تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2358|ئىنكاس: 93

سويارىز دۇنيا لوڭقىسىدىن خۇشلاشتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 02:36  

ئەگەر بىر كىشىنى ياخشى كۆرسەڭ ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەدىنىدە،  ئۆز ئىزنارىڭنى قالدۇرۇپ قوي ! (ل . سويارىز )
                                                                                                                           


كىشلەر ئويلىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى ، كۆنگەن خۇيىنى تاشلىماق ئۇنداق ئاسان ئەمەستە ، ئۇ ھاياتىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق غالجىرلىشىپ ئادەم چىشلەش قەبىھ ھەرىكىتىنى تاماملىدى ، 2010 - يىلدىن بۇيان ئۇ چىشى بىلەنلا نۇرغۇنلىغان پولاتتەك مۇداپىئەچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتى ، ئۇ دەل لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى لويىز سويارىز .
سويارىزنىڭ غالجىرلاشقان ھالەتتە ئادەم چىشىلىشى ئەڭ دەسلەپ 2010 - يىلى ئاياكىس ئامىستىردامدا يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئىدھۇفىن ئۇسماننى چىشلەپ قويۇپ ، گوللاندىيە پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 7 مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش جازاسى بېرىلگەن .
لېكىن بۇ جازا سويرىزغا ئازراقمۇ تەسىر قىلمىغان بولۇپ ، ئۆتكەن يىلدىكى چىلسى بىلەن لىۋېرپول جېڭىدە  2-2 تەڭلىشىپ قالغان،  شۇ مۇسابىقىدە سويارىز چىلسى مۇداپىئەچىسى ئىۋانوۋىچنى چىشلەپ يارىلاندۇرغان ، بۇ قېتىم ئېنگلاند بىرلەشمىسى جازانى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ 10 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش ، قايتا ئەرز قىلىشنى قوبۇل قىلماسلىق جازاسىنى بەرگەن . سويارىز بولسا پەسىل بېشىدىكى بەزى مۇسابىقىلەردىن قۇرۇق قالغان ، لېكىن سويارىزنىڭ تېرىشىپ توپ ئويناش نەتىجىسىدە ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان دەرىجىدە ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ، رونالدو بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا بىرلەشمىسى مەرگەنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، نۇرغۇن كىشلەر سويارىز ئەمدى ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ تۇرغان مۇشۇنداق پەيىتتە ئۇنىڭ كونا كېسىلى يەنە تۇتۇپ قىلىپ ، ئىتالىيە بىلەن ئۇرۇگۋاي ئوتتۇرسىدىكى 16 كۈچلۈككە كىرىشنى تاللىشىش مۇسابىقىسىدە ، ئىتالىيە مۇداپىئەچىسى كىللينىنى چىشلەپ يارىلاندۇرۇپ قويغان . ئۇرۇگۋاي كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن ئىتالىيىنى شاللاپ 16 كۈچلۈك قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ ، لېكىن سويارىزنىڭ بۇ قەبىھ ھەرىكىتى خەلقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان ، نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى سويارىزنى دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلىشىدۇ دەپ قارىماقتا .

下载 (4).jpg 下载 (3).jpg 下载 (1).jpg 下载.jpg 下载 (2).jpg


جىددى ئەڭ يېڭى ئۇچۇر:
مەن بۇ خەۋەرنى يېزىۋاتقان چاغدا ، خەلىقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ دىلوغا قاراپ چىقىۋاتقان پەيىتتە بولۇپ ، بۇ دىلونىڭ ئاخىرى ناھايىتى تېزلا چىقىپتۇ ، خەلىقئارالىق پۇتبول بىرلەشمىسى ، سويارىز قەستەن ئادەم يارلاندۇرغان دەپ قاراپ ، سويارىزنى خەلىقئارالىق مۇسابىقىدىن ئىككى يىل چەكلەش جازاسى بېرىپتۇ ، شۇنداق بولغاندا سويارىزنىڭ دۆلەت كوماندىسدا توپ تېپىش خىيال كەپتەرلىرىنى لاچىن سوقىۋەتكەندەك ئىش بولىدۇ .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا دەرھال نىيتىدىن يانسۇن ، سىنى ياخشىسى جەنۇبى ئامرىكىدىكى ئىندىيانلارغىلا سىتىۋەتسە ،شۇلار بىلەن ئوۋغا چىقساڭ بولغىدەك ـ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
salkin007 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 12:53
ئەخلاق ئادەم  زىننىتى ……
  كاللىسىدا چاتاق بار  گورۇز بۇ ...

نىمىگە كۆزگە ئىلمايدۇ؟ئەجىبا شۇ بىر چىشلىگىنى ئۈچۈنمۇ؟2006-يىلى ئىتالىيە شۇنچە نۇمۇسلۇق ھەرىكەت بەدىلىگە چىمپىيۇن بولغاندىمۇ كىشىلەر كۆزەگە ئىلغانغۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلمەت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 22:48
باساغا كەلسە . پېي پېي بىلەن راموسنى چىشلەپ ساراڭ قىلۋې ...

توپنى سەنلا ئۇرامتىڭ دەپ مىسسىنىلا چىشلىۋالمىسلا، بىز شۇنىڭدىن خۇش .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باساغا كەلسە . پېي پېي بىلەن راموسنى چىشلەپ ساراڭ قىلۋېتىدىكەندە ئەمسە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dil-yirim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-25 06:48  

بۇ ئاداشنىڭ نىرۋىسىدا  ئازراق  چاتاق  بامۇ نىمە ، ئامرىكىنىڭ مۇردىلار كىنوسىنى بەك جىق كۆرۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ،تاس قاپتۇ ئۆزىنىڭ يالغان چىشلىرىمۇ چۈشۈپ كەتكىلى،ئەمدى ئىىككى يىل تۈزۈك ئادەم بولۇپ كەل،يەنە ئاشۇنداق  قىلسا ئاغزىغا مەخسۇس تۆمۈردىن ماسكا ياساپ مۇسابىقە ئوينىاتسا ياكى بولمىسا ئوتتۇرىدىكى  چىشىنى  ھەرە بىلەن ھەرىدىۋىتىش  كىرەك

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
مەھشەر + 10 ھاھاھاھا

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا ئوراگۋاي ئۇزاققا چاپالمىغۇدەك...............
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋە قىلدىم نىمە ئىش قىپ يۈرۈيدۇ بۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dil-yirim يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 06:45
بۇ ئاداشنىڭ نىرۋىسىدا  ئازراق  چاتاق  بامۇ نىمە ، ئامرى ...

ئىنتايىن توغرا دېدىڭىز   ،   بۇنىڭ  كىسىلى  خېلى  ئېغىر  ئوخشايدۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام  رېپىر دىگەن  ساراڭ  كومىدى  ،كوسىمۇ  كومەسكە سالدى ،       قىزىل كارتا  بېرەمدىكى  دىسەم   بەمىدى  ،      ئۇۋال بوپ كەتتى  ئىتالىيەگە  .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئادەم بولمىدى،
سۇئارىز دىگەن غالجىرلا.
پولات ئىستىھكام بۇزۇلدى،
كەتتى ئىتالىيە بالدۇرلا.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاداشنىڭ ئەخلاقىدا ھەقىقەتەن مەسىلە بار، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ ۋالىبول ئويناپ مۇسابىقىدە باش رول ئالغان، بۇ قېتىممۇ قان شوراپ باش رولچى بولدى.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سويارىز دىگەن بىر ھايۋان ئادەم تىشلەيدىغان خۇيى ئۆزگەرمىگىدەك بۇنڭ دىلىغا ساختپەزلىك ھىلەمىكىر يۇشۇرۇنغان،  مادىرت  بارسولونا مۇشۇنداق  ئەجلاقسىز توپچىىنى  ئەكىلىمىز دەپ نىمەقىلار.     

سويارىز   قانداقتۇ  رونالدو  مېسسى قاتارلىق دۇنياۋىى توپچىلار بىلەن  بىللە توپ تىپىشكە ماسكەممەيدۇ.    
ئەگەر قارشى پىكىردە بولغۇچىلار بولسا ئاخشامقى مۇسابىقىدىدە   سويارىز نى تۇلۇق كۈزۈتۈپ بېقىپ بىر نەرسە دەڭلار.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ساراڭنىڭ كونا كېسىلى يەنە تۇتقان گەپ ، ئاخشام كۈلۈپ سۇيارسىنىڭ ما ھەركىتنى كۆرۈپ كۈلۈپ بولالماي يۇملاپ كەتتىم توۋا
باساغا كەلسە پې پې بىلەن بۇنىڭغا ئىش با تېخى .......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-28 03:05 , Processed in 0.096771 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش