elan ornielan orni
كۆرۈش: 3416|ئىنكاس: 160

پورتۇگالىيە VS ئامرىكا(G گۇرۇپپا)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


دىيارىمىز ۋاقتى 23-چېسلا ئەتىگەن سائەت 4:00 تە، G گۇرۇپپىنىڭ 2- ئايلانما مۇسابىقىسى  پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئامرىكا كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى.  پورتۇگالىيە تۇنجى ئايلانمىدا گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ  قويۇپ بۇ گۇرۇپپىدىكى ئەھۋالى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. ئامرىكا بولسا تۇنجى ئايلانمىدا گانا كوماندىسىنى يېڭىپ 3 نومۇر ئالغانىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ، 5- مىنۇتتا  پورتۇگالىيە كوماندىسىدىن نانى ئامرىكا مۇداپىيەچىلىرىنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ  بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1:0 قىلدى. پورتۇگالىيە ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
مۇسابىقە مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ 64- مىنۇتقا كەلگەندە،ئامرىكا كوماندىدىن جارماينى جونىس يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزۈپ  نەتىجىنى 1:1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى .
81- مىنۇتقا كەلگەندە ئامرىكا كوماندىسىدىن دىمپۇسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:1 قىلىپ ئۆزگەرىتتى، ئامرىكا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتتى.
مۇسابىقە قوشۇپ بېرىگەن ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى 15-سىكۇنىتىغا قەدەم قويغاندا ، رونالدو ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىر توپ تاشلىدى، زاپاس بولۇپ مەيدانغا چىققان ۋالېرا بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ، نەتىجىنى2:2 قىلدى. پورتۇگالىيەنىڭ گۇرۇپتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ئاز تولا ئۈمۈد ئاتا قىلدى.   مۇسابىقە مۇشۇ نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى.


مۇسابىقە جەۋھىرى:



مۇسابىقە تولۇق فىلىمىنى قايتا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-23 11:17:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پورتىگالىيە كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەممەيلەنگە مەلۇم . مۇداپىئە ئىستىھكامى ئىنتايىن ئاجىز ، ھۇجۇم سېپىدە رونالدو يارىدار،  قالغانلارنىڭمۇ ئىپادىسى چېچىلاڭغۇ  ھالەتتە مۇشۇنداق تۇرىۋاتقان بىر كوماندىدىن يانا رەنجىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى بارمۇ ؟؟؟ ھازىرقى پورتىگالىيەنى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئاجىز كوماندا دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن .
رونالدونى كۈچ بەرمىدى ، ئۆزىنى ئايىدى ، قالايمىقان تىپىپ يۈردى  دىيىشتىن ئاۋۋال رونالدونىڭ يارىدار ھالەتتە كوماندىنىڭ روھى تۈۋرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى قىلچە ئايىماستىن ، يارىسىنى ئويلاشماستىن كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىپ ئويناپ بىرىۋاتقانلىقىنى ئويلىنىپ قۇيايلى .
سىلەرچە بولغاندا رونالدو دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشمايلا يارىسىنى داۋالىتىپ ھاۋايدا دەم ئېلىپ ئويناپ يۈرگەن بولسا بۇلاتتىكەندە ؟ ئەمما بۇ رونالدونىڭ خاراكتىرى ئەمەس .
ھېلىمۇ ئاشۇ ھالەتتە 92 مىنۇت بولغاندا  بىر ھالقىلىق پاس بىلەن يار لىۋىدىن چۈشۈپ بولغان كوماندىنى تارتىپ تۇرىۋالدى .
رونالدوغا ھۆرمەت !!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +120 يىغىش سەۋەبى
potbuluqun + 20 ئائغزىڭىزغا ناۋات
CR7زوقمەن + 50 قالتىس!
سەنسىز + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 13:40:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزەنلە ئامېركىدىن ئالالمىغان دەردىنى مېسسىنى سۆرەپ چىقىپ ئالغىلى تۇرۇپتۇ . ھاھا ...ئالتۇپ توپنىڭ گېپىنى ھازىر قىلمايلى .يىل ئاخىرىدا بىر گەپ بولىدۇ . لېكىنزە  2 مەيداندا  6 توپ يەپ مەللىسىگە ماڭغانلار ئالالمايدىغان توپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 12:22:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسمىس توپ ئۇرالمىدى، دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بوپ قالدى، ئارقىدىن دۇنيا لوڭقىسى بارلىقى تۇيۇقسىز ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك بىرنەچچە مەيدان توپ ئۇرىۋىدى، ۋاي مانا مىسسى دىگەن، مىسسىنى چىكىندى دىگۈچىلەرنىڭ ئاغزىنى ئەتتى دەپ بىر ئالدىڭلا، كىيىن يەنە دۇنيا لوڭقىسى بارلىقى توساتتىن ئىسىگە كىلىپ قالغاندەك، شۈكلەپ كەتتى، بارسىلونا مۇئاشىنى 20 مىليۇنغا ئۆستۈرۈپ بەرسىمۇ، مادرىد رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، جانغا ئەسقاتمىدى، شۇ چاغلاردا ھەجەپ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دېمەي، دۇنيا لوڭقىسىنى باھانە قىلغان ئىدىڭلار ھە. گەرچە ھازىر دۇنيا لوڭقىسىدا مىسسى 2توپ ئۇرغان بولسىمۇ، ھەر مەيدىنىغا يۈگۈرگەن مۇساپىسى 7000 مىتىردىن سەللا كۆپرەك. مۇشۇ بىر نورمال ھالەتتىكى توپچىنىڭ يۈگۈرىدىغان مۇساپىسىما؟ ئادەتتە قاپقاۋۇللارمۇ قاپقا ئەتراپىدا ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ يۈرۈپمۇ، 5000 مىتىردىن ئارتۇق يۈگۈرۋىتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 15:17:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈكسەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 15:21  

بىز زادى قانداق مىللەت؟ كاللىمىزنىڭ سۈيى بامۇ؟ ياكى بىز تۇغۇلىشىمىزدىنلا ساراڭمۇ؟ ئارگىنتىنا مۇسابىقە ئوينىسا رونالدونى سۆرەپ چىقىپ،پورتۇگال مۇسابىقە ئوينىسا مىسسىنى سۆرەپ چىقىپ. بىر بىرسىنى تىللاپ، زادى تاس قالىمىز ئۇلاغا چوقۇنغىلى. قانداق ئادەملە بىز؟ مىسسى بولسۇن ياكى رونالدو بولسۇن ئۇ ئىككىسىنىڭ تالانتىغا قايسىڭلا قول قويمايسىلە؟ رونالدونى ياراتمايدىغان مىسسى مەستانىلىرى قولۇڭلانى كۆتۈرۈپ بىقىڭلا؟ مىسسىنى ياراتمايدىغان رونالدو مەستانىلىرىمۇ قولۇڭلانى كۆتۈرۈپ بىقىڭلا. ..نىمە ئاساسىڭلا با؟ ئۇلا ئىككىسى دۇنيا ئىتراپ قىلغان چولپانلا. ھەقىقى تالانتى بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولغانلا. ئەمدى قوپاپ پورتۇگال گۇرۇپپىدىن چىقالمىسا مىسسى ئىككىسىنى سىلۇشتۇرۇپ رونالدونى ئەمەسلا بىر نىمىگە چىقىرۋىتىدىكەنمىز. يەنە بىر تىمىدا مىسسىنى تىللاپ رونالدونى كۆتۈرۈپ.......يا ئاللاھ قانداق مىللەت بىز؟ھەر ئىككىلىسى قالتىس توپچىلا...ئۇلا ئىككىسىدەك توپچىلا قانچىلىك ۋاقىتتا بىر چىقىدۇ؟پىلى چىقىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن مارادونا چىقتى؟ مارادونا چىكىنىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن چوڭ رونالدو ۋە زىدانىلا چىقتى؟ ئەمدى ھازىر مىسسى بىلەن رونالدو با. بۇلامۇ ياشقا چوڭىيۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ ئىككىسىدەك سەرخىل توپچى قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن چىقىدۇ؟ ئەگەر چىقمىسىچۇ؟ بىز كىمنى تىللايمىز؟ كىملەنى سىلۇشتۇرىمىز؟ ئارگىنتىنانىڭ 2مەيدان ئۇتقىنىدىن ۋە مىسسىنىڭ 2توپ ئۇرغىنىدن بەك خۇش بوپ كەتتىم. ئەمما مەن باساغا ئۆچ. لىكىن بارسىلونانى ياقتۇرماسلىق بىلەن مىسسىغا ئۆچلۈك قىلامدىم؟ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. مىسسىنى دەپ ئارگىنتىنانىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىمەن.....ئويلاپ باقايلى پورتۇگالىيەدىن ئەزەلدىن رونالدودەك بىر توپچى چىقىپ باققانمۇ؟ لويىس فىگو، ۋە يۇشىبيو قاتارلىقلامۇ ئۆز ۋاقتىدا رونالدودەك ئوينىغان ئەمەس. ئەمما ئۇ ھازىر 29غا كىردى.يىل ئۆرۈلسە 30 دىگەن گەپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چاققانلىقى ،توپ كىرگۈزىشى،ۋە بەدەن ساپاسى بارغانسىرى چۈشىدۇ. بەك بوپ كەتسە رونالدونىڭ يەنە بىر قىتىم دۇنيا لوڭقىسى ئوينىغىچىلىكلا دەۋرى قالدى. پورتۇگالدىن يەنە مۇشۇنىڭدەك بىر توپچىنىڭ چىقىشىغا كۆزۈڭلا يىتەمدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى ئۇلا بىزنىڭ قىرىندىشىمىز ئەمەس. شۇڭا ئۇلاغا ئۇ دەرىجىدە ئاشىق بوپ كىتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئۇلانىڭ مەيداندىكى ماھارىتىنى ياقتۇرساق بولدى. نىمە قىلىمىز ئۇلانى تىللاپ،سىلۇشتۇرۇپ. رونالدونى ئانداق مانداق دىگەنلە ئۇنى كۆرەلمەيدىغانلا. ئوخشاشلا مىسسىنى ئۇنداق دىگەنلەمۇ ئوخشاش. مىسسى ئەمدى 27ياش.ئەڭ ئالتۇن دەۋرى. رونالدو 29ياش. بۇندىن كىيىنكى يىللاردا مىسسىنىڭ رونالدودىن ياش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەۋزەلرەك تۇردىغانلىقى بىر ھەقىقەت. ماۋۇ تىما مىسسى بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋەتسىز....بۇ يەردە ئارگىنتىنانىڭ گىپى بولغۇنى يوق. تىمىنى يوغان كۆزۈڭلانى ئىچىپ ئوبدان ئوقۇپ،شۇ بويىچە ئىنكاس يىزىڭلا. رونالدو پەرەسلىك ۋە مىسسىپەرەسلىك بىزگە مەنپەئەت ئىپ كەلمەيدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +75 يىغىش سەۋەبى
بىلگىيار + 10 قوللاش!
باقاۋۇل + 50 قوللاش!
بىرازىلىيە + 10 قالتىس!
پەرۋەر + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 15:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 12:56:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باياۋان يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 11:46
‏‏نەدىن چىقتى مۇشۇ چېكىتنى يارىلاندى دېگەن گەپ، ياخش ...

سىز شۇ خەۋەرنى نەدىن كۆرگەن بولسىڭىز ، يارلاندى دىگەن خەۋەرمۇ شۇ يەردىن  چىقتى .
رونالدونىڭ يارلانغىنى راست ، كوماندىدىكىلەر شۇنداق ساقىيىپ بولدى ، 100% ئەسلىگە كەلدى دەپ تۇرمىسا مەيلى قارشى تەرەپكە پايدىلىق بولسۇن ، ياكى كوماندىدىكىلەرنىڭ روھى بېسىم پەيدا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر پايدىسىز خەۋەر بولۇپ قالىدۇ .

ئەگەر مۇكەممەل ھالەتتە بولمىسام، بىر مەيدان مۇسابىقىنى ياكى بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى دەپ سالامەتلىكىمنى دوغا تىكمەيمەن

ئاۋۇ گەپ ھەرگىز رونالدونىڭ گىپى ئەمەس . ئازىراقلا مەيدانغا چۈشكىدەك ئەھۋالى بولسىلا رونالدو ھىچقاچان مۇسابىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ باققان ئەمەس .

ئاخىرقى گىپىڭىز توغرا  ( ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق )  . دىمەك ئۆزىڭىزنىڭ گىپىنى ئۆزىڭىز ئىنكار قىلىپ نىمە دىمەكچى ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:43:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhsin يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 07:38
ئۇنداق مۇ  دەپ كەتمەڭلا   ،         ئۇمۇد   بوسىلا  ئۇتۇش  پۇ ...

بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب بولىدىغان بولسا مەن چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئۇرغان ئىككىنچى توپىنى ئوفسايت قىلىپ بېرەتتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-24 22:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
346234342 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 19:21
ئادەم جىق يەدە ئىزززىتىڭنى ساقلا،

سەن نىمدىگەن داۋخونىمەسەن ئىززىتىڭنى قانداق ساقلاشنى بىرىپ رونالدونىڭ يالاقچىلىرىغا ئوگەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-24 10:14:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
346234342 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-24 00:03
مىنىڭ دەردىم يوق سىنىڭ بار ئوخشايدۇ قارىسام، گەپلىرى ...

مەن دۇنيادا كورگەن ئەڭ   لاۋزا   نىمكەنسەن  قىسسىپ ئولتۇراۋا بولمىسا ئامبۇر بىلەن قىسىپ قويماي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:04:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:12:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىپى كونتېرۋا يوق مۇداپىيەدە يۇچۇقلا بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى! رونالدۇ ئىپادىسىنى يەنە تازا ياخشى ئەمەس، ھېلىقى توپنى كىردۇرگەن بولسا بۇلاتتى ! ئەمما ئەجەللىك پاستىن بىرنى بىرىپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، ئاز تولا ئۈمۈد با
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:12:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلەركى ئايلانمىدا گانا پورتوگالنى يېڭۋالسا ،گىرمان ئامرىكىنى يەڭسە ئامرىكا گۇرۇپپىدىن چىقىپ كىتەمدا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:19:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى ئايلانمىدا ...گىرمانىيە ئامىركىنى ئۇتسا .پورتگالىيە گانانى چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن ئۇتسا گۇرۇپىدىن چىقالايدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:20:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پورتىگالىيە شالىنىپ كەتكىلى تاس قالغان ..ھېلىمۇ ياخشى ئاۋۇ دىياگو كوستا بۇلۇپ قاپتۇ بولمسا پورتىگالىيە ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قوياتتى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:24:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەييى  يەنە  بىر كۈچلۈك  كوماندىنىڭ  بىر  پۇتى  ئايرۇپىلانغا  چىقىپ  بولدى  ئاخىرىدا  بېرىپ  بۇ  نۆۋەتلىك  دۇنيا  لوڭقىسى  ئامرىكا  قىتئەسى  لوڭقىسى  بوپ  قالامدۇ  نىمە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:26:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پورتىگالىيە گانانى ئۇتسا گىرمانىيە ئامىركىنى ئۇتسا ساپ توپىغا قالامدۇۈ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:26:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى ئايلانمىدا كەم دىگەندە ئۈچ توپ بولمىسا ئۇنىڭدىن جىق ئۇرۇشى كىرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:27:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېينكى ئايلانمىدا گىرمانىيە ئامېرىكىنى ئۇتسا پورتىگالىيە گانانى 6 توپ پەرق بىلەن ئۇتسا ئاندىن گۇرپىدىن چىقالايدۇ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئانچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:28:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەي پۇتبول ... پورتۇگاللىقلار ئايروپىلان بېلىتى ئېلىشقا تەييار بولغاندا ئاخىرقى 10 سىكونتتا ئۈمىد پەيدا بولدى ، رونالدونىڭ ئاخىرقى ياردەمچى پاسنى بەرگەندىن باشقا تۈزۈك رولىنى كۆرگىلى بولمىدى ، ئىختىيارى توپنى ئاسمانغا ئۇچۇرغاننى ئاز دەپ قايتۇرما ھۇجۇمدىكى يەكمۇ-يەك دېگۈدەك توپنى ئەمەسلا بىر يەرلەرگە تېپىپ يۈردى ، كونتراۋنىڭ يوقلىقى بەك چاندى ، ئامرېكىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن بەك بېسىۋالدى ، ئوڭ ھۇجۇم ئوينايدىغان كاساپەتتە سۈرئەت دېگەن ئالامەت ئىكەن .  ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئەچىللىرىدە مەسىلە ئېغىر ، ۋارىتارنىڭ شاشلىقى جىق ئەسقاتتى ، پورتۇگالنىڭ ئالدى ھۇجۇم ئوينايدىغان قارا ( ئىسمى ئېيدىرمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداقراق بىر نەرسە ) جىڭ كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىكەن . چۈشەندۈرگۈچى ئۇ قارىنى پورتۇگالغا قارشى ئويناۋاتىدۇ دەپتى كۈلگۈم كېلىپ ، پورتۇگالنىڭ ئەزالىرىدا يەنىلا بىر بوشاڭلىق بار ، شىۋىتسىيەنى ئۇتقاندىكى روھى نەگە كەتتىكىن ..  گانا بىلەن بۇنداق ئوينىسا نۇمۇر ئالالماس ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-23 09:31:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىستىيان ئۆيىگە كەتكۈدەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-21 13:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش