ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3403 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-23 09:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئوخشاشلا دىيارىمىز ۋاقتى يېرىم كېچە سائەت 1:00 دە ، H گۇرۇپپىنىڭ يەنە برى مەيدان مۇسابىقىسى ئاسىيادىن كەلگەن كورىيە كوماندىسى بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى بولغان ئالجىرىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ھازىرغىچە ئاسىيا كوماندىلىرى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا يېڭىپ باقمىدى. كورىيە بولسا بۇ گۇرپپىدا 1 نومۇر ئېلىپ گۇرۇپتىن چىقىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن ئىدى. ئالجىرىيە 3 نومۇر بىلەن 2 ئورۇندا ئىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 26-مىنۇتقا كەلگەندە سۇلايمان بىر توپ ئۇردى نەتىجە 1:0 ، ئالجىرىيە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
28-مىنۇتتا ئالجىرىيەدىن خالىچ يەنە بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:0 قىلدى.
38- مىنۇتتا داۋۇت بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:0 دە مۇقىملىدى.
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 50-مىنۇتتا كورىيە كوماندىسىدىن سۇن خيۇڭمىن بىر توپ قايتۇردى، نەتىجە 3:1 بولدى.
62- مىنۇتقا كەلگەندە ئالجىرىيە بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇمدىن پايدىنىلىپ ئۇبۇل ھاشىم بىر توپ ئۇردى، نەتىجە4:1 بولدى.
كورىيە كوماندىسىدىن كوجا چو 72-مىنۇتتا بىر توپ قايتۇردى. نەتىجە 4:2 بولدى.
مۇسابىقە مۇشۇ نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى. كورىيە كوماندىسى بىر تەڭلىشىپ بىر ئۇتتۇرۇپ گۇرۇپپىدىكى ئەھۋالى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئالجىرىيە كوماندىسى بولسا گۇرۇپپىدىن چىقىشقا يېقىنلاپ قالدى.
مۇسابىقە جەۋھىرى:
مۇسابىقە تولۇق فىلىمىنى قايتا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ! |
|