تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1345|ئىنكاس: 41

لاتارىيەچىلەر ئېغىر زىيان تارتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 21:46  

56732_53363_802761.jpg

                                  ئىسپانىيەنى ئۇتىدۇ دەپ قارىغان لاتارىيەچىلەر ئېغىر زىيان تارتتى
                              

      ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ، دەسلەپتە گوللاندىيەگە ، كېيىن چىلىغا ئۇتتۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشقان ئىسپانىيە كوماندىسى دۇنيادا نۇرغۇن غۇلغۇلا قوزغىدى .چۈنكى بۇ چىمپىيۇن بولۇشتىكى ئالدىنقى كوماندا ئىدى ،بۇلار يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن بىرازىلىيەدە بىر نەچچە كۈن ساياھەت قىلىپ دۆلىتىگە قايتىدۇ ،ئىسپانىيە كوماندىسى ھەيران قالارلىق ھالدا شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن سانسىزلىغان لاتارىيەچىلەر ئېغىر زىيان تارتىپ كەتتى .باشقىسىنى قۇيايلى ،دۆلىتىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق ،گوللاندىيە بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە ،ئىسپانىيە كوماندىسنى يېڭىدۇ دەپ لاتارىيە ئالغانلار % 75 ،گوللاندىيەنى يېڭىدۇ دەپ تىككەنلەر %18 ئىكەن .چىلى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە % 86 كە يەتكەن .لاتارىيە ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا ،ئۇتتۇرا ھېساپ بىلەن %80 كىشىلەر ئىسپانىيەگە ، يۇقۇرسى نەچچە يۈز مىڭغىچە تىكىپ ئېغىر زىيان تارتقان .پەقەت %10 لاتارىيەچىلەر ئىسپانىيەنى گۇرۇپپىدا شاللىنىدۇ دەپ توغرا تاپقان .ئېھتىمال بۇلار ھەسسىلەپ تىككەن بولسا نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن !

       يىغىنچاقلىغاندا ،بۇ قېتىم ئىسپانىيە كوماندىسى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىنى ئوڭدا قۇيىۋەتتى ....ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە ،ئىسپانىيە كوماندىسى شاللىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى مېھمانخانا ،دۇكانغا ئاز دىگەندە 386 مىليون ياۋرو زىيان يەتكۈزدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن .يەنى كىشىلەرنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك ئىستىمال قىلىشى زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىدىكەن ...

56732_53360_239635.jpg
56732_53356_684030.jpg
56732_52979_990239.jpg
56732_52857_333887.jpg
56732_52868_236705.jpg

توپ تەپكۈچى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇشۇمچە قىلىپ تەسىرات سۆزلىگەچ ئولتۇراي ...
دۇنيا لوڭقىسىنى كەچلىكى 10 دىكى مۇسابىقىنى تۇلۇق كۆردۈم ،كېيىنكى 2 مەيداننى ئەتىسى ھىچقانداق خەۋەر كۆرمەي چۈشۈرۈپ كۆردۈم .( ئامېرىكا ،فىرانسىيەنىڭكىنى كۆرمىدىم ) ماڭا نىسبەتەن ھازىرغا قەدەر ئەڭ قىزىدى دەپ قارىغان مۇسابىقە بولسا ،ئېنگىلاند بىلەن ئىتالىيە ...يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئوينالدى ،بىرازىلىيە بىلەن مېكسىكا ، گەرچە توپ كىرمىسىمۇ ئالامەت مۇسابىقە بولدى ..چىلىمۇ راۋرۇس قىزىتىپ قويدى ..ئەڭ ئۇخلىتىپ قۇياي دىگەن قاشاڭ مۇسابىقە بولسا بىلگىيە بىلەن ئالجىرىيە ،كېيىنكى مەيداننىڭ ئاخىردا بىلگىيە ئازىراق بېسىپ ئوينىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ...ئارگېنتىنانىڭ مۇسابىقىسىمۇ ئانچە جەلىپ قىلارلىق ئەمەس ...كېيىن قانداق بۇلىدۇ نامەلۇم ..ئاسىيادىن كورىيە ياخشى ئويناپ قويدى ...بەدەن ۋىجىك توپچىلار مەيداننى خېلى كونتۇرۇل قىلىپ دارازا  رۇسىيەنى بېسىپ ئوينىدى ...ياپۇنىيەدە خوندا شەخسى تېخنىكىسىغا تايىنىپ بىر توپ ئۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا مەيداننى كوتىدىۋارغا تاشلاپ بېرىپ ئوتتۇرا مەيداندىن چىقالمىدى ..قارىۋايلار بوراندەك ئوينىۋەتتى ...ئىراننمۇ ئاساسەن مۇداپىئە ئويناپ كەتتى ...قىزىمىدى ...ئاۋىستىرالىيە 2-مەيداندا جان تىكىپ ئويناپ گوللاندىيەنى خېلى تەمتىرەتتى ...ئازىراق تەلەي ئامىلىمۇ كام ... بەزى كوماندىلار بەك كۈچلىنىپ كېتىپتۇ ....( شەخسى تەسىرات )
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭمۇ شۇنداق بەك زىيان قىلدى بۇ ئىسپان ، ھازىر ئويلىساممۇ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ ........
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ ياخشى مەن تىكمەپتىكەنمە
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىر قىلىڭلا    بۈ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كىرودىيە بىلەن گوللاندىيەگە جىقراق تىكىپ، ئىسپانىيەگە 1000 نى تىككەن… گۇرۇپتىن چىقىشقا كۈچەمدىكى دېسەم، قايتىشقا كۈچىگەن چېغىۋا… پەسىل ئاخىردىكى مادرىدتەك بولاپ كەتتى…
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە قىمارۋازلارنى ئومۇتسىزلىكدە قويدى
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  قىما دىگەن شۇندا نەرسە   .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داۋىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-19 23:13  

‏بىر ھېسابلاش فورمىلاسىغا سېلىپ بۇ يىل ئۇراگۋاي چىمپىيۇن دەپ چىقىرىپتۇ .
QQ图片20140619231455.jpg
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىما دىسە قىغاندىكىن تويە مانا !
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيالوۇقىسىدا ئويلىمىغان ئىشلا يۈزبەردىغۇ زادى
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن كەچتە  ئۇراگۋاي  يىڭۋالدىغاندەكلا
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ 1000 نى ئۇتتۇم ، بىراق لاتارىيە خانا  بىركۇن يىڭىلانماي مۇنبەر پۇلى يوق ، ئىككى مۇسابىقىگە تىكەلمىدىم ، بەك زىيان ئۇدۇڭلار ئىشقىلىپ............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-23 21:50 , Processed in 0.115140 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش