تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1440|ئىنكاس: 51

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى 10 چولپاننىڭ چىرايى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 23:52  



         دۇنيا لوڭقىسىدىكى 10 چوڭ داڭلىق چولپاننىڭ چىرايى، شۇنداقمۇ ئوخشىغان بارمۇ؟
      ئارجىن روببىن VS جېسون ستاتخېم
    گوللاندىيە مەستانىلىرى تەرىپىدىن ‹‹ كىچىك ئۇچار پالۋان›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن روبىن بولسا دۇنيا بويىچە سۈرئىتى تىز ھەم ئەجەللىك زەربە بەرگۈچ يان ھۇجۇمچى، ئۇ نىڭ چىراي شەكلى  بىلەن داڭلىق كىنو ئارتىسى جىسون سىتاتخېمنىڭكى  چىراي شەكلى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىتاتخېم ھەركەتلىك فىلىم ئىشلىگەن ۋاختىدا دائىم ئۆزى بىۋاستە نەخ مەيدانغا بېرىپ رولغا چىقىدىكەن، بەلكىم ئۇ روبىننىڭ كەتكۈزۈپ قويغان ئاشۇ نۇقتا توپلىرىنى قۇتقۇزىۋېلىپ قالالىشى مۇمكىندەك قىلامدۇ قانداق؟


2.كىرىستىيانو رونالدو VS داۋى  فىرانكو
كىرىستىيانو رونالدو تونۇمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان پۇتبولچى، كىرىستىيانو رونالدو ئۇدا ئالتون توپ مۇكاپاتى ۋە مادىرىتنىڭ ئۇزغانلىقتا چىمپىيون بولىشىغا كۆپ كۈچ قوشقان، مادىرىتمۇ ھەم ئەجىرگە يارىشا ئۇزغانلىقتا 10—لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ پۇتبولچىنىڭ تېخنىكىسىغا ھەم ئويناش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكىدىن ھەممە ياختۇرىدۇ، ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسىگە قايىل بولمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك، ئۇ يەنە نۇرغۇن ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىدۇ،ھەم يەنە ياشلارنىڭ ئامراق پۇتبولچىسىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا توردا كىرىستىيانو رونالدوغا ئىنتايىن ئوخشايدىغان داڭلىق چولپان داۋى فىرانكو بىلەن ئوخشايدىغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە رەسىم غۇلغىلا قوزغىغان، سىنچىلاپ قارىسا ھەقىقەتەن ئوخشاپ قالىدىكەن.



3.توماس مۇللېر VS ئەندىرېۋ گارفىيلېد
2010-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابقىسىنى ئەسلەيدىغان بولساق، مۇللېرنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولدى، ھەمدە دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.سەبدىشى ماركو رويىسنىڭ يارلىنىش سەۋەبلىك چېكىنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم يەنىمۇ بىرقېتىم ياخشى ئويناپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كىلەتتى، شۇندىلا گىرمانىيىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردىمى تىگەتتى.
رەسىمگە قارايىدىغان بولساق، مۇللېر بىلەن گارفىيلېد ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.



4.ئەندىرا پىرلو VS جاۋىر بەردەم
بۇ ئىتالىيە ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسىنىڭ تېخنىكىسى ھەر جەھەتتىن ياخشى، يەنە مەردۇ-مەردانلەرچە روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.2012-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابقىسىدە، بىر چىرايلىق تەپكەن نۇختا توپى بىلەن ئېنگىلاندنى يېڭىۋالغان، بۇ قېتىمملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىدىمۇ، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان بولۇپ، سەبدىشىغا ناھايىتى ياخشى توپ ئۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ھەم بىر ئىختىيارى توپنى ناھايىتى چىرايلىق تەپكەن ئەپسۇس، ۋارتارنىڭ تۆمۈر تەرىپىگە تېگىپ كەتكەن، بۇ توپمۇ كىرىپ كەتكىلى ئازلا قالغانتى.....
ئۇنىڭمۇ چىراي شەكلى بىر داڭلىق چولپانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، رەسىم قىلىنىپ كۆپچىلىككە سۇنۇلدى، ھۇزۇرلانغايسىلەر.



5.ئولىۋېر گىرۇد VS ئادەم لېۋېن
بىرى بولسا فىرانسىيەنىڭ يان ھۇجۇمچىسى، يەنە بىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىلىشكەن (بەدەن قۇرۇلمىسىغا قارىتىلغان) كىشلەردۇ. ھەر ئىككىلىسدە قاملاشقان چىراي شەكلى بار ھەتتا ئىككىلىسنىڭ چىراي شەكلى بىر-بىرسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئولۋېىر گىرۇدنىڭ سەبدىشى  فىرانك رىبىرىنىڭ يارلىنىشى سەۋەنلىك مۇسابىقىدىن ئايرىلىشى، ئولۋېىر گىرۇدنىڭ زىممىسىغا تېخىمۇ ئېغىر ئەمما ناھايىتى شان-شەرەپلىك بىر ۋەزىپىنىڭ چۈشكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.



6.كولو تورى VS ئىدىرس ئەلبا
   ‹‹ دېڭىز ياقىسىدىكى چولپان›› ناملىق فىلىمدە ئىدىرىس ئەلبادىنمۇ مۇۋاپىق نامزات بار دەمسىز؟ نىمە، كولو تورىنى دەمسىز؟ توغرا، توغرا، بۇ ئىككەيلەننىڭ چىراي شەكلى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كەسپىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ باقسا قانداق بولىدىغاندۇ؟  بىراق، ئارسىنال پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۇشبۇ پۇتبولچىنىڭ لىۋىرپۇلغا يۆتكىلىش ئىشى مەڭگۈ ئىسىدىن چىقمىسا كېرەك.



7.فابرىگاس VS زاچىرى كۇيىنتۇ
فابرىگاسنىڭ 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابقىسىدە مەيدانغا چىققان ۋاختى ناھايتى ئاز، ئەمما ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىنىستاغا ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بېرىپ، گوللاندىيەنى يىڭىۋېلىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كىلىپ، ئىسپانىيەنىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ناۋادا ئىسپانىيەگە يەنە شۇ لوڭقىنى كۆتۈرۈش پۇرستى كېلىپ قالسا، فابرىگاس ئەڭ مۇھىمنىڭ مۇھىمىدۇر.



8.داۋىد لۇيىز VS رېدفو
چاچ پاسون جەھەتتىن ئامىركا كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىنىڭ ئالدىنقى ئەزاسى رېدفو غا ئوخشاش بولغان بۇ توپچى بولسا بىرازىلىيە پۇتبول چولپىنى داۋىد لۇيىس بولۇپ، ئۇ يېقىندا چىلسى تەرىپىدىن پارىژ كوماندىسىغا 60 مىليون 700مىڭ ئامىركا دوللىرىغا سېتىۋېتىلگەن، ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە باھاسى ئەڭ قىممەت بېك ھىسابلىنىدۇ. بۇقېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسدە ئۇ بىرازىلىيە كوماندىسنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئەزاسى بولىدۇ ئەلۋەتتە.



9.ۋېيىن رونى VS فىلا
   ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ كونا ئەزاسى رونى ئىككى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ھەمدە ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزى، ھازىرقى پۇتبولچىلار ئىچىدىن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان توپچىنىڭ بىرىس، بۇنى تونۇمايدىغانلار مېنىڭچە يوققۇ دەيمەن؟ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا گەرچە ئىتالىيەگە يىڭىلىپ قالغان بولسىمۇ،ئەمما ئىپادىسى يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولدى، بىر چىرايلىق پاس بېرىش نەتىجىسىدە سەبدىشى توپنى ئەپچىللىك بىلەن سولىۋەتتى، ھەم ئۇ ئۆزى بىۋاستە نۇرغۇن ھۇجۇمنى قوزغىغان بولسىمۇ ئەمما كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمىدى، تەپكەن توپلىرى ئازلا قالغان چۈشۈپ كەتكىلى......كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ئۆز ئىپادەڭنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرارسەن.
يېقىندا توردا رونىغا ئوخشايدىغان يەنە بىر چولپاننىڭ رەسىمى يوللاندى، بۇ چولپان خۇددى رونى بىلەن تۇققاندارچىلىقى باردەكلا ناھايىتى ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇمۇ كىشلەرنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولماقتا.



10.مېسسى VS كىرىستيىان بېل
مېسسى ئارگىنتىنانىڭ گىگانىت پۇتبولچىسى، ئۇ نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەستانىلىرى تەرىپىدىن پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. توغرا، ئۇ دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان توپچى، ئۇنىڭ تېخنىكىسى ۋە ئويناش ماھارىتى ھەممە كىشىنى مەست قىلىدۇ. ئۇنى تونىمايدىغان  كىشى بولمىسا كىرەك، بۇ توپچىغا ھەممە قايىل ئەلۋەتتە. ئەمما كىشلەر دائىم ئۇنىڭ بىلەن كىرىستىيانو رونالدونى سېلىشتۇرۇپ ئورۇنسىز جىدەللەرنى قىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىسنىڭ ئويناش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، سېلىشتۇرۇش ھاجەتسىز، ئوخشاش ئورۇن ۋە ئوخشاش ماھارەت-تېخنىكا، ئۇلار جىنىدا بىر-بىرسىنى سېلىشتۇرۇپ ئورۇنسىز جىدەل قىلىشمايدۇيۇ، ئەمما بىز شۇنداق قىلىمىز! بىز ئۇلارنى سېلىشتۇرغان بىكاردە؟ بەرىبىر بىز سېلىشتۇرغىنى ئۆتمەيدۇ ياكى ئىتىراپ قىلىنمايدۇ.بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئويناش ماھارىتىدىن ھۇزۇرلانساقلا بولىدۇ، ئۆز-ئارا قاتتىق تىگىشسەك ئۇلارغىمۇ-بىزگىمۇ بىرموچەنلىك پايدا كەلمەيدۇدە؟ دوستۇم سىز يەنە بۇ ئىككەيلەننى سېلىشتۇرۇپ، ئورۇنسىز جىدەل قىلامسىز؟
تۆۋەندىكىسى بولسا داڭلىق چولپان كىرىستىيان بېل بىلەن مېسسىنىڭ سۈرئىتى بولۇپ، مېسسى ساقال قويسا تامامەن ئوخشاپ كەتكۈدەك



ئەسلىي كىنو چولپانلىرىنىڭمۇ تەرجىمھالىنى بىللە يازاي دېگەن، ئەمما پۇتبول مۇنبىرىنىڭ خاسلىقى بىلەن شۇ رەسىمدېكى پۇتبولچىلارنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، چولپانلارنى قوشۇمچە قىلىپ قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى ياكى بەزىلىرىدە ئېلىپ بېرىلمىدى. پەقەت دوستلارنى كۆرۈپ ھۇزۇرلانسۇن ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. قالايمىقان ئېنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .... رەخمەت!

ۋاڭيى تورى
پالۋان
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بارىكالا . لىكىن بەزى رەسىملە چىقماي قاپتۇ  .  تەھرلەپ قويامسىز ،
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئوخشىتىش  بوپتۇ .
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچقايسىسى ئوخشىمايدىكەن
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا مۇسابىقىنېڭ ئۇيغۇرچە چۇشەندۇرلىشىنى  قايسى توربەتتېن كۆرىمىز؟
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رويات يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 23:56
باللا پورتىگال گىرمان نەق مەيدان كۈرۈش ئادىرىسىنى قال ...

تېلۋىزوردىن كۆرىۋاتىمەن گىرمان بىر توپ سولاپ ھازىر ئۈستۈنلۈكتە تۇرۋاتىدۇ
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پورتىگالنىڭ مۇداپىيە بىلەن ئوتۇرمەيداندا مەسىلە بەكلام ئىغىر.  
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نانى بەكلام  ئەخلەتكەنغۇ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Putbolqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 00:47  

ھەي ئىسىت خۇملىس يەنە بىرنى سالدى پېپې قىزىل كارتا يىدى      ئىسىت ئىسىت  مۇللىر يەنە بىرنى ئۇردى
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىستىيانو  رونالدودىن  باشقىسى  ھەمىسى  ئەخلەتكەنغۇ؟
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو  سەن ئۈچۇن  ئېچەىنىمەن ،  ئىسىت  . مۇشۇندامۇ   دۆلەتتە  تۇغۇلۇپ  قالغىنىڭ  ، سەندىن  باشقىسى  بىرتوپ  ئەخلەتكەنغۇ!!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-6-20 20:14 , Processed in 0.096966 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش