بەيرىن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئوت كۈچى ، دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولماقتا !!!
گېرمانىيە 2-2 نەتىجە بىلەن گانا بىلەن تەڭلىشىپ قالغان مۇسابىقىدە ، بەيرىن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گوتزى مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپنى ئۇردى . گوتزى توپ ئۇرغاندىن كىيىن دونيا لوڭقىسىدا بەيرىن كوماندا ئەزالىرىنىڭ كىرگۇزگەن توپى 9 بولدى . باشقا كۇلۇبلاردىن ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىن مانچىستىر بىرلەشمسى ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن بارسىلونا 5 تىن توپ كىرگۇزۇپ ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان
1- بەيرىن 9 توپ ( تۇماس موللىر 3 توپ . روبىن 3 توپ . مەنزۇكىچ 2 توپ . گوتزى 1 توپ )
2- مانچىستىر بىرلەشمىسى 5 توپ ( ۋانپىرىس 3 توپ . فىلەينى 1 توپ . رونى 1 توپ )
2- بارسىلونا 5 توپ ( نىيمار 2 توپ . مىسسى 2 توپ . سانچىز 1 توپ )
4- مادىرىت 4 توپ ( ئالونسو 1 توپ . بىنزىما 3 توپ )
5- لىۋىرپول 3 توپ ( سۇيارىز 2 توپ . سىتولىچ 1 توپ )
6-مىكسىكا پاچۇكا 3 توپ ( ئىنا-ۋالونسىيە 3 توپ )
7-ماسەي 3 توپ ( ئەندىلى -ئايۇ 2 توپ . ۋاربوچىن 1 توپ )
-----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
كىلىنسىمان ؛ G گۇرۇپ ھەقىقى ھالاكەت گۇرپىسى
گېرمانىيە بىلەن گانا 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىكىن كىيىن ، ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى كىلىنسىمان مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى . بۇ گۇرۇپ ئىنتايىن خەتەرلىك گۇرۇپ ، ھەققى ھالاكەت گۇرپىسى ، بۇگۇنكى بۇ مۇسابىقە بۇنىڭ دەلىلى ، گېرمانىيە ئالدى بىلەن 4 نۇمۇرنى قولغا كەلتۇردى ، ئامېرىكا كوماندىسى پورتىگالىيە كوماندىسىنى قارشى ئالدۇ ، بۇ تۆت كوماندىنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇرۇپتىن چىقىش پۇرسىتى بار .
|