elan ornielan orni
كۆرۈش: 1738|ئىنكاس: 35

شان-شەرەپ جېڭى(ئىسپانىيە VS ئاۋىستىرالىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 23:28  

   
     كاسىلاس مەشىق داۋامىدا جىم بولۇپ قالدى

تېڭشۈن تورى 6-ئاينىڭ 23-كۈندىكى خەۋىرى، بېيجىڭ ۋاختى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر سائەت 12 ( ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 10:00) دە، 2014-يىلىىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ Bگۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاۋىستىرالىيە كۇرىتىبا بەيشادا مۇسابىقە مەيدانىدا ئىسپانىيە بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

   مۇسابىقە قىززىق نۇختىسى
1. ئالدىنقى قېتىملىق چىمپىيون كوماندا بىلەن خوشلىشىش جېڭى: 5دە 1 گوللاندىيەگە يېڭىلىش، 2دە 0 چىلىغا ئۇتتۇرۇش، ئىسپانىيە 2 قېتىملىق جەڭدە ئۇدا مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇدەتتىن بۇرۇن شاللاندى، ئاۋىستىرالىيەمۇ ئوخشاشلا خوشلىشىش جېڭىنى بۇققا سوقۇشتۇرغۇچىلار بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن، بوسىكنىڭ كوماندىسى يەنە بىرقېتىم ئوسال بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم كۈچەپ ئويناپ قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قېلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرىىش مۇمكىن. ئىسپانىيە تارىختىن بۇيان  كىچىك گۇرپىدىلا ئۈچ قېتىم ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ باققان كوماندا ئەمەس.

2.ئاۋىستىرالىيە ئاسىيا پۇتبولچىلىقىنىڭ شان-شەرىپىنى ساقلاش ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ: گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، ئاۋسىتىرالىيەنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان، ئۇلار ئالدى بىلەن 2:1 نەتىجە بىلەن گوللاندىيەدىن ئۈستۈن تۇرغان، لېكىن ئەڭ ئاخىردا يەنىلا 3:2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان.ئىككى قېتىملىق جەڭدە ئىككى قېتىم ئۇتتۇرغاندىن كېيىن، ئاۋىستىرالىيەمۇ مۇدەتتىن بۇرۇن شاللاندى، بۇ قېتىم بولسا ئالدىنقى نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، ئاۋىستىرالىيە ئاسىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ شان-شەرىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.


3.بىر ئەۋلات چاقنىغان پۇتبولچىلارنىڭ ئايرىلىشى
بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن، خاۋى، ئالونسو، بىلىيالار دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بولدى، يەنە ‹‹ماكا گېزىتى››نىڭ تەكشۈرۈشىچە، كاسىلاس، رېينا، جۇۋان فىيران، ئالىبىيول، كوستا ۋە توررېسلارنىڭمۇ ئىسپانىيە كوماندىسىدىن ئايرىلىدىغان گەپ سۆزلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، قانداق بولىشىدىن قەتتىي نەزەر، بۇ بولسا بىر ئەۋلات چاقنىغان پۇتبولچىلارنىڭ ئايرىلىشى.....

4.ئسپانيەنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىركى ئاشكارلىشى: ئىسپانىيە ئاخباراتنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، مۇسابىقىدىن ئىلگىركى مەشىقتە، بوسىك فابرىگاسنىڭ ئاساسلىق ئەزالىق مەشىق قىلىدىغان كىيىمىنى ئالونسوغا بېرىشنى ئۆتۈنگەن، بۇ ئىشتىن فابرىگاس ناھايىتى رازى بولمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسپانىيەدە ئادىل بولمىغان پوزىتسىيەگە ئۇچۇردۇم دەپ قارىغان. تۇنجى مەيدان گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، ئۇ پەقەت نەتىجە 4:1 بولغاندا ئاندىن زاپاس ئەزالىقتىن مەيدانغا چۈشۈپ ئارانلا 10 مىنۇتلا توپ تەپكەن، كىيىنكى چىلى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ ساپمۇ-ساق 90 مىنۇت ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان.

5.ئىسپانىيە توپچىلىرىنىڭ قىممىتى قارشى تەرەپنىڭكىدىن 30 ھەسسە كۆپ: گىرمانىيەنىڭ ‹‹ يۆتكۈلۈش بازىرى›› غا ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە توپچىلىرىنىڭ ئومۇمىي باھاسى 622مىليون ياۋرۇ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ بولسا 21مىليون 350مىڭ ياۋرۇ بولۇپ، ئىسپانىيە توپچىلىرىنىڭ باھاسى رەقىبىدىن 30 ھەسسە كۆپ دېگەن گەپ، ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ ئەرزان  خاۋى ۋە بىلىيادەك كونا توپچىلىرىنىڭمۇ باھاسى 10 مىليون ياۋرۇدىن ئاشىدۇ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئەڭ قىممەت توپچىسى جېدىناك ( 2مىليون 500مىڭ) دىن 4 ھەسسە كۆپ دېگەن گەپ، توپچىلارنىڭ باھا ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتملىق ئالاھىدە جەڭ.....


6.كاخىل مۇسابىقىدىن توختايدۇ : ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئۈچ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى كىرگۈزگەن توپ سانى تارىختىكى ئەڭ كۆپ پۇتبولچى بولۇپ، كاخىل بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا 2 چىرايلىق توپنى كىرگۈزگەن، لېكىن ئۇ گوللاندىيە بىلەن بولغان  مۇسابىقىدە سېرىق كارتىدىن 2 نى ئىستىمال قىلىۋالغاچقا، ئۇنىڭ ئىسپانىيە بىلەن بولىدىغان خوشلىشى مۇسابىقسىىدە پەقەت ئولتۇرۇپ كۆرۈشىدىن باشقا ئامال يوق، بۇ ئاۋىستىرالىيەگە نىسەبەتەن ، غايەت زور زىيان ھىسابلىنىدۇ.

7.كوستانىڭ ئەھۋال خاتىرىسى : ئاتلىتكو مادىرىتنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا پەقەتلا 126 مىنۇت توپ تەپكەن، لېكىن پەقەت 5 قېتىم ۋارتارغا تەپكەن بولسىمۇ، بىرمۇ نىشانغا دەل بارالمىغان. مۇھىم ئورۇندا تۇرۇدىغان ئەمما ئىسپانىيەنىڭ جەڭ تاكتىكىسىغا ماس كەلمەيدىغان كوستا بوسىكنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ چوڭ زىينى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.


مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى:
  ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق شان-شەرەپ مۇسابقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسپانىيە بىر قىسىم زاپاس ئەزالىرىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ،  مەسلەن فابرىگاس، جۇۋان فېيران، ئالبىيون قاتارلىق توپچىلارنى.
ئاۋىستىرالىيە تەرەپتىن، كاخىل مۇسبىقىدىن توختىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى قالتىس بولغان سەيجى ئەڭ يۇقۇر ئورۇنغا ئۆتىدۇ، خاللورەن يان تەرەپنى ئوينايدۇ.

جېدىناك PK خاۋى (چولپانلار رىقابىتى)
كارۋاخال مۇسابىقىدىن توختىغاندىن كېيىن، كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئاۋىستىرالىيەنىڭ كوزۇر توپچىسى يەنى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدىغان جېدناكقا بېرىدۇ.ئىسپانىيە تەرەپتىن، خاۋى بەلكىم ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ‹‹ شان-شەرەپ›› جېڭىگە تەكلىپ قىلىنىش مۇمكىن، 34 ياشلىق خاۋى 2000-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان، ھازىرغىچە بۇقا سوقۇشتۇرغۇچىلارغا 133 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ بەرگەن، كوماندىغا ياردەم قىلىپ، 2008 ۋە 2012-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىغا،2010 -يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن. بۇلار ئۆچمەس تۆھپە ھىسابلىنىپ بولدى.


مۇسابىقىدىن  بۇرۇنقى گەپ-سۆزلەر
ئالبىيون (ئىسپانىيە بېكى): گەرچە بىز مۇدەتتىن بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللانغان بولساقمۇ، لېكىن بىز ئەمدى تېرىشىپ كېيىنكى مەيدان ئاۋسىترالىيە بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرىمىز، بىز پۈتۈن دۆلەتكە ۋەكىل بولۇپ، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىسىنى تېپىمىز.

جېدىناك(ئاۋىستىتالىيە كاپىتانى): گەرچە بىز مۇدەتتىن بۇرۇن شاللانغان بولساقمۇ، لېكىن بىز يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىنى چوقۇم ياخشى ئوينايمىز، چۈنكى بۇ بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقىسى، بىزدە چوقۇم باشلىنىش بولغانىكەن ئاخىرلىشىشمۇ بولۇشى كېرەك.


مۇسابىقىگە چۈشۈش ئەھۋالى
ئىككى كوماندا تارىختىن بۇيان ئۇچۇرشۇپ باقمىغان

يارلىنىپ مۇسابىقىدىن توختالغان ئەھۋال
ئاۋىستىرالىيە: فىرانجىس ( يارلانغان) ، كاخىل ( مۇسابىقىدىن توختالغان)
ئىسپانىيە: پېك ( يارلانغان)

ئاۋىستىرالىيە تەرەپتىن مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلار (4231)
ۋارتار: رۇيئېن (1-نۇمۇر)
بېك:19- مىك گوۋان، 22- ۋىلكىنسون، 6-سىپىرانوۋىچ، 3-دەۋسىن   
ئارقا بەل: 17-مەكەن، 15-جېدىناك
ئوتتۇرا مەيدان: 11 ئوۋىر، 23- بۇرىسسىيانو، 10-خالولەن
ھۇجۇمچى: 7-سەيجى

ئىسپانىيە (4231)
قاپقىچى: كاسىلاس
بېك: 5-جۇۋان فېيران، 2-ئالبىيون، 15-راموس، 17-كېك
ئارقا بەل: 8-خاۋى، 16-بۇسكىس
ئوتتۇرا مەيدان: 13-ماتا، 10-فابرىگاس، 20-كاسولا

ھۇجۇمچى:  بىلىيا






ئىسپانىيە ئەڭ ئاخىرقى جەڭدە بولسىمۇ مەستانىلەرنى خوش قىلغان، ئالغا ئىسپان!!!!  ساڭا ئامەت تىلەيمەن!!!

پالۋان

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +75 يىغىش سەۋەبى
xahyar + 10 قالتىس!
WiRoS + 50 ئەتراپلىق تەھلىل .
owchi + 15 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-23 22:06:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيەنىڭ ماۋۇ سەپ شەكلى ياخشىكەن.بۇرۇنراق مۇشۇ سەپ شەكلىنى قوللانغان بولسا ,ھەرگىز شاللانمىغان بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 22:25:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختا ئۈچ قىتىم ئۇدا مەغلۇپ بوماپتىكەن ، ئەمدى بوپ قالاما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 22:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوستا دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنەمدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 22:53:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا، تېما دېگەن م ئۇنداق بولسا....سېستىمىلىق، چۈشىنىشلىك، ھوزۇرلۇق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-23 23:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
owchi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 22:53
مانا، تېما دېگەن م ئۇنداق بولسا....سېستىمىلىق، چۈشىنىشل ...

  رەھمەت دوستۇم، تىما يېزىپ بولۇپ بۇ ئېنكاسىڭىزغا قاراپ دىلىم بەكمۇ  سۆيۈندى، رەھمەت!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 23:02:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەڭ ياخشى نەتىجە تەڭلىشىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-23 23:04:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمپۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 22:45
كوستا دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنەمدىكەن

       تېڭشۈن تورىدىن قارىسام، مۇشۇ قاتارلىق بىرقانچە توپچىنىڭ چېكىنىپ چىكىتىدىغانغا دائىر گەپ-سۆزلەر ناھايىتى كۆپكەن، ئەمما خاۋى،بىليالاردەك مۇقىملىمىغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ. ھەم چېكىتىش نىسىبىتىنىڭ يۇقۇرلىقىنى ئېيتىپتۇ،قالغىنىنى  قېنى مۇسابىقىدىن كېيىن كۆرۈپ باقمايمىزمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 23:07:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپانىيەنىڭ ئەڭ ئاخىردا بولسىمۇ ياخشى نەتىجە يارتىشىنى ئۆمۈت قىلمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 23:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالبىيون (ئىسپانىيە بېكى): گەرچە بىز مۇدەتتىن بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللانغان بولساقمۇ، لېكىن بىز ئەمدى تېرىشىپ كېيىنكى مەيدان ئاۋسىترالىيە بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىدە چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرىمىز، بىز پۈتۈن دۆلەتكە ۋەكىل بولۇپ، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىسىنى تېپىمىز.

تىمىنى بەكلا تەپسلى يېزىپسىز ، كۆپ رەھمەت ،  لىكىن چىمپىيۇنلۇق دىگەن گەپنى غەلبىنى دەل ئالساق بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 23:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ截图20140623231938.png

ماۋۇ گۇي ئەجەپ پې پې غا ئوخشايدىغان كۈرۈندىيا كۈزۈمگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 23:20:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوستا ئەمدىلا ئىسپانىيە ئۈچۈن ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئويناپ يەنە چېكىنەمدىكەن؟كۇلۇپ كوماندىسى بولمىسا يە بۇ ئالمىشىۋېرىدىغان!!来自: iPhone客户端
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 16:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش