ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2928 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-22 13:09
ئىران دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاخشامقى ئوينىشىنى كۆرۈپ راسلا ھەيران قالدىم ، ھەم 32 كوماندىنىڭ ئىچىدە ئاجىز كوماندا يوق دىگەن سۆزگە يەنە بىر قىتىم ئىشەندىم.
ئىران كوماندىسى مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئىيتىپ ئۆتكىنىدەك تىپىك مۇداپىيەنى ئاساس قىلىپ ئوينىدى ، ھەم ئاندا -ساندا كەپ قالغان پۇرسەتلەرنىمۇ بوش قويماي ، نەچچە قىتىم ئەجەللىك ھۇجۇم قىلىپ ، ئارگىنتىنانى ھالسىرتىپ قويدى .
ئاخشامقى ئارگىنتىنا باش تىرىنىرى تاكى 80 مىنۇتتىن ئاشقانغا قەدەر ، تاكتىكىدا قىلچە ئۆزگىرىش قىلماي ، كالتا پاسنى ئاساس قىلىپ ئۆز مەيدانىدىن ياكى ، ئوتتۇرا مەيداندىن توپ ئىلىپ كىرىپ ، ھۇجۇمغا تەششكىللەپ قەتئى ئۈنۈم يارىتالمىدى ، يىراقتىن توپ ئۇرۇش دىگەنلەرمۇ ئاساسەن يوق دىيەرلىك . باشتىن ئاياغ بۇلۇڭ توپ باشلىشى بىرخىل ، قارشى تەرەپ ھەر قىتىملىقىنى تولۇق تارمار قىلىپ ماڭسىمۇ يەنىلا بۇلۇڭ توپ باشلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىدى . تاكى مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 10 نەچچە مىنۇت قىلىپ ، ھىگۇايىن بىلەن ئاگۇيرۇنىڭ ئورنىغا پالاسىيۇ قاتارلىق ئىككى ھۇجۇمچى چىققاندىن باشلاپ ، ئاخىرلاشقىچە بولغاندا ، ھۇجۇم تەشكىللەشتە ئۇزۇن پاسنى بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتپ ، قارشى تەرەپ مۇداپىيەسىدىن يوچۇق ئىزدىدى ھەم ھۇجۇمچىلارغا تۇيۇقسىز پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈن خىلى تىرىشتى . ئاخىردا ئارقا بەل توپچىنىڭ بىرى ئالدىغا بىسىپ ئويناپ ھۇجۇمغا ياردەملەشتى .
ئارگىنتىنا كوماندىسى بۇ ئۈچ نۇمۇرنى ناھايىتتى تەستە قولغا كەلتۈردى . ئەگەر ئاخشام تەڭلەشكەن ياكى ئۇتتۇرغان بولسا بۇ ئىنىقلا باش تىرىنىرنىڭ تاكتىكىدىكى مەغلۇبىيتى بولۇپ قالاتتى .
يەنە كىلىپ ، مۇسابقىدىن بۇرۇن ، ئارگىنتىنا باش تىرىنىرى مۇداپىيەگە بەش ئەزانى قويۇشنى بىكىتىپ كىيىن ، مىسسى قاتارلىقلارنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تۆت ئەزا قويۇپتىكەن ، مۇسابىقە ئاخىرىغا كەلگەندە ، ئامالسىزلىقتىن يەنە بىر ئارقا بەل توپچىسىنىمۇ قوشۇپ ، ھۇجۇمغا ياردەملەشتۈردى .
قىسقىسى ئاخشامقى مۇسابىقىدىن شۇنداق بىر يەكۈنگە كەپ قالدىم ، ئەيتاۋۇر كىم بىرلەر ئىيتقاندەك ، ئارگىنتىنانىڭ مەسىلىسى مۇداپىەچى ئەمەس بەلكى دەل ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىكەن .گەرچە ماسچىرانو ئوتتۇرا مەيداننى خىلى ياخشى تەشكىللەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ، ئاخشامقى مۇسابىقە ، ئارگىنتىنا كوماندىسىدىكى ھۇجۇمچىلار ۋە مۇداپىيەچىلەرنىڭ خىل پىشقان توپچىلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى . ئەمما ئوتتۇرا مەيداندىن ھۇجۇمغا ياخشى ماسلىشىش ۋە ئەجەللىك پاسلارنى يەتكۈزۈش يەنىلا كەمچىل . |
|