تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1103|ئىنكاس: 53

دۇنيا لوڭقىسىنى ئۇيغۇرچە بىۋاستە تارقىتىش خىزمىتى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە كىنو - تېلېۋىزىيە ، تىياتىر قانىلى (يەنىXJTV5 )مۇناسىۋەتلىك  رەھبەرلەر ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپلىگەن تىرىشچانلىقى بىلەن 2014- يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى  نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇتۇقلۇق ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا مۇسابىقىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا سەپتىكى خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى شۇنداقلا بارلىق بىۋاستە تارقىتىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەخسۇس سەھىپىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ !  بۇ يەرنى چېكىپسۆز قالدۇرۇپ سوئاللىرىڭىزنى سورىسىڭىز بولىدۇ .

مەيلى مۇسابىقىنى بىۋاستە كۆرستىش ياكى تارقىتىش خىزمىتى ۋە مۇسابىقە ھەققىدە سوئاللىرىڭىز بولسا http://www.qimbulak.cn/2014/word.asp بۇ يەرگە سۆز قالدۇرسىڭىز ياكى ئېنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بولىدۇ !

بىۋاستە تارقىتىش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق ھەر مەيدان مۇسابىقىنى ئۇيغۇرچە كۆرىشىڭىز ئۈچۈن 70 كە يىقىن خىزمەتچى خادىم ئەجىر قىلىدۇ ، ئۈمىدىم شۇ ، بولسا ئېلمىي ۋە توغرا بولغان پوزىتسىيە بىلەن ئەتراپلىق سوئاللارنى سورىسىڭىز ياكى تەكلىپ بەرسىڭىز !
بىۋاستە تارقىتىش خىزمىتىدىكى مىھنەتكەشلەر
mihnatkaxlar.jpg

IMG_1797.JPG
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ياخشى بولۇۋاتىدۇ...چۈشەندۈرگۈچىلەرمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشى چۈشەندۈرۋاتىدۇ،بىراق مەنە يەنە ئازراق ھاياجان كەمچىل،ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا چۈشەندۈرسە...يەنە بىرسى بىر كۈندە پەقەت بىرلا مۇسابىقىنى بىرىدىكەن، يىرىم كىچىدىكى مۇسابىقىلەرنىمۇ بەرسە ياخشى بولاتتى...جاپا چەكتىڭلار، رەھمەت سىلەرگە...
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جاپا تارترىڭلا   ھارمىغايسىلە
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىنى تارقاتقاندا كېيىن ئېسپن نىڭ سۈزۈك تارقىتىش ھۇقۇقىغا ئېرىشتۇق دەپ سۈزۈك ۋە نەخ مەيدان ئاۋازلىرى بىلەن تارقاتقان… بۇ قېتىم تېخى ئېرىشەلمىدىمۇ يا ؟ مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭلا تارقىتىش ھۇقۇقى بارمىكەن ؟ سەل سۈزۈك چىقسا بولاتتى…
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز تىلىمىزدا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى تارقىتىش ۋە چۈشەندۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان جاپاكەشلەرگە ئاپىرىن !!~
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Putbolqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 12:39  

ئاپىرىن  مۇشۇ ئۆزتىلىدا قۇيۇپ بەرسە ئۇنى ياراتماي خامسەي تىلىدا كۆرگەن گوروزلار غىمۇ ئاپرىن
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن بۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق خىزمەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

تەلىپىم: چىمبۇلاق تورىدىكى مەخسۇس بېتڭلاردا مەزمۇن سەل كامچىل ئىكەن، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئېستانسىسى بىلەن ھەمكارلاشقان بولغانكەن مەزمۇنلارنىڭ سەرخىللىقى ۋە يېڭىلىنىشىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولساڭلا!
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چەكتىڭلار رەھمەت ،
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى  بۇلىۋاتىدۇ  لېكىن  كۇندە  پەقەت  بىر  مەيدانلا  كۇرۇپ  قېلىۋاتىمىز   كېچىدە  بېرىدىغان  مۇسابىقىلەرنى  تارقاتقەن  بولسا  ئىسىل  ئىش  بولىتى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سەمىمى تەكلىبىم :
مۇسابىقە چۈشەندۈرۈش جەريانىدا چۈشەندۈرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان يەرلەرنى بەك ئەزۋەيلەپ چۈشەندۈرۈشكە تىگىشلىك جايلار بوش قېلىۋاتىدۇ،،،
قايىسى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە توپ ۋاراتارنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولسىمۇ چۈشەندۈرگىچىلىرىمىز يەنىلا شۇيەرنىڭ كۆلىمى،ھاۋا شارائىتى،جۇغراپىيىلىك ئورنى،ۋە بىرمۇنچە قۇرۇق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ۋاقتنى ئۆتكۈزۈپ ھاياجان تۈسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى.
بۇ خۇددى كىشىلەرگە سىياسەتتىن ياكى جۇغراپىيەدىن دەرىس ئۈتىۋاتقان زىرىكىشلىك سىنىپتەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قۇيىدىكەن.
توپچىلارنىڭ ئىسمى ياكى باشقا جەھەتتىن خاتالىقلار كۈرۈلسە ئۇنى توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ چۈنكى ئۇلارمۇ ئىنسان ھەممىنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ۋاقتى كەلسە بىزنىڭ قۇلىمىزدىنمۇ كەلمەيدۇ.ھەممىنى دەپتەرگە قاراپ سۆزلىسە خۇددى تېكىس يادىلاۋاتقاندەك بۇلۇپ قالىدىكەن.
شۇڭىلاشقا جەمىيەتتىنمۇ ياكى نۇپۇزلۇق پۇتبول تورى بولغان بىزنىڭ مۇنبەردىمۇ ،جەمىيەتتىنن ئۇچۇق ئاشكارە تەكلىپ قىلىپ بولسا ماتىريالغا ئازىراق قارايدىغان ئىشنى قىلساق،،شۇ ۋاقتنىڭ ئۈزنىدىكى مۇسابىقىدە باشقا سانلىق ئۇچۇرلار ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان سۆزلەرنى ئازىراق قىلىپ ماھىرلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ھاياجان ئاتا قىلغان بولسا ناھايىتى ياخشى بۇلاتتى،

ئاخشام دۇنيادىكى ئىشلاردا دۇنيا لوڭقسىنى ئازىراق چۈشەندۈرگەن ئىدى..شۇ رىياسەتچىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بەكلا ياقتى ئۇيغۇرچە شۇنداق كۈچلۈك ئۇرغۇدا ھاياجاندا ۋارقىراپتى چەتئەلنىڭكى يادىمغا كەلدى،،ھە راس ھېلىقى يېشى كىچىگەرەك ئۇيغۇر بالا بەك ياخشى چۈشەندۈرۈدىكەن،

بۇ پەقەت سەمىمى تەكلىپ توغرا چۈشىنىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن، پۇتبولخۇمارلارنى ئويۇنچىلار دەپ قارىماستىن شۇنچە كۆپ زېھنى كۈچ، ئادەم كۈچى ۋە ماددى كۈچ چىقارغىنىڭلارغا رەھمەت!
ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى ھېس قىلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىمىز زاماننىڭ تەرەققىياتى ئاستىدا…
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئۈچۈن بىرلا مەيداننى تارقىتىپ كەينىدىكى مۇسابىقىلەرنى تارقاتمايدۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-20 20:14 , Processed in 0.109258 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش