elan ornielan orni
كۆرۈش: 3311|ئىنكاس: 231

گېرمانىيە vs پورتۇگالىيە (Gگۇرۇپپا)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 11:05  

   9UTHERSV5O2H0005.jpg                                                                     

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  

تۈنۈگۈن ئاخشام ، يەنى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت ( 22:00 ) دە ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى G گۇرۇپپىسىدا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى...

مۇسابىقە باشتىن - ئاخىرى شۇنداق كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ،10مىنۇت بولغان ۋاقىتتا پورتۇگالىيە كوماندىسى بېكى پېرىرا گىرمانىيە كوماندا ماھىرى گوتزىغا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن گىرمانىيە كوماندىسىغا نۇقتا توپ قويۇپ بەردى ، بۇ توپنى توماس موللىر كىرگۈزۈپ ۋاقتىنچە بىر توپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى، پورتۇگالىيە كوماندىسىمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ پۇرسەت تۇتالمىدى ، 32مىنۇت بولغاندا گىرمانىيە كوماندىسىغا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتى كەلگەن بولۇپ ، بۇ توپنى گىرمانىيە مۇداپىيەچىسى خۇممېلىس ناھايىتى چىرايلىق ئۈسسۈپ كىرگۈزۈپ نەتىجە 2-0 گە ئۆزگەردى ، مۇسابىقە جەريانىدا پورتۇگالىيە مۇداپىيەچىسى پىپى قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسى موللېرغا قاتتىق ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن رىپىر قىزىل كارتا بەردى . پورتۇگالىيە 10 ئادەم قالغان بولسىمۇ بوشاشماي ھۇجۇم قىلدى ، ئەمما گېرمانىيە مۇداپىيەسىنى  بۆسۈپ ئۆتەلمىدى، ئالدىنقى مەيداننىڭ قوشۇپ بىرىلگەن باسقۇچىدا گېرمانىيە كۈچلۈك  ھۇجۇم قوزغاپ توماس موللىر يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجە 3-0 گە ئۆزگەردى .

كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقە تىخىمۇ ئەۋجىگە چېقتى ، 75مىنۇت بولغاندا گىرمانىيە توپچىسى شۈرلى ۋارتارغا توپ تەپتى ، قايتىقان توپنى يەنە شۇ توماس موللىر كىرگۈزۈپ قالپاق كېيدى ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئىككى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ توپ چۈشمەي نەتىجە 4-0 ئاخىرلاشتى ، گىرمانىيە كوماندىسى كىرىستىيانو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسىنى چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن قىرغىن قىلدى..

مۇسابىقە جەۋھىرى :



9UTED55C5O2H0005.jpg
9UTED4NI5O2H0005.jpg
9UTDG1035O2H0005.jpg
9UTJJVFV5O2H0005.jpg
9UTIG93U5O2H0005.jpg
9UTIG8QC5O2H0005.jpg
9UTIMMI65O2H0005.jpg
9UTF75945O2H0005.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-17 16:51:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى يېڭى كەلداخۇنلار پەيدا بۇلۇپ قاپتىغۇ ئاتايىتەن دىۋالغىلى ئىچىنى بۇشتىۋالغىلى نۇمۇر ئالدىدە بۇ باللا   ئۇزۇنغا قالماي مۇشۇ باللىنىڭ ئاغزىنى بىر ئىتىدۇ ، مۇنبەردىن يۇقاپلا كىتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 15:11:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 14:42
شۇ ئەمەسمۇ مىسسىنى بۇيىدا قاپتۇ تۇغىدىكەن،باج ئوغۇرل ...

توغرا دەيسىز،رونالدو توپ سولىسا ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتىرۋېتىدىغان رونالدو مەستانىللىرى ئەمدى بانا تېپىپ ئاقلاش بىلەن ئاۋە،ۋاي پاسچىسى يوقەي،بىر نىنىسى يوقەي،بەرىبىر ئامال يوق بانا تېپىش كېرەك.دېمىسىمۇ تايىنلىقكەنغۇ ئاخشام كۆردۇق ئەنە ئالدىنقى نۆۋەتلىك پۇتبول ئەپەندىسىنىڭ ھالىنى.ئەمدى ئاستا قايتىپ يارىسىنى داۋالاتسا ياخشى مەنچە.بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر نۇمۇسقا قالمىسا بولاتتى دەپ ئەنسىرەيمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
بىرازىلىيە + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 14:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى توپ ئۇردى رونالدو ئۇرالمىدى دەپ ئۆز ھىسياتىغا تايىنىپ كالىنىڭ پىشمىغان يىرىدەك گەپ قىلىدىغان ئادەملە با جۇمۇ. مىسسى چۈشكەن كوماندا قايسى كوماندا؟ رونالدۇچۇ؟ گىرماننىڭ بىكلىرى بىلەن بوسىنىيەنىڭ بىكلىرى ئاسمان زىمىن پەرىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارگىنتىنا 4نى يىمىگەن گىرمان ئەمەس ئاۋۇ.2010نى ئۇنتۇپ قالمايلى. مارادونا بىلەن مىسسىنىڭ چىرايىدا قان يوق ئافرىقىدىن ئايرىلغان كۆرۈنىشى ھىلىمۇ ئىسىمدە. بۇ يەردە يەنە شۇ ئىككىسىنى سىلۇشتۇرۇپ.رونالدو ياخشى ئوينىيالمىدى،ئانداق،مانداق دەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. گىرمان كۈشلۈك كەلدى. يالغۇز رونالدو ئەمەس پورتۇگالىيە كوماندىسى ئومۇميۈزلۈك ناچار ئوينىدى. ماسلىشىش يوق.جىددىيلىشىش با. پىپىغا ئوخشاش ئۆزىنى بىلمەيدىغان ئاقسالا با. شۇڭا ئۇتتۇردى. ئۇتتۇرغىنى ھەق. قىلچە سو يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 15:02:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 14:12
2010 ئارگىنتىنانىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرەلمىدۇق ھە شۇ چاغدا ئ ...

ئارگىنتىنا سىلەرنىڭ قىساسنى قۇشۇپ ئېلىۋەتسۇن.رونالدو كېرەككە كەممىدى،ئەسلى كۇسارنىڭ ئېلانىغا چىقىمەن دىمەي ئوبدانراق مەشىق قىلغان بولسا بۈگۈب بۇنداق بىچارە ئۇتتۇرۋەتمەستى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 14:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل مادرىدنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن، مۇنبەردىكى بەيرىن ۋە بارسىلونا مەستانىلىرى يوقاپ كىتىپ، مۇنبەر 1ئايغا يىقىن مادرىد مەستانىلىرىغا ئوڭچە قالغان، مانا پورتۇگال ئۇتتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كىلىشىگە ياخشى باھانە بولدى. بوپتۇ ھەي، مۇشتاق جاھان بۇ، مەن گەرچە رونالدو ۋە پورتۇگالنى قوللىساممۇ، دۆلەت كوماندىلىرى ئىچىدە تۈركىيەدىن باشقىسىغا ئۆزۈمنى ئۇپىرىتىشنى خالىمايمەن. بۇ مۇسابىقىدە پورتۇگالنىڭ ئۇتتۇرىشى %90كە يىقىنلىشاتتى. بىراق نومۇر پەرقى مىسمىس مەستانىلىرىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىققىنى بوپ بەردى دە. بوپتۇ پورتۇگال مەستائىلىرى، سىلىمۇ بىر مەزگىل مۇنبەرنى تاشلاپ بىرىپ، باغ ئايلانغاندا قايتىپ كەلسەڭلەر بولمىدىمۇ. ئۇلار ئۈچۈن مۇنبەرداشلار بىلەن تالىشىشنىڭ ئورنى يوق. سىلەر توغرا نىيەتتە، ئىلمىي مۇنازىرىلىشىشنى ئىستىسەڭلەرمۇ، ئوتتۇرىدا بەزەن ‹يولداش›لار ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سىلىپ، گەپنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 11:46:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو ئۆزىنى ئايىدى                   ۋاي ما گەپكە نەرىمدە كۈلەي ئەمدى .            ئۇ ئۆزىنى 2018 يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئاياۋاتقان ئوخشىمامدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 12:06:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلدى ماۋۇ تۇرقۇمدا مۇنبەردىكى بىرەرسىگە ئېگىز پەس پاراڭ قىلىپ ئازار بىرىپ قۇيدىغان ئۇخشايمەن كۇڭلۇم بەكلام يىرىم بىرسى بىلەن ئۇرۇشقۇم كىلىپلام تۇرىدۇ تۇغرا چۇشۇنۇڭلار بۇگۇنچە باشقا ئىش قىلىپ كەيپىياتىمنى تەڭشەپ بۇ مۇسابىقىنى ئۇنتۇشقا تىرىشاي سىلەرمۇ رۇنالدۇ تۇغۇرلۇق ئارتۇق پاراڭ قىلمىساڭلار خاپوماي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 17:55:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
messijan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 15:02
ئارگىنتىنا سىلەرنىڭ قىساسنى قۇشۇپ ئېلىۋەتسۇن.رونالد ...

ھەي زۇۋانىڭغا ئەگەرگىرمانىغا ئارگىنتىنا ئۇچۇراپ قاسىمۇ ئاھامىلدار مىسسىمۇ يەيتى 5-6نى 2010مۇ 4توپ يىگەن مۇشۇ مىسسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 17:48:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمان مەستانىلىرى  جىم  تۇرسا،ماۋۇ  بىرنەچچە  كوماندىسىنىڭ  تايىنى  يوق  مەستانىلەر بۇلبۇل كەبى  سايراپ  كېتىپتىغۇ.   ئاڭلىسام گىرمانىيەنى  دۇنيالوڭقىسىدىن كېيىن گىرمانىيە مۇشۇ بىرەسمى ،غەيرى مەستانىلىرىغا  بىرە  كىلودىن  گۆش تارقىتىدۇ  دەيدۇ شۇنى  ئاڭلاپ  قالغان  چېغى با......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:39:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ دەلتە پى پالۋان نىڭ كىسىلى يانا ئوڭشالماپتۇ دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:40:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتتىرشىنىغۇ بىلەتتىم....رونالدو بىرە توپ ئۇرۇپ قويسا بولاتتى دىسەم~~~~~~~~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:41:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدىگلۇك ئەمدى توپدىگەن يۇملاق بولغاندىكىن ئاماليوقتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:42:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەڭ دىسە شۇمدامۇ يەمدۇ  2012 دىكى پۇرتگال شۇغۇ ئىشەنگۇم كەمەيۋاتدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:46:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى مەيداندا گىرمانىيىنىڭ بىر قانچە ناھاييىتى چىرايلىق توپلىرى كىرمىدى،ئۆزىل تەپكەن توپمۇ شۇ،بۇلۇپمۇ ئالدىنقى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن بولماي پورتىگالنىڭ ئادەمسىز ۋارتارىغا يىراقتىن ئۇرۇلغان توپ.كىيىنكى يېرىم مەيدان گىرمان ئالدىنقى مەيداندىكىدەك ھۇجۇمغا ئۇنچە بەك كۈچەپ كەتمىدى.گىرمان ئىنساپ قىپ قالدى،يامان يېرى پورتىگالىيىنىڭ يامان توپچىللىرى چاتاق بولدى ئەمەسمۇ.ئەمدى گوروپپىدىن چىقىشىغىمۇ بىر نىمە دىمەك تەس.شۇنداق قىلىپ ئاخشام لاتارىيىدىن يەنە زىيان بولدىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:47:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پورتۇگالىيە توپچىلېرىنىڭ گېرمانىيەدىن ھەددىدىن زىيادە قورقۇش كېسىلى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن يېڭىلىشىگە سەۋەپ بولدى. شۇنداقمۇ تەمتىرەپ ئوينىغان بارمۇ؟ پاس بېرىدىغان چاغدا بەرمەي، ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغان توپنى پاس بېرىپ دىگەندەك... ئىشقىلىپ مۇسابىقە جەريانىدا رونالدوغا بىرەر ئۆلچەملىك ئۇزۇن پاس تاشلاپ بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:47:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پورتۇگالىيە توپچىلېرىنىڭ گېرمانىيەدىن ھەددىدىن زىيادە قورقۇش كېسىلى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن يېڭىلىشىگە سەۋەپ بولدى. شۇنداقمۇ تەمتىرەپ ئوينىغان بارمۇ؟ پاس بېرىدىغان چاغدا بەرمەي، ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغان توپنى پاس بېرىپ دىگەندەك... ئىشقىلىپ مۇسابىقە جەريانىدا رونالدوغا بىرەر ئۆلچەملىك ئۇزۇن پاس تاشلاپ بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:49:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزۈك قىززىمىدى بۇ مۇسابىقە، پورتۇگال تەرەپ بەكلا بوشاڭ ئوينىدى، لىف بايرىننىڭ سەپ شەكلىدىن تارتىپ كۆچۈرۈپ ئەكەپتۇ، تازا مەززىسى قويماپتۇ گېرمانيەنىڭ…
پورتۇگال تەرەپ بەكلا جانسىز ئوينىدى، 10 مىنۇتتىلا توپ كەتكۈزۈپ، پې پى قىزىل كارتا بىلەن چۈشۈپ كەتتى، ئالمىدا بىلەن كوئىنتىراۋ يارلاندى، رونالدو ئۆزىنى ئايىدى دېسە تېخى ، مەيداندا تۈزۈك كۆرگۈلىمۇ بولمىدى، كېيىنكى مەيدان سەل كۆزگە چېلىقتى، ئىش قىلىپ پورتىگاليە ئۇتتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ چىقىپتىكەن، پورتۇگال تەرەپتىن نانى ياخشىراق ئوينىدى…
گېرمانيەنىڭ قايتارما ھۇجۇمى يەنىلا كۈچلۈك، لېكىن تىكى تاكا يامان ئەمەس سىڭىپ كىرىپتۇ، سەپ شەكلىدىن تارتىپ بايرىننىڭ 4141 سەپ شەكلى…، ھەممىسى ئاران تۇرىدىغانلا بوپ قاپتۇ، مۈللىرىنىڭ يېتىۋېلىشى، ھىدرامۇ بار تېخى، مۇشۇ يەرلىرى ئازراق كۆزۈمگە سىغمىدى، لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن ياخشى ئوينىدى، ئۆزىلمۇ يامان ئەمەس ئوينىغان، ھامان ھۇجۇمچىنىڭ يوقلىقى چاندى، گۆتزى ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇتالمىدى، يەنىلا ھۇجۇمچى ئەمەستە، لېف كېيىنكى مۇسابىقلەرنى ئويلاپ قالدىمۇ ئۆزىل بىلەن مۈللىرىنى تېزلا چۈشۈرۋالدى…
قارىسام رونالدونىڭ رىكورتى ئۈچۈن كىلوزنىڭ ئەكىلىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، ئىككىدىن توپ ئۇرغانلار خېلى كۆپ، مۈللىر ئۈچنى ئۇردى، بۇنىڭ توپى سەككىزگە يەتتى، بۇ قېتىم يېڭى رىكورت بارلىققا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ…
ما مۇسابىقە ئىككىلى تەرەپكە زور بەدەل تۆلەتكۈزدى، پورتۇگالىيەنىڭ ئۇتتارغىنىغا باقماي كوئىنتىراۋ بىلەن ئالمىدا يارلاندى، پى پى قىزىل كارتا، گېرمان تەرەپتىن خۇملىس يارلاندى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:49:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پى پى بىلەن پەقەت خۇشۇم يۇختى بەك ياخشى بولدى قىزىل كارتا بىرىپ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 10:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاۋانى تۇمان باستى .. پورتۇگالنى گېرمان ..  كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كەپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-17 10:54:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە گىرمانىيە تەرەپ بولۇپ مۇسابىقە كۆرگەن بولساممۇ ئۇنچە بەك خۇشھال بولمۇدۇم، ھېچ بولمىسا ئاۋال 1:1 بولاپ ئاندىن ئۇتىۋالغان بولسا قانچە خۇش بولاتتىم ھە، پورتىگال بەكلا بوش ئوينىدى،قىززىغان بىر مۇسابىقە بولامدىكى دىسە، رونالدومۇ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغانلا جانسىز ئوينىدى، يا ئۇتتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ بولغاچ رونالدونى بىكارغا چىقىرىپ قويدىمۇ…
كوئىنتىراۋ بىلەن ئالمىدانىڭ يارلىنىشى، پى پىنىڭ قىزىل كارتا يىيىشى پورتىگالىيە تېرىنىرىنىڭ ئادەن ئالماشتۇرشىنى ئاستىن ئۈستىن قىلىۋەتتى، تۈزۈك تاكتىكىلىق ئۆزگۈرۈش قىلالمىدى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-21 13:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش