇ  دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (17- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى  (ئېسپانىيە خانلىق جەمىيەت كۇماندىسى)
ubul.png
ياسىن بىراھمىي   دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (11- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى (ئېسپانىيە گىرانادا كوماندىسى)
QQ截图 abdu.png
ئابدۇمۆمىن         دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (18- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى    (  ئافرىقا  كۇلۇبى )
QQ截图 balkalim.png
ئېسەيىد بەگئالىم دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (4- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى    (ئىنگىلاند ۋوتفورد كۇلۇبى )
QQ截图rafik.png
رافىق خالىچ        دۆلەت  كۇماندىسىنىڭ (5- نۇمۇر)ئاساسلىق  ئەزاسى     (پورتۇگالىيە كومىبرا كۇلۇبى )

      ئەسلى ھەممەسىنى تۇلۇق  تەپسىلىي  يازماقچى ئېدىم لىكىن مۇنبەرداشلارنى زىرىكتۈرۈپ قۇيماي  دىگەننى ئۇيلىىدىم .
      ئالجىرىيەدە ئاساسلىقى ئەرەپلەر ئولتۇراقلاشقان ، پاپارلار 20% نى ئېگەللەيدۇ . 1830 -يىلى فىرانىسيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە فرانسىيەنىڭ  مۇستەملىكىسىگە  ئايلانغان تاكى 1962 -يىلى مۇستەقىل  بولغان . دۆلەت دىنى ئېسلام دىنى .  يەر  كۆلىنىنىڭ 85% ئى  قۇملۇق ، ئالجىرىيە 48 ئۆلكە 553 ناھىيە 1541 شەھەرلەر گە بۆلۈنىدۇ . ھازىر ئورتاق ئېشلىتىدىغان تىل  ئەرەب تىلى  بىلەن  فىرانسۇز تىلى .
   ئالجىرىيە  پۇتبۇلچىلىقى تۇغرىسىدا  تۇختالساق كۆپلىگەن كىشىلەرنى قىزىقتۇرىشى مۇمكىن . فىرانىسىيەنىڭ  رىۋايەتلىك پۇتبۇل چولپىنى زىدانى (مەن ئەڭ ياقتۇردىغان توپچى)  بىنزىما ،ناسىرى قاتارلىق چولپانلار دەل ئالجىرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى .
  فىرانسىيە ئالجىرىيەنى 100 يىلدىن ئارتۇق مۇستەملىكە  قىلدى . بۇ دۆلەت مۇستەقىل  بولغاندا فرانسىيەدە4 مىليوندىن ئارتۇق ئالجىرىيەلىك كۆچمەن بار  ئېدى ، بۇلارنىڭ ئېچىدە يىرىمدىن كۆپرەك  كىشىدە  فرانسىيە -ئالجىرىيە  قوش دۆلەت تەۋەلىك پاسپورت ئېشلىتەتتى .
دۆلەت كۇماندىسىنىڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئالجىرىيە دۆلەتلىك پۇتبولچىلار جەمىيىئى بۇ فرانسىيە -ئالجىرىيە  قوش دۆلەت تەۋەلىك پاسپورت ئېشلىتەتكەن كۆچمەنلەرگە كۆز  تاشلىدى.
   ئالجىرىيە كوماندىسىدىكى 23 ئادەمنىڭ 16 فىرانسىيەدە تۇغۇلغان ، ئېچىدىكى 8 ئادەم  فرانسىيەگە ۋاكالىتەن  ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ بىر يىل ياشلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ تىپىپ باققان.شۇڭلاشقا ئالجىرىيە كوماندىسىنى مۇكەممەل ھالدا  فرانسىيە 2- كۇماندىسى  دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.
2009 يىلدىن بۇرۇن  خەلقىئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنڭ بەلگىلىمىسىدە 21 ياشقا توشمىغان قوش دۆلەت تەۋەلىك توپچى(ئېككى دۆلەتنىڭ خالىغان بىرىدە) دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ ،پەقەت 21 ياشقا توشقاندىلا دۆلەت  تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ ،يەنى باشقا بىر دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن فرانسىيە -ئالجىرىيە  قوش دۆلەت تەۋەلىكتىكى توپچىلار ئالجىرىيە  كوماندىسىغا قىتىلغان .  كوماندىدىكى 23 كىشىدىن 14 كىشى ۋەتىنى ئالجىرىيەگە قايتىپ كەلگەن .
     مۇشۇ مۇناسىۋەت  بىلەن بۇ  مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ  بۇ  قىتىمقى  دۇنيا  لوڭقىسىدا  ياخشى  نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد  قىلىمەن .
    38.png
655.png
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىل ئالجىرىيە ، بىرىنچى ئايلانمىدا بېلگىيەنى خېلى ئالدىراتتى بۇلار ، نوقتا توپنى ئۇرۇپ بۇلۇپ تۆتى بىراقلا بېرىپ ئاللاھقا سەجدە قىلغان كۆرنىشنى ئويلىسام ھازىرمۇ كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ ......
غەيرەت قىل ئالجىرىيە ئۇلۇغ ئاللاھ يۇلۇڭلارنى ئۇچۇق قىلسۇن يىگىتلەر ..........
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روسلارنى بىر يۇغۇشتۇرسا بولاتتى.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالجىرىيەنىڭ گۇرپىدىكى نۇمرى نەچچە ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا يازماي قۇر تاشلاپ يازسىڭىز بولاركەن.
بۇلار خېلى تىرىشىپ ئويناۋاتىدۇ جۇمۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانىمۇ شۇغۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارغىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن ................
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 19:22
ئالجىرىيەنىڭ گۇرپىدىكى نۇمرى نەچچە ؟

بىر ئۇتۇپ بىر ئۇتتارغان ئىككىنجى ئۇرۇندا
بىلگىيە 2 ئۇتۇق كىيىنكى رەقىبى كورىيە
ئالجىرىيە بىر ئۇتۇق بىر ئۇتتۇرۇش 3نۇمۇر كىيىنكى رەقىبى روسلار تەڭلەشسىلا گۇرۇپتىن چىقالايدۇ روسلا تەڭلەشكەن ناياڭپەرلەرنى 4-2ئۇتقان
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى توپ ئۇرغان  سۇلايمان  داۋۇت دىگەن توپچىلاچۇ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا گۇرۇپىتىن ئوڭۇشلۇق چقىسا بولاتتى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىراس يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 19:28
بىر ئۇتۇپ بىر ئۇتتارغان ئىككىنجى ئۇرۇندا
بىلگىيە 2 ئۇ ...


ئالجىرىيە روسلانى يەڭسە گۇرپىدىن چىقىدكەندە ،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 19:22
رەسىمنىڭ كەينىگە ئۇلاپلا يازماي قۇر تاشلاپ يازسىڭىز ب ...

بولىدۇ  بۇندىن كىيىن دىققەت  قىلىمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 19:29
قايسى كۈنى توپ ئۇرغان  سۇلايمان  داۋۇت دىگەن توپچىلاچۇ ...

ئەسلى 23  ئادەمنىڭ ھەممنى يازاي  دىگەن  لىكىن  مۇنبەرداشلارنى  زىرىكتۇرۇپ  قۇيماي دەپ شۇ ، ھە  ئۇلارنى  ئۇنتۇپ  قاپتىمە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-28 03:04 , Processed in 0.098132 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش