ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3403 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-22 11:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

ئۈرۈمچى ۋاقتى 22-چېسلا يېرىم كېچە سائەت 1:00 ، دۇنيا لوڭقىسى G گۇرۇپپا مۇسابىقىسى گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن گانا كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى تەرەپ تولۇق ئاساسلىق ئەزالىرى بىلەن مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقە باشلىنىپ گېرمانىيە كوماندىسى بېسىم قىلىپ ئوينىماقچى بولدى، بىراق گانا كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي قايتۇرما ھۇجۇملىرى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنى تىترىتىپ قويدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 51- مىنۇتقا كەلگەندە گېرمانىيە كوماندىسىدىن گۆتزى 1 توپ ئۇرۇپ مەيداندىكى نومۇر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزدى. نەتىجە 1:0 ، گېرمانىيە ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
54-مىنۇتقا كەلگەندە گانا كوماندىسىدىن ئايېۋ كاللا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1:1 قىلىپ ئۆزگەرىتتى.
63- مىنۇتقا كەلگەندە ، گانا كوماندىسىدىن گىيان 1 توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:1 قىلىپ ئۆزگەرتىپ ، ئالدىغا ئۆتتى.
گېرمانىيە كوماندىسى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. كىلوز مەيدانغا چىقتى، 71-مىنۇتتا ئۇ مېرتىساكىرنىڭ كاللا توپىنى پۇتىدا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2:2 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. ھەمدە بىرازىلىيەلىك رونالدو بارلىققا كەلتۈرگەن 15 توپلۇق رېكورتقا تەڭلىشىپ تارىخ بېتىگە يېزىلدى.
مۇسابىقە ئاخىرى مۇشۇ نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى.
مۇسابىقە جەۋھىرى:
مۇسابىقە تولۇق فىلىمىنى قايتا كۆرمەكچى بولسىڭىز ، بۇ يەردىن كۆرۈڭ!
|
|