تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1932|ئىنكاس: 112

مېسسى = ئالتە ئېران كوماندىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى



بۈگۈن كەچ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئارگىنتىنا كوماندىسى بىلەن ئېران كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە ئېنىقلا "بايۋەچچە" بىلەن "كەمبەغەل"ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە بولۇپ قالغان . يەنى ئارگىنتىنا كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ بازار باھاسى ئېران كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ بازار باھاسىنىڭ 20ھەسسىدىنمۇ ئارتۇق كەلگەن .
ئارگىنتىنا كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ ئومومى باھاسى 32كوماندىنىڭ ئىچىدە بىرازىليە ۋە ئىسپانىيەدىن كېيىن 3-ئورۇندا تۇرىدۇ .  مېسسىنىڭ باھاسى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى توپچىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ 139مىليون بولغان . ئېران كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ بازار باھاسى بولسا 21مىليون900مىڭ ياۋرۇ بولۇپ  32كوماندىنىڭ ئىچىدە كەينىدىن سانىغاندا 2-ئورۇندا تۇرغان  . ئېران كوماندىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى بازار قىممىتىگە ئىگە توپچىمۇ ئاشقان دىجاگاھ ئىسىملىك ھۇجۇمچى بولۇپ ئاران 2مىليونلۇق بازار قىممىتىغا ئىگە .
ئارگىنتىنا ئالدىنقى ئايلانمىدا گۇرۇپتىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بوسنىيەنى يېڭىپ گۇرۇپتىن چىقىشقا ئاساس سېلىپ بولغان بولسىمۇ بىراق ئېراننىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . چۈنكى پۇتبولنى "باھا" بىلەنلا ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس . تېخى ئالدىنقى كۈنلىرى 32كوماندىنىڭ ئىچىدە توپچىللىرىنىڭ باھاسى ئەڭ ئەرزان كوماندا بولغان كوستارىكا كوماندىسى كۈچلۈك بولغان ئىتالىيە ، ئۇراگۋاي قاتارلىق كوماندىلارنى يېڭىپ گۇرۇپتىن چىقتى .بۈگۈن ئېرانمۇ ئۇلارنىڭ بۇ روھىدىن ئۈلگە ئېلىپ ئارگىنتىنانى يېڭىپ قويىشى مۇمكىن .
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى غەيرەت قىل. غەلبە پامپاس بۇركۇتلىرىگە قاراپ كۇلدىغاندەك قىلىدۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران كوماندىسى غەزەپ مۇداپىئە قىلىپ قويدى. مىسسى، ئاگۈئۇرۇلار ئامال قىلالمايۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنمۇ ئىران ناھايىتى ياخشى ئويناۋاتىدۇ،نەتىجە ھازىرغىچە نۆلدە نۆل
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭلىشىپ قىلشى مۇمكىن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىراننىڭ مۇداپىيەسى دەھشەتكەن       تۇرۇپ تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇمنى قىپ قۇيىدىكەن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران بەك ياخشى مۇداپىئە قىلۋاتىدۇ مىسسى دىمارىيا ئاگۈيرو قاتارلىق چولپانلارنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىشقا پەقەت پۇرسەت بەرمەيۋاتىدۇ ئىران كوماندىسىنىڭ ۋارتاسىمۇ قالتىس ياخشى تۇرۋاتىدۇ....
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنانىڭ ئىشى سەل چاتاق.   مېسىسى ئالدىنقى مەيدانغا قارىغاندا كۈچۈپ ئويناۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بايام مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن بىرجۈپ ئىران توپ مەستانىسى  سۈيۈشۈپ كىتىپ بارىدۇ دىسە  بۇ توپ مەستانىللىرى مۇسۇلمان ئەمەسمۇ يا قارىسا شۇنداقدەكلام   ياكى بولمىسا پورتۇگالىيەلىك توپ مەستانىللىرىمىدۇ يا  
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭلشدۇ  مىنىڭچە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلار خاپا بولماي ئېنىق ۋە قاتماي چىقىدىغان ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار كۆپ مىننەتدار بولاتتىم
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران كوماندىسى ئاپتوبوس تىكلىدى . پىراۋىسى يوق  چولپانلار چىقالمىدى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-25 12:01 , Processed in 0.090047 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش