akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2638|ئىنكاس: 62

بىز 4 يىلدا بىر ئاي ئۇخلىمايمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 19:47  

                        بىز 4يىلدا بىر ئاي ئۇخلىمايمىز

‏(ھەر قىتىملىق دۇنيا پۇتبۇل لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۋاتقان پۇتبۇل مەستانىلىرىگە ھەيران بولغانلارغا)

‏‏‏ئىلاۋە-
          ‏شۇنداق، بىزگە ئوخشاش 4يىلدا 1ئاي ئۇخلىمايدىغان ئەسەبىي پۇتبۇل مەستانىلىرىنىڭ ئۇيقۇسىز تۈنلىرى 4يىللىق سىغىنىپ، زارىقىپ كۈتۈشلەردىن كىيىن يەنە يىتىپ كەلدى. ‏ئارامىنى بۇزغانلىقىمىز تۈپەيلى بىزگە ئاچچىقلايدىغانلارغا، ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىشىپ خۇدىمىزنى بىلمىگەنلىرىمىزدە (تۆۋە) دەپ ياقىسىنى چىشلىگەنلەرگە، خۇددى ئۇزۇن يىللىق قەدىناسىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەردەك ئۈمچىيىشلىرىمىزگە، قەھرى-غەزىپىمىز بىلەن كىملەرنىدۇ، نىمىلەرنىدۇ قوشۇپ تىللاپ كىتىپ بارغان ھالىمىزغا قاراپ تۇرۇپ قالغانلارغا بىز پۇتبۇل مەستانىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بايانى چۈشەنچە ئورنىدا بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

IMG_2157.JPG


‏                         بىز شۇنىڭ ئۈچۈن....

‏دۇنيا لوڭقىسى ھەر 4يىلدا بىر قىتىم ئۆتكۈزلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ كۈنلەرنى شۇنچە زور تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.
‏پۈتۈن دۇنيادىكى 6مېلىيارد نوپۇس شۇنداقلا 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇندىن ئۈشبۇ كاتتا مەرىكىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشەلەيدىغىنى 32دۆلەتدىن كەلگەن ئارانلا 736 ماھىر خالاس.
‏شۇڭا بىز بۇ كۈندە ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ، تەبرىكلەيمىز.

‏4يىل دىگەن ئاز ۋاقىت ئەمەس. بولۇپمۇ پۇتبۇل تەنھەركەتىگە ئوخشاش قىرانلىقنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىدىغان بۇ ئەركەكلەر تىركىشىشىدە  ئۆزىمىز بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ بولالىغانلىقىدىن خۇشاللىقىمىزدا ھاياجانلانساق، بىز بولىشىنى شۇنچە ئارزۇ قىلغانلارنىڭ  ھەرخىل سەۋەپ تۈپەيلىدىن (يارلىنىش، يىشى چوڭيىپ قىلىش، دۆلىتى بىلەن بىرگە تاللىنىلماي قىلىش....) بۇ مەرىكىدە بولالماسلىقىدىن ھەرخىل شەكىلدە قاتتىق قايغۇرىمىز.
‏بىز شۇنىڭ ئۈچۈن  1464 كۈن تەييارلىق قىلىنغان بۇ مەرىكىگە 30كۈنلۈك كىچىلىك ئۇيقىمىزنى تەقدىم ئىتىمىز.

‏دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقسىنى قايسى دۆلەت، قاچان، قەيەردە، قايسى ۋاقىتتا ئۆتكۈزىدۇ دىگەنلەرنى، دۇنيا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى(FIFA) تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇپ 4يىل ئاۋال بەلگىلىگەن بولىدۇ.
‏شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ كاتتا مەرىكىنى ئۆزىمىز خالىغان دۆلەتدە، بىزگە قولاي ۋاقىتلاردا كۆرەلمەيمىز.

‏بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقى ئۈچۈن يىغىلغان 32دۆلەت تەركىۋىدە دۆلىتىمىز جۇڭگۇ يوق.
‏بىز شۇنىڭ ئۈچۈن، گەرچە جۇڭگۇلۇق بولساقمۇ بەزىمىز بىرازىلىيەگە، بەزىلىرىمىز ئارگېنتىناغا، يەنە بەزىلىرىمىز ئېسپانىيەگە ھۇررا توۋلايمىز.

8ae73698e3b4d7e7682069dde434577c.png 7795378bcca11a0f335ebc68f331f3b0.png

                4يىلدا 1ئاي ئۇخلىمىساق نىمە بوپتۇ؟  

‏‏
‏4يىللىق جاپالىق تىرىشىشلارنىڭ نەتىجىسى مانا مۇشۇ 30كۈندە چىقىدۇ. يىڭىش-يىڭىلىشدىن كىيىنكى، كىشىنى ئاجايىپ-غارايىپ ھىس-تۇيغۇلارغا چۈمدۈرىدىغان بۇنداق دەقىقىلەر ئۈچۈن بىز 1ئاي ئۇخلىمىساق نىمە بوپتۇ؟.
‏‏‏
‏بۇ 1ئاي بىز پۇتبۇل مەستانىلىرى ئۈچۈن شۇنداق مۇھىم ئىكەنكى، كىچىنىڭ شىرىن ئۇيقىسىدىن، ئەتىدىكى جاھاننىڭ تىرىكچىلكىدىن، ئۆي ئىچى-خۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ئارامىدىن، باشقىلار ئالدىدىكى چوڭ سۈپەت ئوبرازىمىزدىن،  ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋىقىمىزنىڭ يىغىسىدىن، ئوقۇتقچىمىزنىڭ تاپا-تەنىسىدىن.......
‏ئىشقىلىپ ئۆزىمىزدىنمۇ موھىم مۇشۇنداق دەملەرە 1ئاي ئۇخلىمىساق نىمە بوپتۇ؟.

‏پۈتۈن دۇنيادىكى 5قىتئە، 200دىن كۆپ دۆلەت ۋە رايۇنلارغا ۋاكالىتەن يىشىل جەڭگاھدا  بىر-بىرلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشكە كەلگەن ماھىرلارنىڭ «ئىس-تۈتەكسىز، قىلىچ-توقماقسىز»قىلغان جەڭلىرىگە شاھىد بولماق ئۈچۈن 4يىلدا 1ئاي ئۇخلىمىساق نىمە بوپتۇ؟.

‏90مىنۇتلۇق شۇ جەڭلەردە ئۆز دۆلىتىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ، يەنە شۇ تەرەققىدە ئۆزلىرىنىڭ رىۋايىتىنى تارىخ بىتىگە يازغۇچى قەھرىمانلارنىڭ جەڭنامىسگە گۇۋاھ بولماق ئۈچۈن 4يىلدا 1ئاي ئۇخلىمىساق نىمە بوپتۇ؟.

‏غالىپ كەلگۈچى ئەزىمەتنىڭ مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، شىردەك ھۆركىرەپ تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزقەۋمىنىڭ ھەقىقى غالىب كەلگۈچىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىۋاتقان، دەخلىسىز پەيتلەرنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمەك بولۇپ 4يىلدا 1ئاي ئۇخلىمىساق نىمە بوپتۇ؟.

‏تىرىقنىڭ ئۇرىغىدەك چىچىلىپ كەتكەن قان-قىرىنداشلىرىمىز بىلەن، تونۇشىدىغان-تونۇشمايدىغان ئۆز قىرىنداشلىرىمىز بىلەن، ۋەتەن سىرتىدا ۋەتەنسىزلىك دەردىدە يۈرىكى پۇچىلنىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز بىلەن ئەڭ ئاخىرقى جەڭنى كۆرمەك ئۈچۈن يىغىلغان بۇنداق ۋاقىتلاردا 4يىلدا 1ئاي ئۇخلىمىساق نىمە بوپتۇ؟.
‏(كىچىدىن بىرى ئۆزى ۋەتەن سىرتىدا بولسىمۇ، پۇتبۇل ئىشتىياقى ئۈچۈن مەن بىلەن سىردىشىپ چىققان دوستۇم نىھالغا كۆپ رەھمتىمنى بىلدۈرىمەن).

2202_102145_718962.jpg 68741918188848035.jpg 2734810873737747370.jpg Img399948808.jpg

                   بىز ھەقلىق بىز...

‏بىز كۈتكەن شۇ دەملەرنى دەپ 4يىل ساقلىدۇق.  1ئايلىق شىرىن ئۇيقىمىزدىن ۋاز كەچتۇق. شۇڭا بىز كۈتكەن ۋاقىتلار كەلگىنىدە ئەسەبىيلەرچە تەنتەنە قىلىشقا ھەقلىق بىز.

‏ئۆزىمىز ئۇتۇقىنى،غەلبىسىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان قوشۇننىڭ غەلبىسىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن تالاي مەغلۇبىيەتلەرگە ئىغىر سۈكۈتلەردە بولغان بىز. شۇڭا بىز پەيتى كەلگەندە ھەممىنى ئۇنتۇپ تەنتەنە قىلىشقا ھەقلىق بىز.

‏4يىلدا بولىدىغان ئۆزگۈرۈش بەكلا چوڭ. بولۇپمۇ ھەرقانداقلىكى بىر پۇتبۇلچىغا نىسبەتەن ھەر قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى،كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ
‏شۇڭا بىز كىلەركىگە پۇرسەتنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلمەيدىغان «قەھرىمانلار ئۇچىرشىشى»دا ئەس-يادىمىزنى شۇنڭغا بىرىشكە ھەقلىق بىز.

001372acd6f3115b51df0b.jpg 240403-1404300K20283.jpg

          چىن دىلدىن سورالغان كەچۈرۈم- كىچىك بالىنىڭ ئۆزىغۇ بىز

2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبۇل لوڭقىسى باشلانىغىنىغا مانا بىردەمدە 4كۈن بولۇپ قالدى. بۇجەرياندا، بىز پۇتبۇل مەستانىلىرى ئۆزىمىزنىڭ ئەسەبىيانلارچە قىزغىنلىقمىز تۈپەيلى، بەزىلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ، ئائىلىدىكىلەرمىزنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ قويغان بولساق، يەنە بەزىلىرىمىز بولساق مۇسابىقە كۆرمەك ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ۋەدىلىرىمىزنى، كىلىشىشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ راسلا ياخشى قىلمىدۇق. شۇ ۋەجىدىن پۇتبۇلنى چۈشەنمەيدىغان، كۆرمەيدىغانلاردىن، چۈشەنمىسىمۇ قوللاپ-قۇۋەتلەپ بەرگەن ھەرقايسڭلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز.
ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكلىرى بولغان ئاتا-ئانىلىرىمىز، سىلەرنىڭ ھالڭلارنى قويۇپ زىھنىمىز مۇسابىقەدە بولۇپ قالدى. بىزلەردىن ئۆزۈر بولسۇن.
ئائىلىمىزنىڭ مىننەتسىز جاپاكەش خانىم-قىزلىرىمىز، بۇ 1ئاي سىلەرگە مىھرىمىز تولۇق بىرەلمىدۇق. بىزدەك قىلىقى كىچكلەردىن سىلەرگە ئۆزۈر بولسۇن.
كىشىلىك تۇرمۇشمىزىمىزدىكى بارلىق دوسىت-بۇرادەر، تونۇش-بىلىش، ئەل-ئاغىنلەر سىلەرگىمۇ ھەم بىز پۇتبۇل مەستانلىرىدىن سەمىمى ئۆزۈر بولسۇن. دىيشكەن يەرگە بارالمىدۇق، ۋەدىمىزنى كىيىنگە قويۇپ قالدۇق، شۇ ۋەجىدىن دىلڭلارنى چىگىپ قويدۇق.

بىزنى كەچۈرۈڭلار. چۈنكى بىز بۇ 1ئاي قىلىقى ئوماق كىچىك بالىلار بىز.

20121231621302560.jpg

خاتىمە
ئۈشبۇ يازمام مۇناسىۋىتى بىلەن،  بىز مەستانىلەر بۇ سورۇندا بولىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان بولساقمۇ لىكن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى  بۇيىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان بارلىق پۇتبۇلچىلارنى ئەسلەيمىز ۋە سەمىمى ھال سورايمىز.
بۇلاردىن ۋەكىل خاراكتىرلىكلەر: رونالدىنھو، كاكا، ئىبراھىموۋىچ، ۋالدىس، رىئۇس، ۋالكوت، فالكاۋ، بىل، مونتىلۋۇ، ئاردا.تۇران، رىبىرى، ناسىرى، نىگىرىدۇ، گىگىس، پۇيۇل، تىياگو، زانتى، توتتى، تىۋىز...... قاتارلىقلار. (ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئىسمى ئاتالماي قالغان نۇرغۇن پۇتبۇلچىلار بار ئەلۋەتتە).
بۇلارنىڭ بەزىلىرى يىشىنىڭ چوڭىيىپ قىلىشىغا ئەگىشىپ تىرىنرلارنىڭ تاللىشىدىن مەھرۇم قالغان بولسا، بەزىلىرى يارلىنىش تۈپەيلى بۇ سورۇندىن بۇرۇنلا خوشلاشتى. يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەڭگە كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇپ-تىشىپ تۇرغان بولسىمۇ،دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى بۇنداق كۈچلۈك رىقابەتدە شاللىنىپ قالغانلىقى تۈپەيلى بۇ سورۇندىن ئەلەمدە خوشلاشقا بولدى.
گەرچە بۇلار ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى بۇ مەرىكىگە قاتنىشالمىغان بولسۇن، بىز مەستانىلەر يۈكسەك ھۆرمەتتە يۇقارقىلارنى ئەسلەيمىز.
سىلەرگە ھۆرمەت!


ئاخرىدا، كىچىدىن بىرى مەندىن پۇتبۇل توغۇرلۇق  تولا سۇئال سوراپ، بۇ تىمىنى يىزىشىمغا ئاساس بولغان ئاشۇ دوستۇمغا رەھمەت ئىيتىمەن ۋە بۇ تىمىنى شۇنڭغا بىغىشلايمەن.


پەرۋەر
2014-يىلى17-سەپەر


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 12مۇنبەر پۇلى +592 تۆھپە +3 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
نىدا + 50 قالتىس!
سىرداش + 100 قالتىس!
چوكىنات + 70 قالتىس!
ماھىرچاق + 20 قالتىس!
missi2 + 50 ھەقىقەتەن شۇنداق
turk222 + 50 + 3 قالتىس!
باقاۋۇل + 50 + 3 قالتىس!
missi0998 + 50 قالتىس!
سەبرى22 + 50 قالتىس!
كەمپۈت + 2 ئالە مانى ساقايماس...
خەپشۈك + 50 قالتىس!
سەۋدايى + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 20:14:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىنى دەپ بىر ئاي رۇزا تۇتۇشنى ئونۇتمايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 19:46:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇبىر ئاي ئۇخلىماسلىق پۇتبولنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن قەدىرلىك ،ياختۇرمايدىغانلارئۈچۈن بولسا قەدىرسىز ئۇنۇڭ ھوزورىنى بولسا ئۆزىمىز بىلمىزا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
بارچۇق + 100 قالتىس! توغرا

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 19:30:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى تۇلۇق ئۇقۇپ ئىزىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم مانا بۇ مىنىڭ بۇ تىمىغا قارتا يازماقچى بولغان ئىنكاسىم............!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 19:30:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن  نادىر تېما                    پۇتبول كۈرمەيدىغانلا مەڭگۇ چۇشەنمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 19:34:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن قىرىندىشىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 19:37:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋىتىڭلە ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن ئادېش.يەنە بىر ئىجادى نادىر تېما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 19:55:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا پۇتپۇل كۆرمىگەنلەر چۇشەنمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 20:01:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا پۇتبۇل مەستانىلىردىن باشقا ھەممىسى چۇشەنمەيدۇ  ، ھەقلىق 1 ئاي ئەمەس يەنە خىلى ۋاقىت ئۇخلىمىساقمۇ ھەقلىق قىززىقىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 20:04:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىقلار ماڭا بىرازىليە بىلەن مادرىدنىڭ مىدالىدىن بەرگەن بولساڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 20:04:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭگە ۋە قەلىمىڭگە بارىكاللا !!~ ئېسىل تېمىلىرىڭ ئۈزۈلمىسۇن پەرۋەرجان ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 20:16:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قانغۇچە ئۇخلايمەن.... ماڭا بۇنىڭدىنمۇ تاتلىق، بۇنىڭدىنمۇ راھەت، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىم .ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك بولغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش