تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 853|ئىنكاس: 27

قەشقەر ئەزىمەتلىرى «دۇنيا لوڭقىسى» غا تەييار بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلىرىم ئۇلۇغ رامىزان ئېيى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيىنى ساق سالامەت خاتىرجەم ئوتكۇزشۇڭلارنى چىن كوڭلۇمدىن ئۇمۇد قىلىمەن ،ھەممىگە قادىر بىردىن بىر ئۇلۇغ ئاللا ھەمىمىمىزنىڭ تىنىنى سالامەت ئېشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن،  نەخ گەپكە كەلسەم مۇنبەردە دۇنيا لوڭقىسىغا ئايىت خەۋەرلەر ئۇزۇلۇپ قالمايۋاتىدۇ بۇنىڭدىن ھەمىمىز خۇشال  تۇنۇگۇن نۇر تورىدا خەۋەر كورۋىتىپ شىنجاڭ پۇتپولچىلىقىغا ئايىت خەۋەر ئۇچۇرتۇپ قالدىم بەلكىم بىر قىسمىڭلار كورۇپ بولغانسىلەر يەنە بىر قىسمىڭلار تىخى كورمىگەنسىلەر  شۇڭا ھەممەيلەننىڭ ئۇرتاق خەۋەر تىپىشى ئۇچۇن مۇنبەرگە يوللۇدۇم  ،
نۇر تورى تەرجىمىسى:   
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى كەسكىن ئېلىپ بېرىلماقتا، داڭدار كۈچلۈك كوماندىلار ئارقىمۇ-ئارقا شاللانماقتا. قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەزىمەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ‹دۇنيا لوڭقىسى› غا تەييارلانماقتا. بۇ ئەزىمەتلىرىمىز نۆۋەتتە 7-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.


قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭ بويىچە ‹ئەڭ كۈچلۈك› ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، شەك شۈبھىسىز تۆت كۈچلۈككە كىرەلەيدۇ.

قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى توپ سەزگۈسىنى مەشىقلەندۈرمەكتە. قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى شىنجاڭ مەكتەپ كوماندىلىرى ئىچىدىكى ئەنئەنىۋىي كۈچلۈك كوماندا بولۇپ، توپ ئەزالىرى ئۇيغۇر مىللىتى، تاجىك مىللىتى، قىرغىز مىللىتى ۋە ئۆزبېك مىللەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا پۈتكۈل 20 كوماندا ئىچىدە يەتتىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئۇلار گەرچە كەسپى پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولمىسىمۇ، لېكىن تېخنىكا ماھارىتى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئادەتتە مەشق قىلىدىغان يېرى ئېگىز-پەس كەلگەن توپا مەيدان بولۇپ، مەشقلىنىش ئىنتايىن تەسكە چۈشىدۇ


ھۇجۇمچى مۇخپۇللا بولسا نېيمارنىڭ توپ مەستانىسى

غوللۇق ئەزا بولۇش سۈپىتىدە قانداق قىلىپ ناچار شارائىتتا ياخشى مەشىقلىنىپ مۇسابىقىنى ياخشى ئويناش كىشىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە.
ناچار شارائىت تەرىپىدىن قىينىلىۋاتقان مۇخپۇللا ئەمەس ئىدى، كوماندىنىڭ ئۆلچەملىك ۋاراتارىمۇ بولمىغاچقا كوماندا ۋاراتارى ئامالسىز قۇم يەرگە ئۆزىنى ئېتىپ مەشىقلىنىشقا مەجبۇر بولاتتى.  



ئابدۇللانىڭ مەشىق ئايىغى 20 يۈەنلىك رېزىنكە ئاياغ بولۇپ، مەشىق ئېغىر بولغان مەزگىللەردە بىر ھەپتىدە ئىككى جۈپ ئاياغ مەشىق جەريانىدا يىرتىلىپ كېتەتتى، يەنە كېلىپ پەقەت شەنبە-يەكشەنبە كۈنىدىلا بېرىپ ئاياغ سېتىۋالالايدىغان بولغاچقا ھەپتە ئارىلىقلىرىدا يىرتىق ئاياقنى كىيىپ مەشىقلىنىشكە مەجبۇر بولاتتى.




ئەمەلىيەتتە بۇ ئابدۇللادىن باشقا يەنە بارلىق ئەزالارنىڭمۇ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى، قۇم يەردە مەشىقلىنىش جاپالىق بولغاچقا، كوماندا ئەزالىرى ئادەتتە ھەر ھەپتىدە بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.


كوماندا ترېنېرى ئادىلجانمۇ ئىلگىرى بىر نەپەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن 30 نەچچە قېتىم چوڭ كۆلەمدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ باققان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ بارلىق ئۈمىدى بۇ بىر توپ ياش ئەزىمەتلەردە ئىدى.

[img]/data/attachment/album/201406/25/121620rknuqm2qqئادىلجاننىڭ دېيىشىچە كوماندىدىكى ئۈچ-تۆت ئەزانىڭ كەلگۈسىدە كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش قابىلىيىتى بار ئىكەن، بۇندىن سىرت ئەزالار پۇتبول ماھارىتىگە تايىنىپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتەلەيدىكەن.

توپ تېپىش بولسا بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر يول ھېسابلىنىدۇ.


مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوماندا ئەزالىرىغا ئادەتتە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىسسىق سۇ بولمىغاچقا ئامالسىز يۈز-كۆزلىرىنى سوغۇق سۇدىلا يۇيىۋالاتتى.


كوماندىنىڭ ئەسلىھە ساقلاش ئۆيىگە باشقا نەرسىلەرمۇ قويۇلغان ئىدى.


كوماندا ئەزالىرى مەشىق ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەشىق كىيىمىنى ئۆزلىرىنىڭ كىيىملىرىگە ئالماشتۇرىۋالاتتى.

كوماندا ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپ ئىچىدە تۇرىدۇ، ھەركۈنلۈك تاماق ئۆلچىمى 16 يۈەن بولۇپ، ئارىسىدا 10 يۈەننى مەكتەپ ياردەم پۇلىدىن تاپشۇرۇپ بېرىدىغان بولۇپ، قالغان 6 يۈەننى ئۆزلىرى تۆلەيدۇ. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ كەچلىك تامىقى يەنىلا ئاددىيغىنە بولغان بىر يۈەنلىك ‹قوي سۆڭىكى شورپىسى› ئىدى.

ئاخىرىدا ئەزىمەتلرىمىزنىڭ ياخشى نەتىجىلەنى ئېلىپ كىلىشىنى چىن دىىمىزدىن ئۇمۇد قىلىمىز  غەيرەت قىلىڭلا ئەزىمەتلە ،غەيرەت قىل ئانا مەكتىپىم ھۇرراااااااااا    
  مەنبە نۇ تورى .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاق دەپ قالايمىقان  يىزىۋەرمەيمىز بىلمىگەندىكىن، بۇلمىسا قەشقەرگە تەكلىپ قىلاي  ئۆز  كۆزىمىز  بىلەن كۆرەپ باھا  بىرىپ  باقساقمۇ  بولىدۇ  شىمالىي  قۇتۇپلۇق  ئادەششششش  .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائەت 5بىلەن قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتوتىدا 6-ئۇتتۇرنىڭ 2005يىلى ئوقۇش پۇتتەگەن باللىرى بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقىسى بار ۋاختى بار باللا بىرىپ كورۇپ كىلىڭلا ،
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 14:37
ياخشى ئۇيناڭلار ئەزىمەتلەر سىلەرنى غەلبە كۇتۇپ تۇرىدۇ ...

   ماۋۇ گەپنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى ئېلىشتا بىرازىلىيەگە قارىغاندا جۇڭگۇدا تىخىمۇ ئۈمۈت باتتى دىگەن بىلەن نىمە پەرىقى   غۇلجىدا يۇمۇر دەمدۇ يا بۇنى     ئۈكەم    قەشقەرنىڭ ئامىۋى تەنىتەربىيە ئاساسى ئەزەلدىن كۈچلۈك مەيلى پۇتبول ۋاسكىتبول ۋالبول بوكىس چېلىشىشتا ئابدۇنۇم رايۇندا ئەزەلدىن ئەڭ كۈچلۈك سانىلدۇ    مۇبالىغە بوپكەتىتى دېسىڭىز يىللاردىن بۇيانقى رايۇن ئچىدىكى مۇسابىقە نەتىجىللىرىگە نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ بېقىڭ   فىيگو ئاكىڭىز ئاشۇرۋەتمىدى ھەم يۇرتۋازلىق قىلمىدى     يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان قەشقەردە باشقا يۇرتلاردىكىدەك ئامىمۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىللىرى كۆپ ئۆتكۈزۈلمەۋاتىدۇ  تېرولچى چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ    شۇڭا نۇ تۇغۇرلۇق خەۋەرلەرمۇ ئاز      پەقەت مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەر بىخەتەر دەپ ئانچە مۇنچە قاتنىشىپ قېلۋاتىدۇ  ھەم نەتىجىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بۇلۋاتىدۇ            
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 13:23
مۇشۇ  مۇنبەردە  ھەرەمباغنى  ئەڭ  چۇشۇندىغان  ئادەم  دەل ...

10مىليۇنلۇق مەبلەغ بىلەن بىر كوماندا ئەنگە ئالدۇردىغۇ؟ئۇلارنىڭ موقۇم مۆلكى 100مىليۇن ئېشىشى مومكىن.ھەرەمباغنىڭ قارمىقىدا نەچچە شىركەت بار.ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ھەمكارلشقۇچىلارنى ئۆزىگە جالىپ قىلالايدۇ.مۇشۇ ئىنكاستىنلا سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنىڭ شەخسى ئۆچ -ئادەت تۈسىنى ئالغىنى مەلۇم
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھبەر يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 13:11
كىم ھەرەمباغ شىركىتىنى ئىختىساتتىن قىينىلىپ،بىر ب دە ...

مۇشۇ  مۇنبەردە  ھەرەمباغنى  ئەڭ  چۇشۇندىغان  ئادەم  دەل  مەن  بولشىم  مۆمكىن.  ئۇلارنىڭ  ‹دىننى›مىللى  كىيىم  كىچەكلەرنى  كەمسېتىش  سىياسىتىدىن  ئۇلارنىڭ  ئېختىزات  كۈچىنىڭ  قانچىلىك ناچار  ئېكەنلىگىنى  بىلۋالغىلى  بولدۇ   يىقىندا  بى  تونشۇم  ئۇلارنىڭ  ياغلىق  ئارتمايسەن  دىگەن گىپىگە  كىرمىگەنلىك  سەۋەبى  خزمىتىدىن  ئېستىپا  بەردى.    سىزنىڭچە  ئۇلاردا  كوماندا  قۇرغۇدەك  ئېختىزات  بارمىدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىللىرىمىزنىڭ ئىشىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى  باللار  تىما  كۆچۇرمەڭلار  دەيمە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 12:50
ھى  باللار  تىما  كۆچۇرمەڭلار  دەيمە

بىرەسىڭلا يوللىماپتىكەنسىلە يوللاپ قويدۇمغۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 12:50
ئىنىللىرىمىزنىڭ ئىشىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلى ...

ھەرەمباغ  شېركىتىنىڭ  پۇتبولغا  كۆڭۈل  بۆلۋاتقىنى  راس.  تجارەت  تۇرلىرگىمۇ  پۇتبول  كولۇبى  ۋە  كوماندا  قۇشۇرشقا  ئائېت  تۇرلىرى  باركەن  ئەمدىكى  گەپ  11  ئادەمنى  بىر  يەرگە  ئېكىلىپ  توپ  تەپتۇرۇش  .

ياخشى  پۇرسەتلەر  قولدىن  كەتتى   ئەمدى  بىرەر  ئۇيغۇر  پۇتبولچىنى  سەن  شىنجاڭ  ئۈچۈن  ئۇيغۇر  ئچۈن  توپ  تەپكىن  1500 نى  بىرمەن  دىسە  ئەمدى  ئۇنمەيدۇ... ئۇيغۇر  بوتپۇلچىلارنى  قۇرۇق  گەپكە  تاينىپ  تۇتۇپ  تۇردىغان  ۋاقىت  كەلمەسكە  كەتتى  ھەرەمباغ  شېركىتى  ئېختىزات  جەھەتتىن  قىينىلىپ  ئىلشى  مۆمكىن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارغا ئامەت يار بولسۇن .......................ئالغا ئۇيغۇرۇم.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 13:02
ھەرەمباغ  شېركىتىنىڭ  پۇتبولغا  كۆڭۈل  بۆلۋاتقىنى  راس ...

كىم ھەرەمباغ شىركىتىنى ئىختىساتتىن قىينىلىپ،بىر ب دەرىجىدىكى كوماندىنى يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ دەيدۇ؟ بۇ گەپ نەدىن چىقتى.قارىغاندا سىز ھەرەمباغنى تازا چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەتلەر ئېشلىرىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ باللىرى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇيناڭلار ئەزىمەتلەر سىلەرنى غەلبە كۇتۇپ تۇرىدۇ ، غۇلجۇنىڭ بۇلغان بۇلسا تېخىمۇ ئۇمۇت باتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-28 03:05 , Processed in 0.096169 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش