elan ornielan orni
كۆرۈش: 869|ئىنكاس: 26

ئىتالىيە VS كوستارىكا (D گۇرۇپپا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-21 11:40  



6-20-كۇنى  22:00 دە دۇنيا لوڭقسىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى  (D گۇرۇپپا)  ئىتالىيە كۇماندىسى بىلەن كوستارىكا كۇماندىسى ئولتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى

مۇسابىقە باشلىنىپ بالوتېلىغا شۇنداق ياخشى بولغان ئىككى قېتىملىق پۇرسەتنى ياخشى تۇتۇتالماي پۇرسەتنى قولدىن  بېرىپ قويدى ، مۇسابىقە 44 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا كوستارىكا كۇماندىسىدىن 10-نۇمۇر رېيىز بىر كاللا توپ ئۇرۇپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلىككە ئۆتتى ، ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلاشتى ، كىيىنكى يېرىم مەيدان ئىتالىيە كۇماندىسى نۇرغۇنلىغان ياخشى ھۇجۇم قوزغان قارشى تەرەپنى خېلى تەمتىرەتتى ، شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىلى كۇماندا بىر-بىرسىگە شۇنداق خىرىس قىلىشقان بولسىمۇ كىيىنكى مەيدان توپ چۈشمەي رېيىزنىڭ ئۇرغان 1 توپىغا تايىنىپ 0-1 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە كۇماندىسىنى ئۇتۇپ گۇرپىدىن 1 - بۇلۇپ چىقتى ، كوستارىكا كۇماندىسى 5 نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان بۇلۇپ بۇ يىلقى ئىپادىسى كىشلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى ، شۇنداق قىلىپ ئىنگىلاد كۇماندىسى چىرايلىقچە شاللىنىپ كەتتى.



مۇسابىقە تولۇق فىلىمىنى قايتا كۆرمەكچى بولسىڭىز ، بۇ يەردىن كۆرۈڭ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-21 14:49:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توخۇ پوقى قارىۋاي 200مىڭغا زىيان سالدى دىسە...قاق سەنەم بولدۇق...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:14:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئۇرۇگۋاي بىلەن ئىتالىيىنىڭ قىززىغان بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈدىغان بولدۇقتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:16:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ئەمدى 3كۈچلۈكتىن بىرسىلا كىردىغان بولدىدە،،ھەقىقەتەن ئويلىمىغان ئىشلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:17:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا پۇتبولنىڭ سىھرى كۈچى،ئويلىمىغان نەتىجىلەر،ياۋروپاغا نېمە بولدى؟

بىرازىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپ رايۇنىدىكى قولۇم قوشنا،ھەقەم -سايىلىرى ھەممىسىلا دىگۈدەك گۇرۇپپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ،ئىنگىلانىدقىمۇ خوش دىسەك بولغىدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:19:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە بىلەن ئورۇگۋاي كۆزلىرىنى قىزارتقانچە بىر - بىرىگە يۇپۇرۇلۇپ كىلىدىغان بولدى ، قايسىسىنىڭ ئۇتىدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ ! بۇيىل قارىغاندا قارا تۇلپار بىر بىلگىيەلا ئەمەس ، يەنە كوستارىكا ۋە كولۇمبىيەمۇ قوشۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ ... ئالغا قارا تۇلپارلار ، زەردارلارنى داغدا قويۇپ لوڭقا كۆتۈرۈڭلار !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:19:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما لاتارىيەدىن خېلى پايدا بولدى ئىتالىيە ئۇتتۇرۇپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  كوزگە ئىلمىغان  چوماق پۇتنى يېرىپتۇ ،  دىگەن شۇدە   كىم ئويلىغان   بۇنى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:31:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلاد خەير خوش ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:43:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باروتېللىي ئېغىز جېڭى قىلىشقا كاللا سەرىپ قىلغۇچە. ئۆزىگە بېرىلگەن ياخشى پاسلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىشكە سەرىپ قلغان بولسا بۇنداق ئاقىۋەتكە قالمايىتتى. ئېسىت پېرلونىڭ شۇنداق چىرايلىق بەرگەن ئىككى قىتىملىق پاسنى چاقچاق قىلغاندەكلە ئىسپراپ قىلىۋەتتى بۇ قارا ئەۋلىيا. بوپتۇ بۇ ئۆزۈڭنىڭ شورى. بىراق ئۇراگىۋايغا چاقچاق قىلما.كاۋانىي بىلەن سۇۋارىس چاقچىقىڭنى كۆتەرمەيدۇ.بۇفىننى ئاياپ قويۇڭلار،پىرلونىڭ يۈزىنى سۆرىن قىلماڭلا .بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى. ئاخىرىقى قېتىم بىر كۈچەڭلا.2006-يىلى ئۈچۈن ئالغا رىم بۈركۈتلىرى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 11:59:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ بالاتولىنىڭ نەرىنى ئەتىۋالايدىغاندۇ دەيمەن، ئۇنىڭدىن قېرى بولسىمۇ دىناتالى مىڭ ياخشىتى. ئىسىت قىلىچتەك پاستىن ئىككىنى بىكار قىلىۋەتتى. ئىتالىيە كىيىنكى مەيداندىمۇ مۇشۇنداق ئوينىسا خەير خوش دىمەكتىن باشقا ئامال يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 12:05:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپاننى ئۇزۇتۇپلا تېخى ئۈلۈشكۈن ،
ئىنگىلاندنى ئاخشام يەنە يولغا سالدۇق  
ئىتالىيەنىڭ ھالى چاتاق ، ئەنسىز بۈگۈن
كېتەرمۇ دەپ چىدالمىدۇق غەمگە قالدۇق

پورتىگالمۇ ياسالمىسا ئامىرىكىنى ،
يوتقىنىنى يىغىشتۇرۇپ كېتىپ قالسۇن
ئۇتالمىسا ئۇراگىۋاي ئىتالىينى
سۇيارىزغا ئاياغمۇ يوق كېتىپ قالسۇن



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-21 12:49:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالاتولى بىر نەچچە توپنى ئىسراپ قىلىۋەتتى،ئىتالىيە مۇشۇنداق ئوينىسا ئىشى چاتاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-21 13:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش